- تىزىملاتقان
- 2012-9-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-18
- ھوقۇقى
- 20
- جۇغلانما
- 272
- نادىر
- 0
- تېما
- 6
- يازما
- 13

- يوقلىما
- 16
قىزغىنلىق- 68 سەر
تىللا- 40 دانە
تۆھپە- 38 سەر
شۆھرەت- 45 سەر
  
| جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى باش دېرىكتورىنىڭ ھاجەتخانىغا كىرىشى
"نېمە قىلىدىغان ئادەمسىز؟" دەپ سورىدى ھاجەتخانىغا قارايدىغان ئايال كىشى ۋاقىراپ؛ "مەن جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى،مېنىڭ ئىشىم ...."دېدى ئۇ ، "ھازىر نېمە ئىش قىلسا ھەق ئېلىندىغانلىقىنى بىلمەمسىز؟"سورىدى ئايال، "بولىدۇ،نەچچە پۇل؟" "كىرسىڭىز 6مو ،چىقسىڭىز 3مو "دېدى ئايال ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپ، "نېمە؟ چىقسىمۇ پۇل ئالامسىلەر؟" ئۇنىڭغا ئالىيىپ تۇرۇپ، "نېمىگە قارايسىز؟ بىزنىڭ بۇ يەردە قوش يۆنىلىشلىك ھەق ئېلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان،ئەگەر سىز ھاجەتخانىغا كىرىش يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتىنى بېجىرسىڭىز تاق يۆنىلىشلىك ھەق ئېلىنىدۇ" دېدى ھېلىقى ئايال چۈشەندۈرۈپ. "ماقۇل، مەن تۆلەي" دېدى باش دېرىكتور ئون يۈەننى چىقىرىپ ، "چوڭىمۇ ياكى كىچىكى؟" ئايال پۇلنى تۇتۇپ تۇرۇپ سورىدى؛ "چوڭى،تىزرەك بولسىڭىز " "ھە، سىز يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت بېجىرمەكچىمۇ؟ ئەگەر سىز بىر يولىلا 50 قېتىم چوڭ تەرەت قىلسىڭىز يەنە 30 قېتىملىقى قوشۇپ بېرىلىدۇ" دېدى ئايال. "بولدى بولدى! مەن ئاۋال كىرىپ چىقىپ، ئاندىن پۇلىنى تۆلەي!" باش دېرىكتور كىرىپ كېتىپ، ئەڭ ئاخىرقى بىر تۆشۈكتە ئۇزۇنغىچە ئولتۇرغاندىن كېيىن ئاندىن چىقتى. "ئەپەندىم، سىزنىڭ ئولتۇرغىنىڭىز بەشىنچى نومۇرلۇق تۆشۈك،بۇنىڭ ئۈچۈن نومۇر تاللاش ھەققىگە بەش مو تۆلەيسىز؛ سىز ئىچىدە تۇرغان ۋاقىتتا مۇزىكىنى قويماڭلار دېمىدىڭىز، شۇڭا ھەر قېتىملىقى ئۈچۈن ئالتە مو؛ ئۇنىڭدىن باشقا سىز ئىچىدە 15 مىنۇت بىر سىكۇنت ئولتۇردىڭىز،ئالدىنقى بىر مىنۇتى بەش مودىن، كېيىن ھەر مىنۇتى تۆت مو بويىچە ھەق ھېسابلىنىدۇ، بىر مىنۇتقا توشمىغان ۋاقىت بىر مىنۇت بويىچە ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا سىزنىڭ چىقىرىش مىقدارىڭىز يەر ئاستى چىقىرىش سۇ يولىنى ئىگەللىۋالغانلىقى ئۈچۈن بۇنىڭغا ئايرىم ھەر ئايلىقى بويىچە 50يۈەن تۆلەيسىز. ئەڭ ئاخىرىدا سىز تامدىكى كىچىك تۆشۈك ئارقىلىق سىرىتتىكى ئادەملەرنى كۆرەلەيسىز، شۇڭا ئادەم كۆرسىتىش ھەققى ئۈچۈن بىر يۈەن تۆلەيسىز. " باش دېرىكتور ئاللىقاچان ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالغان ئىدى. "يەنە باش دېرىكتور ئەپەندىم، بۇ يەردە بانكا كارتىسى ئىشلىتىلمەيدۇ،نەق پۇلدىن جەمئىي 59.4 يۈەن تۆلىشىڭىز شەرت.ئەگەر ئۆز ۋاقتىدا تاپشۇرمىسىڭىز ھەركۈنلىكى ئۈچۈن ئومۇمىي سوممىنىڭ% 0.003 بويىچە جەرىمانە تۆلەيسىز، بۇنىڭغا قارىتا ئورنىمىز قايتا سىزگە ئۇقتۇرۇش قىلمايدۇ، جەرىمانە سوممسىى1000يۈەنگە يەتكەندە ئورنىمىز قانۇن ۋاستىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ". ھېلىقى ئايال ئەمدى سۆزلەپ بولۇشى كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى "پولتۇڭ" قىلىش بىلەن تەڭ ھاجەتخانا ئورىكىگە چۈشۈپ كەتتى. باش دېرىكتور ئەس-ھوشىنى بىلمىگەن ئاساستا ھېلىقى ئايالدىن"بۇ يەردە قانۇن بارمۇ يوق؟" دەپ سورىشى، ھېلىقى ئايال"مىنىڭ زىمىنىمدا مېنىڭ دېگىنىم ھېساپ" دېدى.
مەنبە:http://www.alkuyi.com/asar/show.php?mid=5854 |
|