پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 258|ئىنكاس: 10

دەردىڭ يامان[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
65
قىزغىنلىق
1134 سەر
تىللا
380 دانە
تۆھپە
493 سەر
شۆھرەت
593 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-4 12:30:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

دەردىڭ يامان

ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت

يوللىرىڭغا تەلمۈرەرمەن ئىنتىزار، دەردىڭ يامان،
يۈرىكىمدە ئوتلىرىڭ بار بىغۇبار، دەردىڭ يامان.

مەن بىچارە، بارسا كەلمەس يولدا تەنھا تاز چېغىم،
ھەر نەپەس ئىشقىڭدا بولدۇم شەرمىسار، دەردىڭ يامان.

كېچىلەر باغرىڭ دېدىم، يۇلتۇزلىرىڭدەك تامچىلاپ،
ئىزلىدىم كۆكتە يېنىپ ئايدىن دىدار، دەردىڭ يامان.

كۆزلىرىمگە يەتتە قات ئاسماننى يايدىم سىغدۇرۇپ،
ئاختۇرۇپ ۋەسلىڭنى كۈندىن بەرقارار، دەردىڭ يامان.

مۇزلىغان دەريالىرىڭ، ھۇۋلايدۇ چۆللەر زارىقىپ،
تۈندىكى گۈلخان بولۇپ ياندىم بىدار، دەردىڭ يامان.

يۈرىكىمنى سۇغۇرۇپ كۆكسۈڭگە تاڭسام، نەيلەيىن،
لەۋلىرىم چاك-چاك بولۇپ تۇتقاي خۇمار، دەردىڭ يامان.

تاشقا ئايلاندى كىيىكلەر، ئالقىنىمدا تاغلىرىڭ،
قاپقارا ئۆڭكۈردە بىر تاش يالتىرار، دەردىڭ يامان...

2012-يىلى، 9-ئاينىڭ 4-كۈنى، يېڭىسار.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alahidin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-4 12:31  

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
2734 سەر
تىللا
435 دانە
تۆھپە
1669 سەر
شۆھرەت
1810 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-4 15:32:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كېچىلەر باغرىڭ دېدىم، يۇلتۇزلىرىڭدەك تامچىلاپ،
ئىزلىدىم كۆكتە يېنىپ ئايدىن دىدار، دەردىڭ يامان.


ھەر چۇشۇمدە سېنى ئەسلەپ   يۇرۇمەن شۇنچە ،
كۆرمىسەم مەن كۈندە سېنى ، ھالىم يامان .
دەيدۇ مېنى باشقىلار  چۇشۇپتۇ بايقاش ئوتى
  ئايرىلسا ئۇ گەر بايقاشتىن ، دەردى يامان .  

ياخشى يېزىپسىز . يۇرۇكىمنى قاپتەك قىلىپ ،  مەنمۇ قوشۇپ قويدۇم قوبۇل قىلىڭ .

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1134 سەر
تىللا
380 دانە
تۆھپە
493 سەر
شۆھرەت
593 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-4 16:42:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازمامغا نەزەر ئاغدۇرغىنىڭىزغا رەھمەت، گۈلزار خانىم!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
756 سەر
تىللا
80 دانە
تۆھپە
369 سەر
شۆھرەت
418 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-4 16:52:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناۋائى، مەشرەپلەرنىڭ غەزەللىرىدىن قېلىشمىغۇدەك پاساھەتلىك بوپتۇ.مۇشۇنداق نادىر غەزەللەرنى ئۈزمەي يېزىشىڭنى ئۈمت قىلىمەن
ئەتەڭنى ئويلا،ئۆگۈنۈڭنى ئويلىما.چۈنكى، ئەتەڭ يەنە بىر ئەتىگە ھامىلدار!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1134 سەر
تىللا
380 دانە
تۆھپە
493 سەر
شۆھرەت
593 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-4 17:01:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناۋائىي ھەزرەت ۋە مەشرەپلەر بىلەن سېلىشتۇرغىنىڭ ئېشىپ كېتىپتۇ، نادان ئىنىم!

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1064 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-4 20:26:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يوللىرىڭغا تەلمۈرەرمەن ئىنتىزار، دەردىڭ يامان،
يۈرىكىمدە ئوتلىرىڭ بار بىغۇبار، دەردىڭ يامان
يۈرىكىمنى سۇغۇرۇپ كۆكسۈڭگە تاڭسام، نەيلەيىن،
لەۋلىرىم چاك-چاك بولۇپ تۇتقاي خۇمار، دەردىڭ يامان

بۇ مىسرالار ماڭا بەك ياقتى  بەك ياخشى يېزىپسىز  ئۆمۈرىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن . يازمىللىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي .
ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
907 سەر
تىللا
198 دانە
تۆھپە
446 سەر
شۆھرەت
533 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-4 20:37:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەزمىلەر ناھايتى نۇرلىنىۋاتىدۇ بۇرادەر . ئىجادىي ئەمگەكلىرىڭ بەركەت تاپسۇن....

كۆرۈپ باق.


تاشقا ئايلاندى كىيىكلەر، ئالقىنىمدا تاغلىرىڭ،
قاپقارا ئۆڭكۈردە بىر تاش نۇر چاچار، دەردىڭ يامان...

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4382 سەر
تىللا
1182 دانە
تۆھپە
2413 سەر
شۆھرەت
2839 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 00:21:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل شېئىركەن، رەخمەت سىزگە. نادىر لىرىكىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي!
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
761 سەر
تىللا
346 دانە
تۆھپە
479 سەر
شۆھرەت
660 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 00:27:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭىز داۋاملىق دۇرلارنى تۆكۈپ تۇرسۇن !
قولۇڭدىن كېلىشىچە باشقىلارغا ياخشىلىق قىل .

Rank: 1

قىزغىنلىق
165 سەر
تىللا
28 دانە
تۆھپە
119 سەر
شۆھرەت
131 سەر

بايقاش شائىرىمائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 20:16:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشقى غەزەللەردىكى ئىلھاملىرى نىم دىگەن قايناق!ئىجادىيەتلىرى كۈندىن-كۈنگە گۈللەپ كەتسۇن!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 08:26, Processed in 0.139503 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش