پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2356 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 179|ئىنكاس: 10

تۇيۇق غوجام مازارى كەنتى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 4

يوقلىما
37
قىزغىنلىق
456 سەر
تىللا
111 دانە
تۆھپە
249 سەر
شۆھرەت
303 سەر

كومپىيۇتىر ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 12:25:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار !
تۇيۇق غوجام مازارى كەنتى تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ پىچان ناھىيەسىگە جايلاشقان بولۇپ كۆلىمى بىرقەدەر چوڭ بولغان ئۇيغۇر مەھەللىلىرى تىرىك موزىيى دىيىشكە بولىدۇ .
مەن 2012 - يىلى 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى بۇيەرنى زىيارەت قىلغىلى بېرىپ 300 پارچىدىن ئارتۇقراق سۆرەتلىرىنى تارتىپ كەلدىم دوسلار بىلەن بىللە بەھرىلەنگۈم بار . بەلكىم بۇندىن كىيىن بۇنداق مەنزىرىلەرنى كۆرەلمەسلىكىمىز مۇمكىن
تۇيۇق مازار يېزىسىدىكى ئاھالىلەر توپا–ياغاچ قۇرۇلمىلىق ئىككى–ئۈچ قەۋەتلىك تەكشى ئۆگزىلىك ئۆيلەردە ئولتۇرىدۇ . باشقا رايونلار بىلەن ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى ، بۇ يەردىكى ھەر بىر ئۆينىڭ ھويلىسىنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىغا چوڭ ئۆگزە ياسىلىپ ، تۆت ئەتراپى بىلەن ئۆگزىدە ئوخشاشلا شامال ئۆتۈشىدىغان روجەك بىلەن تۈڭلۈك بولىدۇ . كۆپىنچە ئۆگزىلەرنىڭ ئۈستىدە خام قىشتىن قوپۇرۇلغان تۆت تەرىپىدە ھاۋا ئۆتۈشتۈرۈش تۆشۈكى بولغان قۇرۇتۇش ئۆيى بولۇپ ، بۇ ئۆي ئۈزۈملەرنى تاللاش ۋە قۇرۇتۇش ئۈچۈن ئازادە بوشلۇق يارىتىپ بىرىدۇ . بۇ ئۆي چۈنجە دەپ ئاتىلىدۇ . بەزى چۈنچىلەرنىڭ ئۆگزىسىدە يەنە مىھمان كۈتۈش ، سالقىنداش ئۈچۈن مەخسۇس سايىۋەن ياسىلىدۇ
تۇيۇق مازار يېزىسىدىكى ئاھالىلەر شىنجاڭدا بۈگۈنگىچە بىر قەدەر مۇكەممەل ساقلىنىپ قالغان ئۇيغۇرلار ئاھالىسى . بۇ يەرنىڭ قۇرۇلۇش شەكلى كۆپ خىل بولۇپ ، ئەنئەنىۋى خام قىش ئۆيلەردىن نەپىس ئىشلەنگەن چوڭ ھويلا ، دۇكانلاردىن تارتىپ ھەر خىل پاسوندىكى قۇرۇلۇشلار بار بولۇپ ، ھەقىقى بىر تىرىك ئۇيغۇرلار مەھەللە مۇزېيىغا ئوخشايدۇ
يەنە تۇيۇق مەھەللىسىگە جايلاشقان «ئەسھابۇلكەھف» مازارى يەرلىك تىلدا (تۇيۇق غوجام مازارى دەپ ئاتايمىز ئەدەتتە) بار بولۇپ ئۇنىڭ تارىخى سىرلىقراق تورداشلار مەن توپلىغان غوجامغا ئائىت ماتىريالنىمۇ بىللە سۇندۇم :

تۈۋەندىكى سۆرەتلەردە «ئەسھابۇلكەھف) مازارىنىڭمۇ رەسىملىرى بار . مازار بىلەن مەھەللە بىر تۇتاش بىر جايغا جايلاشقان






















تۇيۇق غوجام پىچان ناھىيە تۇيۇق يېزىسى مەھەللىسىنىڭ ئالدىدىكى يالقۇنتاغ تىزمىسىنىڭ تاغ قاپتىلىغا جايلاشقان بولۇپ، ئادەتتە; ئەسھابۇلكەھف مازىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تۇيۇق مازىرى جايلاشقان تاغدىكى غارلاردا تۇرپان بۇددىسلىرىنىڭ 4-7- ئەسىر ئارىلىقىدا بىنا قىلغان تاشكېمىر تەسۋىرى سەنئەت خەزىنىلىرى ساقلانغانىدى. ئىسلامىيەتتىن كېيىن، يەرلىك ئاھالىلەر ئۇنىڭغ
; ئەسھابۇلكەھف; نامىدا سىرلىق ئىسلام يېپىنچىسىنى كىيدۈرگەن. بۇ خىل نام ھازىر دۇنيادىكى 10 دىن ئارتۇق جايدا تەكرارلىنىپ كەلمەكتە، غار ئىچىدە ئۇخلاۋاتقانلار يەتتە ئەۋلىيا( رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، غارنىڭ ئىچىدە ئۇخلاۋاتقانلار ئالتە ئادەم، بىر ئىت بولۇپ،بۇلار يەملەيخا، يەكسەلمەينا، ياۋايو يۇنۇس، ئازارپەت يۇنۇس، كەپۇنەت يۇنۇس، كەلبىھۇم ۋە قىتمىر دېيىلىدىغان بىر ئىت ئىكەن) دەپ رىۋايەت قىلىنىدۇ
- يىللاردا تۇيۇقتا ئوقۇتقۇچى بولغان ئىسمايىل رەجەپ ئاكا تۇيۇقتىكى ئەسھابۇلكەھف مازىرى تۇغۇرلۇق تۆۋەندىكى رىۋايەتنى خاتىرلىگەن: يەمەندىن بەش كىشى( مەرنۇش، زەبەرنۇش،شادىنۇش، يەملەيخا، مەكسەلمەينا قاتارلىقلار) ھەقىقەتنى، ھەقىقىي خۇدانى ئىزدەپ سان-ساناقسىز يۇرتلارنى كىزىپ، يالقۇنتاغ; دىيارىغا يېتىپ كەپتۇ. بۇ چاغدا بۇ يەرنىڭ پادىشاھىنىڭ ئىسمى دەقيانۇس ئىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ كارامىتىنىڭ بارلىقىغا باشقىلارنى ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن، ئاخشىمى باشقىلار بىلەن قىمار ئوينىغاندا بىر دانە قارا چىراغنى ياندۇرۇپ، ئۇنى مۈشۈكنىڭ بېشىغا قويۇپ قويىدىكەن. بۇ مۈشۈك قىمار تۈگىگىچە قىمىر قىلماي، چىراغنى بېشىدىن چۈشۈرىۋەتمەي جىم ئولتۇرىدىكەن. كىشىلەر بۇ مۆچىزىنى كۆرۈپ ،پادىشاھ دەقيانۇسنى;<خۇدا> دەپ ئېتىقاد قىلىدىغان بولۇپتۇ. بۇ ئەھۋاللاردىن خەۋەر تاپقان بۇ بەش كىشى بۇ ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى بىلىش ئۈچۈن، پادىشاھ دەقيانۇس ھوزۇرىغا زىيارەتكە بارماقچى بولۇپتۇ. دەقيانۇس ئۇلارنى ئاخشىمى قۇبۇل قىپتۇ. مېھمان بىلەن ساھىبخان ئوتتۇرىسىدا كۈتۈش، ھال-ئەھۋال سوراش رەسمىيەتلىرى ئورۇندىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئادەتتىكىدەك قىمار باشلىنپتۇ. بۇ كىشىلەر قارىسا ھەقىقەتەن مۈشۈكنىڭ بېشىغا قويۇلغان بىر دانە قارا چىراغ ئىچىدە پىلىك يېغى بىلەن پارقىراپ يېنىپ تۇرغۇدەك. مۈشۈك مىدىر-سىدىر قىلماي ، ياغنى تۆكۈۋەتمەي جىم ئولتۇرغۇدەك. بۇ كىشىلەرمۇ بۇ ئىشقا ھەيران قاپتۇ. لېكىن، ئۇلار بۇ يەرگە كەلگۈچە ئالدىن ئېلىۋالغان بىر دانە چاشقاننى ئېھتىياتچانلىق بىلەن يەڭ ئىچىدىن چىقىرىپ قويۇپ بېرىپتۇ. مۈشۈك چاشقاننى كۆرۈش بىلەن بېشىدىكى چىراغنى يېقىتىپ چۈشۈرۈپ، چاشقاننى قوغلاپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن دەقيانۇسنىڭ يالغان خۇدالىق سىرى; پاش بولۇپ قاپتۇ. دەقيانۇس بۇ ئىشنىڭ كىمنىڭ قىلغانلىقىنى بىلىپ، ئۇلارنى دەرھال تۇتۇشقا بۇيرۇق چۈشۈرۈپتۇ. مۇنداق بولۇشىنى ئالدىن سەزگەن بۇ كىشىلەر دەھال شەرقىي شىمالغا; قاراپ قېچىپ كېتىپتۇ. يولدا ئۇلارغا يول باشلايدىغانلار بولۇپ دەقيانۇسنىڭ قويچىسى كەشپۇتەت قوشۇلۇپتۇ. قويچىنىڭ ئىتى قىتمىرمۇ ئەگىشىپ كېلىۋەرگەنلىكتىن، ئۇرۇپ پۇتىنى سۇندۇرۇپ قويۇپتۇ. ئىتنىڭ يەنىلا توكۇرلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن يەمەنلىكلەر ئىتنىڭ ئىگىسىگە بولغان ساداقەتمەنلىكىدىن تەسىرلىنىپ، ئىتنى كۆتۈرۈپ مېڭىشىنى بويرۇپتۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار بىر ھازا مېڭىپ،50-60 يول يىراقلىقتىكى تۇيۇق ئېغىزىغا يېتىپ كېلىپ، غارغا كېلىپ سۇقۇنۇپتۇ. دەقيانۇسنىڭ ئادەملىرى ھەممە يەرنى ئىزلەپ تاپالماي، ئۆمۈچۈك تورلىرى قاپلاپ كەتكەن، ئۇلار بۇ يەرگە كىرمەپتۇ، دەپ قايتىپ كېتىپتۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ كىشىلەر دەقيانۇسنىڭ ئادەملىرىدىن قۇتۇلۇپ قاپتۇ، ئاندىن ئۇلار ئىشقىلىپ بىر مەزگىل ئۇخلىغاندىن كېيىن ئويغىنىپ، قوسىقىنىڭ ئاچقانلىقىنى ھېس قىپتۇ. مەسلىھەتلىشىپ ئىككى كىشىنى تاشقىرىغا يېمەكلىك سېتىۋېلىشقا ئەۋەتىپتۇ. بۇ ئىككى كىشى غاردىن چىقىپ، غار ئالدىدىن ئېقىۋاتقان ئۆستەڭ بويىغا چۈشۈپ، يۈز- قوللىرىنى يۇيۇپ بولۇپ ، ئەپراپتىكى كىشىلەردىن يېمەكلىك سېتىۋالماقچى بولۇپ، بىر نەچچە تەڭگىنى چىقىرىپ ئۇلارغا سۇنۇپتۇ. كىشىلەر بۇ تەڭگىلەرنى كۆرۈپ، بۇ 300 نەچچە يىل بۇرۇنقى پادىشاھ دەقيانۇس زامانىسىدىكى تەڭگىلەر ئىكەن، پادىشاھ دەقيانۇس ئاللىقاچان ئۆلۈپ كەتتى دېيىشىپتۇ، بۇ كىشىلەر ; بىز بۇ غاردا بىر كېچە - كۈندۈز ئۇخلىغاندەك قىلىۋىدۇق> دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ يەردىكىلەر بۇ غاردىكى كىشىلەر ئۇلۇغلار ئىكەن، دەپ غارنى مازار قىلىپ،< ئەسھابۇلكەھف> مازىرى ، يەنى< غار كىشىلىرى> مازىرى دەپ ئاتاپتۇ.
تۇيۇق غارىنىڭ قۇرئاندا ئېيتىلغان < ئەسھابۇلكەھف> غارى ئەمەسلىكىنى ئەينى زامانلاردىلا موللا مۇسا سايرامى < تارىخىي ھەمىدى> ناملىق ئەسىرىدە پاكىتلار ئارقىلىق رەت قىلغانىدى.
تۇيۇق غۇجامدىكى قەبرىلەر ئىچىدە بۇددا دىنى دەۋرىگە ئائىت قەبرىلەر بار. تۇيۇق غۇجامغا چىقىدىغان پەلەمپەيدە بىر چاسا تاش بار. ئۇ ئەينى دەۋرىدە بۇددا تۆۋرىكىنى تىكلىگەن ئۇلىغا قويۇلغان تاش. ئۇنىڭ چۆرىسىدە نېلۇپەر گۈل نوسخىسى ئويۇلغان. شەيىخلەر بۇ گۈل نۇسخىسىنى < ئاللا، ئاللا> دېگەن گەپ دەپ چۈشەندۈرىدۇ، تۇيۇق غوجامنىڭ ئورنىدا ئەسلىدە
بۇددا دېنىنىڭ چوڭ ئىبادەتخانىسى بولغان. 1984- يىلى تۇرپان موزېيىنىڭ باشلىقى مەرھۇم
مەمەت ھاجىم بىلەن ئابلىم ئەپەندى تۇيۇق غوجام ئەتراپىدا قېزىش ئېلىپ بارغاندا، تۇيۇق غوجامنىڭ پەسرەك تەرىپىدىكى شەيىخلەر ئۆيىنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى ئېرىقنىڭ يېنىدىن قازغان ئىككى قەبرىدىن بۇددا دەۋرىگە ئائىت ساپال جەسەت ساندۇقى چىققان. بۇ شۇ چاغدىكى راھىبلارنىڭ قەبرىسى بولۇشى مۇمكىن.
تۇيۇق غوجام مازىرى جامە( چوڭ مەچىت) غار( كەھف) گۈمبەز، ئېتىكاپخانا ۋە قەبرىستانلىق قاتارلىق بىر يۈرۈش قۇرۇلۇشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 12000 كۋادرات مېتىر كېلىدۇ. ئەسلىدە جامە تۇيۇق ئالدى مەسچىت ياكى مەدرىسە دەپمۇ ئاتىلاتتى. جامە جىرانىڭ شەرقىي تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، ھازىر بۇ جامە مەۋجۈت ئەمەس.
غار بىلەن گۈمبەز تەخمىنەن 30-40 مېتىر ئىگىزلىكتىكى تاغ باغرىغا جايلاشقان، پۈتۈنلەي خىش
قۇرۇلمىلىق،ئۈستى يېشىل، مازارنىڭ چوققىسىغا ھېلال ئاي بەلگىسى ئورنىتىلغان، مازارنىڭ تۆت بۈرجىكىدە ئاق، قىزىل، يېشىل رەختلەردىن تىكىلگەن تۇغ قادالغان خادا بار ئىدى. گۈمبەزنىڭ ئاستىغا < غەللە ساندۇقى> ئورنىتىلغان ، ئۇدۇلىدا بىر غار بار، غارنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 60 كۋادرات مېتىر كېلىدۇ. بەش مېتىر ئىگىزلىكتىكى تام ئۈستىگە گۈمبەز ئورنىتىلغان، تورۇسلىرىغا
خىلمۇ- خىل نەقىشلەر ئىشلەنگەن. مازارنىڭ ئىچىدكى تام، تورۇسلارغا قىزىل، ئاق، يېشىل،قارا،
كۆك يىپەل رەخت لەۋھەلەر ئېسىلغان بولۇپ، بۇ لەۋھەلەردە ئەرەبچە، ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە
يېزىلغان يادنامىلەر بار ئىدى.
مەنبە- دوكتۇر راھىلە داۋۇتنىڭ< ئۇيغۇر لارنىڭ مازار مەدەنىيىتى ئۈستىدە تەتقىقات> ناملىق
دوكتۇرلۇق دېسسىرتاتسىيىسىسى يەنى <ئۇيغۇر مازارلىرى> ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ۋېروس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-6 12:41  

Rank: 4

قىزغىنلىق
456 سەر
تىللا
111 دانە
تۆھپە
249 سەر
شۆھرەت
303 سەر

كومپىيۇتىر ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 12:55:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوسلارنىڭ ياقۇرۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
739 سەر
تىللا
80 دانە
تۆھپە
360 سەر
شۆھرەت
409 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 14:38:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرادەر ، تۇيۇق غوجام مازىرى ھەققىدە يازمىچە تەپسىلى مەلۇمات بەرگەندىن باشقا ، فوتۇ سۈرەتلەرنى كىرىشتۈرۈپ ، مۇنبەرنى ئاجايىپ ياخشى بىر ماتىرىيال بىلەن تەمىن ئېتىپسىز. مەن ئەسھابۇلكەھف مازىرىنىڭ تۇرپاندا ئىكەنلىكنى ئاڭلىغان بولساممۇ ، لېكىن ، ئۇنىڭ دەل تۇيۇق غوجام مازىرى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەنمەن . ئەمدى بىلىۋالدىم . رەھمەت سىزگە !
ئەتەڭنى ئويلا،ئۆگۈنۈڭنى ئويلىما.چۈنكى، ئەتەڭ يەنە بىر ئەتىگە ھامىلدار!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1730 سەر
تىللا
148 دانە
تۆھپە
770 سەر
شۆھرەت
801 سەر

مائارىپچىبايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسىتىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 15:24:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋېروس يوللىغان ۋاقتى  2012-9-6 12:55
دوسلارنىڭ ياقۇرۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن

ئەلۋەتتە ياقتۇرىمىز...سىز تۇرپان تۇيۇقلۇقمۇ؟
تۇيۇق قەدىمىي مەدەنىيەت ئىزنالىرى ساقلانغان جاي!
ھەردۇقمۇشتا قامچا بار !

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3918 سەر
تىللا
510 دانە
تۆھپە
2355 سەر
شۆھرەت
2468 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش مەلىكىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 15:57:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋېروس ئەپەندىمنىڭ بايقاش مۇنبىرىگە ئېلىپ كەلگەن سوۋغىسىغا كۆپ رەھمەت ! بەك ئەھمىيەتلىك تېمىكەن ....قەدىمى مەدەنىيەت ئىزلىرىر.......

Rank: 4

قىزغىنلىق
456 سەر
تىللا
111 دانە
تۆھپە
249 سەر
شۆھرەت
303 سەر

كومپىيۇتىر ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 16:45:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نونى يوللىغان ۋاقتى  2012-9-6 14:38
بۇرادەر ، تۇيۇق غوجام مازىرى ھەققىدە يازمىچە تەپسىلى م ...

تۈزۈت قىلماڭ دوستۇم . بۇ مازارنىڭ تارىخى توغۇرلۇق قۇئان كەرىمدە بىرقانچە جايدا تىلغا ئېلىنىدىكەن شۇ جايلىق كىشلەرنىڭ دەپبېرىشىچە .

Rank: 4

قىزغىنلىق
456 سەر
تىللا
111 دانە
تۆھپە
249 سەر
شۆھرەت
303 سەر

كومپىيۇتىر ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 16:52:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
asrar يوللىغان ۋاقتى  2012-9-6 15:24
ئەلۋەتتە ياقتۇرىمىز...سىز تۇرپان تۇيۇقلۇقمۇ؟
تۇيۇق قە ...

ياق مەن تۇرپاننىڭ بۇيلۇق ساياھەت مەنزىرە رايونىدىن . مەن موتسىكىلىت بىلەن تۇيۇققا بارغان جەمى مۇساپە 140 كىلومېتىر كىلىدۇ بېرىپ كىلىشكە .

Rank: 4

قىزغىنلىق
456 سەر
تىللا
111 دانە
تۆھپە
249 سەر
شۆھرەت
303 سەر

كومپىيۇتىر ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 16:53:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
◤pari◥ يوللىغان ۋاقتى  2012-9-6 15:57
ۋېروس ئەپەندىمنىڭ بايقاش مۇنبىرىگە ئېلىپ كەلگەن سوۋغى ...

رەھمەت سىزگە !

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
463 سەر
تىللا
40 دانە
تۆھپە
208 سەر
شۆھرەت
238 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 17:11:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ۋىروس ئەپەندىمنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپ تېمىلىرىنى ئاچسام ۋىروس يۇقامدىكىن دەپ قورقۇپ ئاچمىغىلى ئاز قاپتىمەن . ئەسلىدە ۋىروس ئەپەندى ناھايتى ئېسىل تېما ئېلىپ كەپتۇ ئەمەسمۇ،  ئەگەر بۇ تېمىنى كۆرمىگەن بولسام بەكمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولاركەن .ئەمدى قورقماي تېمىلىرىڭىزنى ئېچىپ كۆرەي .  
بىزنى مۇشۇنداق قەدىمى مەدىنيەت ياىدكارلىقلارى  بىلەن ئۇچراشتۇرغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت .

Rank: 4

قىزغىنلىق
456 سەر
تىللا
111 دانە
تۆھپە
249 سەر
شۆھرەت
303 سەر

كومپىيۇتىر ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 17:24:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرانە يوللىغان ۋاقتى  2012-9-6 17:11
مەن ۋىروس ئەپەندىمنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپ تېمىلىرىنى ئاچسا ...

خا خا خا ..... باش سۆرتۈمنى كۆرمىدىڭىزمۇ . مەن دىگەن ۋېروسخور جۇما
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-21 10:46, Processed in 0.249436 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش