پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2372 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 214|ئىنكاس: 9

مۇئەللىم (شاتگۈل)[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 3Rank: 3

يوقلىما
22
قىزغىنلىق
135 سەر
تىللا
3 دانە
تۆھپە
91 سەر
شۆھرەت
84 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 02:07:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مۇئەللىم



(بۇ شىئېرىمنى بارلىق جاپاكەش ئۇستازلارغا بېغىشلايمەن )



ئىلىم -پەن  نۇرىنى   چاچتىڭ  زىمىنغا ،
قاراڭغۇ   دىللارغا   مەشئەل    مۇئەللىم .
سەن قۇياش ، بېرىسەن ئىللىق ھارارەت ،
ئىنسانغا  روھىڭدىن  ئوزۇق  مۇئەللىم  .


سەن باتۇر ، سەن قورقماس ، ھارماس تۇلپار سەن،
جاھالەت   ئۈستىدىن   غالىپ   مۇئەللىم .
قانچىلاپ  مۇششەقەت  باسسىمۇ    يەلكەڭ ،
چېھرىڭدىن تەبەسسۇم ئۆچمەس مۇئەللىم  .


سەن  ئەلنىڭ  قەلبىدە نۇرلۇق ئابىدە  ،
ھۆرمەتكە  سازاۋەر  قۇياش  مۇئەللىم  .
سەبىيلەر    قەلبىدە  كۆيۈمچان   ئانا ،
تەرىپىڭ  تىللاردا   داستان   مۇئەللىم.


سەن بىلەن تاپىدۇ شان - شەرەپ ئالىم ،
دىلىنى لال قىلىپ   ئۇتقاچ    مۇئەللىم  .
سەن بىلەن  ئېچىلار  بارچىنىڭ   كۆزى  ،
ئىلىم - پەن  يولىنى  تۇتقاچ  مۇئەللىم .


يۈكسىلەر   بۇ دۇنيا   تاپقۇسى   روناق ،
سەن بەرگەچ ھەممىگە  ئىلىم   مۇئەللىم .
تاغ، دىڭىز ، دەريا - كۆل ، پۈتكۈل كائىنات ،
ئەجرىڭدە گۈل بولدى  ئىشچان  مۇئەللىم .


سەن بىلەن ئېچىلار  تىلسىملار   سىرى ،
تىلسىمنىڭ ئاچقۇچى سەندە مۇئەللىم .
سەن بىلەن  ۋەتىنىم ياشنايدۇ  ئەبەت ،
خەلقىمنىڭ ئۈمىدى  سەندە  مۇئەللىم  .



مەنبە : قەلىمىم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شاتگۈل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-3 02:08  

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
زەپەر + 2 + 3 + 3 + 3ياخشىكەن..!

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 2 تىللا + 3 تۆھپە + 3 شۆھرەت + 3  باھا خاتىرىسى

XAMسالاھىيىتىنى دەلىللەش 

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
3301 سەر
تىللا
1424 دانە
تۆھپە
1074 سەر
شۆھرەت
1332 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىكومپىيۇتىر ماھىرىپوتوشوپ ئۇستىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 05:40:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت قەلىمىڭىز ھارمىغاي، مەن يىغىپ ساقلاپ قويغان ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان مەدىھيەنى سىزگە ئىلھام سۈپىتىدە سوۋغا قىلاي.
ئوقۇتقۇچى- دىلىمىزنى يورۇتقۇچى شام.
ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچى ئالدىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان.
ئوقۇتقۇچى- مەن ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان ئىنسان.
ئوقۇتقۇچى -بور توزانلىرىدىن قورقمايدۇ.
ئوقۇتقۇچى- بوراندىن قورقمايدۇ.
ئوقۇتقۇچى -جاپا-مۇشەققەتتە ئەڭ ئالدىدا ماڭغۇچى.
ئوقۇتقۇچى -ۋەتەننى مىلتىق بىلەن ئەمەس، بور بىلەن قوغدايدۇ.
ئوقۇتقۇچى-مىللەتنىڭ ئۈمىدى.
ئوقۇتقۇچى-دەۋەر ئالدىدىكى ئەڭ ئېغىر يۈكنى ئۈستىگە ئالغۇچى.
ئوقۇتقۇچى-ئۇ ۋالاقتەككۈرۈپ ئەمەس،ئاۋازلىق كىتاب.
ئوقۇتقۇچى-پەن -مەدەنىيەت تارقاتقۇچى.
ئوقۇتقۇچى-باغرى ئەڭ يۇمشاق ئىنسان.
ئوقۇتقۇچى- كەلگۈسىگە،كېلەچەككە يول ئاچقۇچى.

ئادەمنىڭ ھاياتى قىسقىغىنە نەچچە ئون يىل بۇلىدۇ. بىر كۈندە نۇرغۇن ئادەم تۇغۇلۇپ، نۇرغۇن ئادەم ئۆلۈپ تۇرىدۇ. قى ...

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
766 سەر
تىللا
80 دانە
تۆھپە
369 سەر
شۆھرەت
418 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 06:27:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچى- ئۇستازلارنىڭ جاپاسىنى خېلى ياخشى گەۋدىلەندۈرۈپسىز، بايقاشتا يەنە بىر شائىر كۆپىيىپتۇ. ئابدۇللانىڭ «مۇئەللىم» ناملىق ناخشىسىنىمۇ ياخشى قىستۇرما قىپسىزسىزگە مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن.
ئەتەڭنى ئويلا،ئۆگۈنۈڭنى ئويلىما.چۈنكى، ئەتەڭ يەنە بىر ئەتىگە ھامىلدار!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3947 سەر
تىللا
502 دانە
تۆھپە
2366 سەر
شۆھرەت
2472 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش مەلىكىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 09:08:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارلىق جاپاكەش ئۇستازلارغا بېغىشلىغان سوۋغىڭىزدىن سۈيۈندۈم قەلەم كۇۋىتىڭىز بەرىكەت تاپقاي رەھمەت . سىزگىمۇ سوۋغا سۈپىتىدە بۇ سۆرەتلىك ناخشىنى سوۋغا قىلاي !!ياقتۇرغايسىز






بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ◤pari◥ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-3 09:18  

Rank: 3Rank: 3

قىزغىنلىق
135 سەر
تىللا
3 دانە
تۆھپە
91 سەر
شۆھرەت
84 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 11:01:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت مۇنبەرداشلىرىم بەرگەن ئىلھامىڭلاردىن بەكمۇ سۆيۈندۈم،ئوقۇتقۇچى بولغانقىمدىن بەكلا پەخىرلىنىمەن، چۈنكى بىز مىننەتسىز تەر تۆككۈچىلەرمىز......

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
917 سەر
تىللا
201 دانە
تۆھپە
453 سەر
شۆھرەت
541 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 12:54:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بايرىمىنى  ناھايتى ياخشى سوۋغا بىلەن قۇتلۇقلاپسىز....

مەن شىئېرىڭىزنى ئوقۇپ تولىمۇ ھاياجانلاندىم...  بۇ مىسرالار مېنى بەكمۇ تەسىرلەندۈردى.

يۈكسىلەر   بۇ دۇنيا   تاپقۇسى   روناق ،
سەن بەرگەچ ھەممىگە  ئىلىم   مۇئەللىم .
تاغ، دىڭىز ، دەريا - كۆل ، پۈتكۈل كائىنات ،
ئەجرىڭدە گۈل بولدى  ئىشچان  مۇئەللىم .




Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
639 سەر
تىللا
37 دانە
تۆھپە
386 سەر
شۆھرەت
402 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابابقاش يازغۇچىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 21:33:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەىمەت ،ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ بايرىمىنى ناھايىتى ئىسىل مىسرالىرىڭىز بىلەن تەبرىكلەپسىز ،ھەممىمىزگە خوشاللىق يار بولغاي

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4486 سەر
تىللا
1071 دانە
تۆھپە
2759 سەر
شۆھرەت
2942 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-4 01:14:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بەكللا قاتتىق تەسىرلەندىم   بىرەر كەلىمە يازاي دىگەنتىم  بىراق بەك چارچاپ كەتتىم . چۈنكى ھازىر سائەت 12 بۇلۇپ قەپتۇ  راستىنلا تەسىرلەندىم .ئۇنىڭدىكى مۇزىيكىنىڭ يېقىملىقى راستىنلا ئادەمنى قاتتىق تەسىرلەندۇردۇ . يەنە يوللاپ تۇرارسىز . رەخمەت سىزگە .
ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1142 سەر
تىللا
382 دانە
تۆھپە
497 سەر
شۆھرەت
599 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-4 01:29:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرىڭىزدا  شېئىرىي ھېسسىيات خېلى قويۇق،  ئاھاڭدارلىقىمۇ كۈچلۈك چىقىپتۇ. يەنى، بارماق ۋەزىنلىك شېئىرلارنى يېزىش قائىدىسىگە ئاساسەن ئەمەل قىپسىز، ھەرقايسى مىسرالاردىكى بوغۇم سانى تەڭشىلىپ شېئىرىي رېتىم ھاسىل قىلىنىپتۇ.
كىچىككىنە تەكلىپىم: قاپىيەگە ئەھمىيەت بەرسىڭىز! بۇ شېئىردا ئاساسەن قاپىيە يوق. قارىغاندا، سىز ھەر بىر مىسرانىڭ ئاخىرىدىكى  «مۇئەللەم»دېگەن سۆزنى قاپىيە دەپ تونۇپسىز. ئۇ سۆز قاپىيە ئەمەس، رادىف بولىدۇ. ئەسلى شېئىردىكى «مەشئەل»، «ئوزۇق»، «غالىپ»، «ئۆچمەس».....دېگەن سۆزلەر قاپىيىداش بولۇشى كېرەك. بۇنداق دېسەم كۆڭلىڭىزگە كەلمىسۇن. يەنىمۇ ئىزدىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن!

مۇئەللىم

(بۇ شىئېرىمنى بارلىق جاپاكەش ئۇستازلارغا بېغىشلايمەن )


ئىلىم -پەن  نۇرىنى   چاچتىڭ  زىمىنغا ،
قاراڭغۇ   دىللارغا   مەشئەل    مۇئەللىم .
سەن قۇياش ، بېرىسەن ئىللىق ھارارەت ،
ئىنسانغا  روھىڭدىن  ئوزۇق  مۇئەللىم  .


سەن باتۇر ، سەن قورقماس ، ھارماس تۇلپار سەن،
جاھالەت   ئۈستىدىن   غالىپ   مۇئەللىم .
قانچىلاپ  مۇششەقەت  باسسىمۇ    يەلكەڭ ،
چېھرىڭدىن تەبەسسۇم ئۆچمەس مۇئەللىم  .


سەن  ئەلنىڭ  قەلبىدە نۇرلۇق ئابىدە  ،
ھۆرمەتكە  سازاۋەر  قۇياش  مۇئەللىم  .
سەبىيلەر    قەلبىدە  كۆيۈمچان   ئانا ،
تەرىپىڭ  تىللاردا   داستان   مۇئەللىم.


سەن بىلەن تاپىدۇ شان - شەرەپ ئالىم ،
دىلىنى لال قىلىپ   ئۇتقاچ    مۇئەللىم  .
سەن بىلەن  ئېچىلار  بارچىنىڭ   كۆزى  ،
ئىلىم - پەن  يولىنى  تۇتقاچ  مۇئەللىم .


يۈكسىلەر   بۇ دۇنيا   تاپقۇسى   روناق ،
سەن بەرگەچ ھەممىگە  ئىلىم   مۇئەللىم .
تاغ، دىڭىز ، دەريا - كۆل ، پۈتكۈل كائىنات ،
ئەجرىڭدە گۈل بولدى  ئىشچان  مۇئەللىم .


سەن بىلەن ئېچىلار  تىلسىملار   سىرى ،
تىلسىمنىڭ ئاچقۇچى سەندە مۇئەللىم .
سەن بىلەن  ۋەتىنىم ياشنايدۇ  ئەبەت ،
خەلقىمنىڭ ئۈمىدى  سەندە  مۇئەللىم  .



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alahidin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-4 01:38  

Rank: 3Rank: 3

قىزغىنلىق
135 سەر
تىللا
3 دانە
تۆھپە
91 سەر
شۆھرەت
84 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 16:11:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alahidin يوللىغان ۋاقتى  2012-9-4 01:29
شېئىرىڭىزدا  شېئىرىي ھېسسىيات خېلى قويۇق،  ئاھاڭدارلى ...

رەھمەت سىزگە مەن يېقىندىنن بېرى مەلۇم سەۋەپتىن تورغا چىقالماي مۇنبەرداشلارنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى ۋاقدىدا كۆرەلمەپتىمەن، تەكلىۋىڭىزنى قوبۇل قىلىمەن، مەن بۇ شىئېرىمنى سىز دېگەندەك ئۆزگەرتىپ باقاي بۇندىن كېيىن ياردەم پىكلىرىڭىز بولسا ئايىمىغايسىز...تەشەككۈر
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-23 18:18, Processed in 0.307242 second(s), 35 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش