- تىزىملاتقان
- 2012-5-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-15
- ھوقۇقى
- 99
- جۇغلانما
- 2894
- نادىر
- 0
- تېما
- 67
- يازما
- 172
  
- يوقلىما
- 110
قىزغىنلىق- 749 سەر
تىللا- 46 دانە
تۆھپە- 441 سەر
شۆھرەت- 737 سەر
  
| توۋا دەيمەن، توۋا
ئاپتورى: ئا ئۆتكۈر
توۋا دەيمەن، توۋا... ھەددىدىن ئېشىپ، بۇلدۇقلاپ تېشىپ، قازاننى قويۇپ ئېغىزدا قاينايدىغان بوپتۇ توۋا!
‹‹ساھات تىلىسەڭ ئاز يە، ئىززەت تىلىسەڭ ئاز دە ›› دەيتتى ئاتا-بوۋىمىز، لېكىن بىزنىڭ بەزىمىز پۇتتا ئەمەس، ئېغىزدا، قۇرۇق مېڭىپ ئېڭىزدا، شەر ئالىدىغان بولدۇق، توۋا دەيمەن ، توۋا...
كۆز ئىككى، قۇلاق ئىككى، قول ئىككى ئاياغ ئىككى، ئېغىز، بۇرۇن بىر پەقەت، شۇنىڭ ئۆزى بىر ھىكمەت... شۇنداق تۇرۇقلۇق ئەمدى، ئېغىزغا يۈكلەپ يۈكنى، ئوڭ-تەتۈر كىيىپ بۆكنى، گەپ- سۆزدىن ‹‹سۈخەن›› توقۇپ، سىۋەت-سىۋەتتە ساتماقنىڭ نىمە لازىمى، توۋا!
ھەي چوكا، ھەي سەن چوكا، ( توۋا دەيمەن ، توۋا ) ئاش يەيدىغان ئەسۋاپنى نىمە قىلىۋالدۇق ئەمدى؟ بۇنى ئېيتىشقا، دوستلار، تىلىم بارمايدۇ زادى. ئاتىدىن قالغان ئۇدۇممۇ ياكى مىراس تۇلۇممۇ، يا پەيلىمىزگە لايىق بىر لەنىتى كۆرۈممۇ؟ توۋا دەيمەن، توۋا !
بۇندىن ئون نەچچە يىل بۇرۇن، ھېلىقى ساراڭ قۇيۇن ئېچىۋەتكەن ئوخشايدۇ بەزى كونا گۆرلەرنى. تامدىن تارىشا چۈشكەندەك، ئەرۋاھ تىرىلىپ چىققاندەك، بازارغا كىرىپ قاپتۇ لەنەت تەككۈر ‹‹ لىق›› ۋە ‹‹ لىك ››، ‹‹ سەن سەھرالىق، مەن شەھەرلىك، ئاۋۇ ئاداش قەيەرلىك؟ ›› دەيدىغان ئۆتمەس ماتا ( بەزىلەر زورلاپ ساتا،) توۋا دەيمەن، توۋا!
بۇ گەپلەر تېخى ئازدەك، ئۇچىغا چىققان مازدەك، سۈرۈشتۈرۈپ ئۇستىخان، ‹‹ مەن پالانى، سەن پالان، مېنىڭ ئەسلىم ئېسىل زات، ئېسىللىكتە تاپقان ئات. پالانچى ئۆزى كىمكەن، ئۇ مېنىڭ تېڭىممىكەن؟›› دەيدىغان لاۋزىلىقلار ئەدەپ قاپتۇ خېلىلا، توۋا دەيمەن، توۋا!
يەنە قاراپ نەسەبكە، مەرتىۋە ھەم مەنسەپكە، تۆرمۇ تالىشىدىغان بولدۇق سۈزەڭگۈر خېنىملاردەك، ئولتۇرىشىمىزمۇ قالتىس، غادايغان بېگىملاردەك. قايسىبىرىنى ئېيتاي، توۋا دەيمەن، توۋا ! |
|