پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2356 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 163|ئىنكاس: 6

ئاھ ، مۇئەللىم، مۇئەللىم[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
110
قىزغىنلىق
749 سەر
تىللا
46 دانە
تۆھپە
441 سەر
شۆھرەت
737 سەر

تىرىشچان ئەزادادىل ئەزا ئوردىنىمائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 13:15:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                   ئاھ ، مۇئەللىم، مۇئەللىم
  
    ئا ئۆتكۈر

(مەرھۇم ئابلىمىت سىدىققا مەرسىيە )

  شۇڭقار قولدىن ئۇچقاندەك،
يۇلتۇز كۆچۈپ ئۆچكەندەك،
كەتتى ئارىمىزدىن قەلبى ئويغاق بىر ئىنسان،
ئۇنىڭ ئېتى مۇئەللىم (نېمىدىگەن ئۇلۇغ ئۇنۋان ! )
ئاھ ، مۇئەللىم ، مۇئەللىم !

سەن تېخى ياش ئىدىڭ،
ئەلگە چىن قاياش ئىدىڭ،
ئەمدى بىلگەندە قەدرىڭ، قالدۇق سەندىن ئايرىلىپ،
سۇندى گويا بۇغدىنىڭ بىر قارغىيى قايرىلىپ.
ئاھ ، مۇئەللىم ، مۇئەللىم ،
ئەلۋىدا، ئەي مۇئەللىم !

بور توزغىقىنى يۇتۇپ،
ئاق توزانغا كۆمۈلۈپ،
دوسكا ئالدىدا ئۆمرۈڭ ئۆتكىنىنى كىم ئۇنتار،
قان-تەرىڭنى كىملەرگە تۆككىنىڭنى كىم ئۇنتار.
ئاھ ، مۇئەللىم، مۇئەللىم،
سېنى ئەسلەر ئەل دائىم.
بۇ گۈلىستان باغلاردا،
ئارچا ئۆسكەن تاغلاردا
ھەر قەدەمدە ئۇچرايدۇ سرنىڭ ئۆچمەس ئىزلىرىڭ،
يۇلتۇز كەبى چاقنايدۇ سانسىز ئوغۇل-قىزلىرىڭ.
ئاھ، مۇئەللىم ، مۇئەللىم،
ئەسلەر سېنى ئەل دائىم.

شۇڭلاشقىمۇ سەپ- سەپتە،
مىڭلىغان قول بەس -بەستە،
تاۋۇتۇڭنى باش ئۈستى كۆتۈرۈشۈپ ماڭغاندا،
نىمە دىدى  بىلەمسەن ئەل-جامائەت شۇ چاغدا ؟
ھۆرمەتلەنگەن بۇ يۇرتتا كىمنىڭ تاۋۇتى بۇنداق،
قايسى ھاكىم، قايسى بەگ ، قايسى مەنسەپدار شۇنداق.
چۈنكى سەن-سەن مۇئەللىم،
ئەسلەر سېنى ئەل دائىم.

تاۋۇت ئاستا ماڭماقتا،
كوچا تارلىق قىلماقتا.
يۈزلىگەن ياش كۆچەتلەر قاتار ئىككى قاسناقتا،
ياشلىق كۆزلەر ئۇزىتار تاۋۇتۇڭنى شۇ تاپتا.
بىلسەڭ ئىدىڭ كىم ئۈچۈن بۇ قايغۇلۇق دەقىقە،
ھەركىمگە تىگىۋەرمەس مۇنداق قۇتلۇق نىسىۋە.
ئاھ ، مۇئەللىم ، مۇئەللىم،
ئەسلەر سېنى ئەل دائىم.


Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
739 سەر
تىللا
80 دانە
تۆھپە
360 سەر
شۆھرەت
409 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 14:18:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جىق جاپا چېكىپسىز، رەھمەت سىزگە!
ئەتەڭنى ئويلا،ئۆگۈنۈڭنى ئويلىما.چۈنكى، ئەتەڭ يەنە بىر ئەتىگە ھامىلدار!

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
607 سەر
تىللا
70 دانە
تۆھپە
380 سەر
شۆھرەت
480 سەر

كومپىيۇتىر ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 14:45:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يىزىپسىز جۇمۇ   

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
463 سەر
تىللا
40 دانە
تۆھپە
208 سەر
شۆھرەت
238 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 16:32:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ پەقەت «مەرھۇم ئابلىمىت سىدىققا » يېزىلغان مەرسىيە  بولماستىن بەلكى پۇتۇن ئۆمرىنى دوسكا ئالدىدا تۇرۇپ ،  ئەۋلاتلارغا بېغىشلىغان ھەم بىر ئېغىزمۇ ۋايسىماي مىللىتىمىزنىڭ مائارىپى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان مەرھۈم مائارىپچىلىرىمىزغا ئېيتىلغان مەرسىيە بولغىدەك .
رەھمەت سىزگە .

Rank: 1

قىزغىنلىق
25 سەر
تىللا
6 دانە
تۆھپە
15 سەر
شۆھرەت
18 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 11:57:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ شۇنى دىمەكچى ،بۇ پەقەت «مەرھۇم ئابلىمىت سىدىققا » يېزىلغان مەرسىيە  بولماستىن بەلكى پۇتۇن ئۆمرىنى دوسكا ئالدىدا تۇرۇپ ،  ئەۋلاتلارغا بېغىشلىغان ھەم بىر ئېغىزمۇ ۋايسىماي مىللىتىمىزنىڭ مائارىپى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان مەرھۈم مائارىپچىلىرىمىزغا ئېيتىلغان مەرسىيە بولغىدەك .
رەھمەت سىزگە

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1058 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 23:12:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە بولسا يەنە يوللاڭ
ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ

Rank: 1

قىزغىنلىق
77 سەر
تىللا
8 دانە
تۆھپە
38 سەر
شۆھرەت
43 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-7 16:58:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان مەرسىيە ئىكەن  رەھمەت سىزگە!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-21 11:22, Processed in 0.133813 second(s), 32 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش