ئۇستاز بايرىمىغا.
سابا كۆپ ئىكەن زاماندا خىلمۇ-خىل بايرام، قۇتلۇقلاپ ياڭرايدۇ ناخشا-ساز، مۇقام. ۋە لىكىن ئۇستازىم سېنىڭ بايرىمىڭ، بىر يىغىن يوسۇندا ئۆتىدۇ تامام.
قانچە كۈن بايرىمىڭ بىلمەيسەن شۇڭا، بايراممۇ؟ خىزمەتمۇ؟ بولمىغاچ چىگرا. ۋايساپمۇ كەتمەيسەن زىنھار ۋە زىنھار، بۇ يىغىن تۈگىسىلا بايرامغۇ ساڭا.
ئەمەستۇر بايرامنىڭ شاتلىغى ناخشا، ۋە ياكى رىستۇران زالدىكى تاڭسا. خوش قىلار كۆڭلىڭنى پەقەتلا سېنىڭ، ئەجرىڭدىن نۇر چاچقان سانسىز بۇغۇنلا.
سۆيگىلەر دېڭىزى دولقۇنلار ئارا، ئەۋلاتلار قۇت-نىشان تىلەيدۇ ساڭا. مۇبارەك بايرىمىڭ، ھالىڭغا مۇڭداش، قەلبىدىن گۈل-دەستە تىزدى ھەم سابا.
مەنبە: ئۆز قەلەم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا saba007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-3 22:50
|