- تىزىملاتقان
- 2012-8-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-23
- ھوقۇقى
- 100
- جۇغلانما
- 3980
- نادىر
- 2
- تېما
- 114
- يازما
- 208
  
- يوقلىما
- 67
قىزغىنلىق- 1142 سەر
تىللا- 382 دانە
تۆھپە- 497 سەر
شۆھرەت- 599 سەر
    
| قايغۇلۇق خەۋەر: مۇھەممەتئېلى زۇنۇن تەشنايى ۋاپات بولدى
![201084145332UF860967679001254107373[1].jpg 201084145332UF860967679001254107373[1].jpg](data/attachment/forum/201209/07/071352ovq2hobh2o2vd7pn.jpg)
بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرىدىن بىرى، ئاتاقلىق شائىر، دىرامماتورگ، ئۇستاز ئەدىب مۇھەممەتئېلى زۇنۇن تەشنايى 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى كېچە سائەت 1 دە ئۈرۈمچىدە كېسەللىك سەۋەبىدىن ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ ۋاپاتى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۈچۈن زور يوقىتىش بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. مەرھۇم مۇھەممەتئېلى زۇنۇن تەشنايى 1939-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان. 1958-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. ئۈرۈمچى، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى قاتارلىق جايلاردا ئوقۇتقۇچى؛ قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكى، شىنجاڭ ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىكى قاتارلىق جايلاردا كەسپىي ئىجادىيەتچى بولۇپ ئىشلىگەن. 1955-يىلى ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان. 1982-يىلى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىئىيىتىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن. مەرھۇمنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «گۈلمېھرى»، «سەھەردىكى ئۇچىرىشىش»، «ئاچا-سىڭىل»، «جەنۇپتىكى جەڭ مارشى» قاتارلىق شېئىر، ھېكايە، دىرامما توپلاملىرى بار بولۇپ، «قۇچاقلا، ئۇ سېنىڭ داداڭ» ناملىق شېئىرى تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەت ئەسەرلىرىنى باھالاشتا 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، «گۈلمېھرى» داستانى ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە 2-دەرىجىلىك ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا، «ئۈچ دوست» غەربىي شىمال بويىچە مۇنەۋۋەر تېلۋىزىيە تىياتىرى سىناريىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا asrar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-7 07:15
|
|