جان بالىخان
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت
تولۇنلۇق ئىستىمەيدۇرمەن، ھىلالىڭ بولسا جان بالىخان، كېچەڭدە ماڭا بىر لەھزە ۋىسالىڭ بولسا جان بالىخان.
كۆيۈك ئاسماندا كۈننىڭ قات-قېتىدا داغلىرىم قالدى، چىپار تۇپراقلىرىمدا ئۈن، ئامالىڭ بولسا جان بالىخان.
ئۇچۇپ كەلمەسمىدىڭ ھەتتەڭ، شوراڭدىن ئاتلىغان ئاخشام، قاناتى سۇنمىغان ئەنبەر شامالىڭ بولسا جان بالىخان.
چىمەنلەر ئىزتىراپ ئەتسە ئۈنەردىڭ قارچۇقۇمدا بىر، يېشىمدىن كۆكلىگەن سەرۋى نىھالىڭ بولسا جان بالىخان.
كېلەردىڭ كەربالالاردىن يولۇڭدا پۇلسىرات ئۈنسە، ھىدىڭغا ئىنتىزار كۈلبەم قارالىڭ بولسا، جان بالىخان.
لېۋىڭدە ئېچىلاردى گۈل، پورەكلەپ سۆيگۈ بەرگىدە، مېنى بىر چوككىدە سۆيمەك خىيالىڭ بولسا، جان بالىخان.
يېقىپ جەھلىمگە ئاتەشنى، يۇلۇپ ئال جاننى ھىجرىڭدە، ئۆزۈڭ سالغان مۇھەببەتكە سۇئالىڭ بولسا جان بالىخان!
2012-يىلى، 9-ئاينىڭ4-كۈنى، يېڭىسار. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alahidin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-4 18:39
|