پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 216|ئىنكاس: 7

ئاياللىق نازاكەت ۋە ئاياللىق مەسئۇلىيەت[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 8Rank: 8

يوقلىما
228
قىزغىنلىق
4382 سەر
تىللا
1182 دانە
تۆھپە
2413 سەر
شۆھرەت
2839 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 01:46:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئاياللىق نازاكەت ۋە ئاياللىق مەسئۇلىيەت


016.gif


ئايال -«ئايالغۇچىدۇر». ئۇ ساپالىق، غۇرۇرلۇق، مىللەتتىكى قەدىرلەش سىمفونىيىسى، مەدەنىيەتلىك مىللەتتىكى يۈكسەكلىكنىڭ پارلىشىدۇر. ھېكمەت دۇردانىلىرىنى ئىزدەپ يۈرۈپ« …سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىڭلار ئاياللىرىڭلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولغىنىڭلاردۇر»دىگەندىن ئىبارەت ئىسىل سۆزنى ئۇچراتمىدىم. ئايال ئەمەلىيەتتە مىللەت شۆھرىتىنڭ، ئەركەك غورورىنىڭ گۈلزارى بۇلۇپ، ئىپپەتلىك، شەرمىي-ھايالىق، پازىل ئايال، ئەرنى بەخت بۇلىقىدىن سۇ ئىچىگە مۇيەسسەر قىلىدۇ. غالىب مىللەتنىڭ كەلگۈسى شۇ مىللەتتىكى قىز-ئاياللارنىڭ مەنىۋىي قىياپىتىدە، بىلىم ساپاسىدا، ئۆز ئەكسىنى تاپىدۇ. ئايال مىھنىتىدىن ياراملىق، سەرخىل پەرزەنت يىتىشىپ چىقىدۇ.
ئەپسۇس،مانا مۇشۇنداق كاتتا ساھىبلار ئارسىدىكى ئاز ساندىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ بۈگۈنكى رىئاللىقى ئادەمنى بىئارام قىلىدۇ.
يۈرۈش-تۇرۇشلاردىكى چىكىدىن ئاشقان ياتلىشىش، يېرىم يالىڭاچلىق، چاكىنىلىق بىزنىڭ ئىززەت-غورورىمىزنى دەپسەندە قىلىۋاتىدۇ. بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە يېرىم يالىڭاچىلىق، ھەرەڭ-سەرەڭ كىيىنىشلەر، قىرقىما باشلار«گۈزەل»لەردىن سانىلىپ سۇمبۇل چاچلىق، ھايا بەلگىسى بولمىش باشياغلىق بىلەن ئورالغانلار قالاقلىقنىڭ، مەدەنىيەتسىزلىكنىڭ تىپى سانىلىدىغان بۇلۇپ قالدى.
ھەقىقى ئەرنىڭ خالايدىغىنى، چىچىنى بۇلىشىغا ياساپ، قېلىن بىر قات پەردازغا يۇشۇرنىۋالغان قونچاق ئايال ئەمەس، بەلكى ئۆز تەبئىيلىكىگە ئارتۇقچە ھەشەم قىلمىغان بىغۇبار ئايالدۇر. ئەرلەر ھەرگىزمۇ ئاياللارنىڭ نەچچە مىڭ سوملۇق قىممەت كىيىملەرنى كىيىشىدىن، قايسى داڭلىق پەردازخانىدا پەردازلىنىشىدىن،« قاتار چاي »لىرىدا باشقىلارنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرۋەتكەنلىكىدىن ئەمەس، بەلكى ئىشتىن بوشاپ كەلگەندە ئۇچۇق چىراي قارشى ئالىدىغان، بىر پىيالە قىزىق چاي قۇيىدىغان، پەرزەنتىگە ياخشى ئانا بۇلالايدىغان ۋاقىتلىرىدىن بەكرەك خۇرسەن بۇلىدۇ، پەخىرلىنىدۇ. خىيالىمدىكى ئالۋاستىنىڭ سىمايىسىمۇ كىندىكىنى ئوچۇق قۇيۇپ يۈرىدىغان، چاچلىرىنى تۆگىنىڭ لوكىسىدەك پاخپايتىپ يۈرگەن خۇتۇنلاردەك سەت، كۆرۈمسىز ئەمەس.
ئايرىم جايلاردىكى ھەشەمەتچىلىك، ھەسەتخورلۇق بەسلىشىشلەر بارغانسىرى ئەۋج ئىلىپ، ئىقتىساد بىھۇدە ئىشلارغا سەرپ قىلىندى. ئائىلىنىڭ يۈكى ئېغىرلىدى. ئائىلىدىكى بىھۇدە خىراجەت جىدىلى ئەرلەرنىڭ ئائىلىسىدىن رايىنى قايتۇرۋەتتى. ھەتتا شۇ سەۋەبلىك نۇرغۇن ئىناق ئائىلىلەر ۋەيران بولدى. سەت ئىش، يامان قىلىق ھىسانلىنىدىغان ھاراق-شاراپ ئىچىش، تاماكا چىكىش، بەزى ئەرلەرنىڭ ئادىتىگە ئايلىنىپ قالدى.
ئەمەلىيەتتە، ئەرلەر نۇرغۇن ئىقتىساد سەرپ قىلىپ ئېرىشەلمىگەن راھەتلەرنى، نۇرغۇن كۈچ سەرپ قىلىپ ئېرىشەلمىگەن بەخت لەززىتىنى دۇرۇس ئايال ئەرگە ئىلتىپات قىلىدۇ. تۈجۈپلىك ئايال ئۆز پاراسەت، پەمى بىلەن پۈتۈن ئائىلىنى خۇشاللىققا مۇۋاپپىق قىلىدۇ. ئەرنى ھالالدىن رىزىق تىپىشقا رىغبەرتلەندۈرىدۇ. بىھۇدە خىراجەت جىدىلى قىلمايدۇ. ئەرنىڭ ھەسرەتلىك چاغدىكى مۇڭدىشى، كۆڭلىنى كۆتۈرگۈچى بۇلىدۇ.
تارىخىمىزدا ئىسىل ئۆرنەكلەر بار: نۇزۇگۇم ئاچ قالسا قۇمۇش يىلتىزى يىگەن، ئاسماننى يىپىنچا قىلغانۇ، ياتلارغا زورى بىلەن خۇتۇن بۇلۇشنى راۋا كۆرمىگەن. مىللەتكە ئانا بولغۇچى قىزلىرىمىزنىڭ مىللى ئېتقاد، مىللى مەدەنىيەت قىلمىشلىرى مىللەتنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلگۈچى ھەربىر كىشى، مەيلى ئۇ ئەر ياكى ئايال بولسۇن، تۇلىمۇ ئازاپلايدۇ.
ئايالنىڭ ھۆرمىتى - ئىپپىتى، ھاياسى ۋە ئەخلاقى بىلەن بولىدۇ. ھايالىق، تەقۋادار ئايال ئەرنىڭ مۇھەببىتى، كۆيۈنىشىگە ئېرىشىدۇ. ھۆرمىتى، ساداقىتى ئارقىلىق ئەرلىرىنىڭ كۆڭلىنى ئالىدۇ. ئەرنى ھۆرمەتلەش، چوڭ-كىچىك ئىشلاردا ئەرنىڭ رۇخسىتىنى ئىلىش قانداقتۇر ئايالنى پەس كۆرگەنلىك، كەمسىتكەنلىك ياكى سالاھىتىنى چۈشۈرگەنلىك ئەمەس. بەلكى ئايال كىشى شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ۋاپادارلىقىنى ئىپادە قىلىدۇ. ئەرنىڭ ئۆزىگە بولغان مىھرىنى، مۇھەببىتىنى كۈچەيتىدۇ. چىريلىق ئايال ئۆزىنىڭ گۈزەللىكى بىلەن ئەرنىڭ كۆڭلىنى بىر مەزگىللا ئالالىغان بىلەن، ئىپپەتلىك ئايال ھايا-نۇمۇس ئارقىلىق ئەرنىڭ قەلب كۆزىدە بىر ئۆمۈر تۇرالايدۇ. ئۇ ئۆمۈرلۈك ئىززەت، ھۆرمەت ساھىبىدۇر. بىھايا ئايالدىن ئەرنىڭ مىھرى ئاسانلا كۆتۈرۈلۈپ كىتىدۇ. خىجىىللىقتىن ئايالنىڭ مەڭزىگە يۈگۈرگەن قىزىللىق ئەرنىڭ قەلبىگە، مۇھەببىتىگە ئەڭ تېز ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قىلىدۇ.
بەزى ئاياللار« بىزمۇ خىزمەت ئىشى قىلىپ ھېرىپ كەتتۇق ۋاقتىمىز قىس…»دەپ ئاخشاملىرى بالىلىرىغا مەسەل، چۆچەك ئېيتىپ بەرمەس بۇلۇشتى. ھەيرانمەن يەنە شۇنداق ئاياللار تۈن كىچىلەردە« قاتار چاي»لىرىدىن كىلەلمەي يۈردى‪. «تارىنىشقا جىق ۋاقىت كىتىدىكەن، بىئەپكەن….»دەپ ئۇزۇن چاچلىرىنى كىسىۋەتتى! ھەيرانمەن يەنە ئاشۇ پەردازخانىلاردا ئۆچرەت ساقلاپ چاچلىرىنى ياسىتىپ يۈرۈشتى. بالىلىرىغا بىرەر چۆچەك كىتاب ئىلىپ بېرىشقا كۆزى قىيمايدۇ يۇ، كوچىلاردا تاراسلىتىپ سېغىز چايناپ يۈرۈشتى.. تەربىيە كۆرگەن ئايال بىر ئائىلىنى بەختلىك قىلىدۇ. دۇرۇس ئايال ئۆزىنى بۇزۇق، چەكتىن ئاشقان قىلمىشلاردىن خالى تۇتىدۇ. بۇيرىغاننى قىلىدۇ، توسقاندىن چەكلىنىدۇ.
بالا ئائىلىگە قۇيۇلغان بىر ئامەتكى، ئۇ ئەڭ ئاۋال ئايال( ئانا) دىن ئىبارەت مىھرىبان ئۇستازنىڭ پەپىلىشىگە، تەربىيلىنىشىگە مۇھتاج.
ئائىلىدە تەربىيسىز قالغان بالىلار تىزگىنسىز يۈرىدىغان بۇلۇپ قالىدۇ. ئۇلاردا ئاتا-ئانىغا بولغان ھۆرمەت سۇسلاپ كىتىدۇ. ئانىغا بولغان ھۆرمەت ئانىدىن ھىيىقىش تۇيغۇسى ئاجىز كىلىدۇ. ھايالىق، ئىتقادلىق ئايالدىن ئەخلاقلىق، بىلىملىك، ئىسىل پەزىلەتلىك، پەرزەنت يىتىشىپ چىقىدۇ. بۇ خىل ئاياللار دۇنيادا راھەت-رەھمەتلەرگە مۇيەسسەر بۇلىدۇ. ئايالنى پەقەتلا «كۆڭۈل ئىچىش ۋاستىسى، ئائىلە خىزمەتكارى »دەپ بىلىدىغان ئەرلەر، شۇنداقلا ئاياللىق مەسئولىيەتنى« تۇغۇش، كىر-قات يۇيۇش، تاماق ئىتىش» دەپ بىلىدىغان نادان،تەنتەك ئاياللار-ئازغۇنلار. خاس، بىر پەزىلەتلىك ئايالغا ئېرىشىش ئەر ئۈچۈن كاتتا نىممەت، زور بەختتۇر.
قىسقىسى، بىز ( مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن ) ئەجداد ئەنئەنىسى، ئۆزىمىزنىڭ بۇرج ۋە مەسئولىيىتىنى ئۇنۇتماسلىقىمىز، پەرزەنتلىرىمىزگە مىللى ئەنئەنە ۋە مىللى مەدەنىيەت تەربىيىسى ئىلىپ بېرىشقا سەل قارىماسلىقىمىز، ئەۋلادلارنى ئەجدادلارنىڭ ئىسىل خارەكتىرى، تەپەككۇر ئۇسۇلى، پىكىر-ھىسلىرىنى نامايەن قىلىپ تەربىيلىشىمىز لازىم!

مەنبە: «شىنجاڭ ئاياللىرى» ژورنىلى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-3 01:48  

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
756 سەر
تىللا
80 دانە
تۆھپە
369 سەر
شۆھرەت
418 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 04:06:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپ ياخشى تېما يوللاپسىز ، بىزدە «ئاياللار بىر قولىدا بۆشۈكنى تەۋرەتسە ، يەنە بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتىدۇ» دەيدىغان ھېكمەتلىك سۆز بار .كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى ،  ئاياللارنىڭ ساپاسى مىللەتنىڭ ساپاسىنى بەلگىلەيدۇ.ياپونىيە قاتارلىق بىرقىسىم دۆلەتلەردىكى ئاياللارنىڭ تۇغقاندىن تارتىپ تاكى پەرزەنتلىرىنى مەكتەپكە بەرگەنگە قەدەر ئالى ئىش ئورنىنى تاشلاپ ئائىلىدە بالا تەربىيىلىشى - بۇنىڭ جانلىق مىسالى. ئىشىنىمەنكى، يوللانمىڭىزدىن مۇنبەردىكى بارلىق خانىم-قىزلىرىمىز تېگىشلىك نەپ ئالغۇسى!
ئەتەڭنى ئويلا،ئۆگۈنۈڭنى ئويلىما.چۈنكى، ئەتەڭ يەنە بىر ئەتىگە ھامىلدار!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1742 سەر
تىللا
149 دانە
تۆھپە
771 سەر
شۆھرەت
803 سەر

مائارىپچىبايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسىتىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 08:36:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەردىكى نازاكەتلىك  خانىم -قىزلارغا  يەنە بىر قېتىم نازاكەت ۋە مەسئولىيەتنى ئەسكەرتكەنلىكىڭىزگە
كۆپ رەخمەت .
ھەردۇقمۇشتا قامچا بار !

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3941 سەر
تىللا
508 دانە
تۆھپە
2362 سەر
شۆھرەت
2474 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش مەلىكىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 09:53:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز ئاياللارغا نازاكەت ۋە مەسئولىيەتنى ئەسكەرتكەنلىكىڭىزگە كۆپ رەھمەت

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1522 سەر
تىللا
10208 دانە
تۆھپە
1061 سەر
شۆھرەت
1065 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 16:25:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزنى يەنە بىر قېتىم تۇنۇپ يەتتىم رەھمەت سىزگە بەك ياخشى تىما يوللاپسىز

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
156 سەر
تىللا
113 دانە
تۆھپە
114 سەر
شۆھرەت
120 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 20:03:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېخمۇ كۆپ قىز- ئاياللارنى ئۇقۇسىكەن دەيمەن.....
جاپا چىكىپسىز.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
639 سەر
تىللا
37 دانە
تۆھپە
386 سەر
شۆھرەت
402 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابابقاش يازغۇچىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 21:49:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە ناھايىتى تەربىيەۋى ئەھمىيتى بار ياخشى تېمىلارنى ئەپ كەپسىز ،توغرا دىيىلگەن سۆز. نۇزۇگۇمنىڭ قەھرىمانلىقى ئۇنىڭ جان تىكىپ قارشىلىق كۆرسەتكەنلىگىدە ئەمەس بەلكى ئۆزىنىڭ غۇرۇرى ،پاكلىغىنى قوغدىغانلىقىدا .
ھېلىمۇ شۇنداق قەھرىمان قىزلىرىمىزنىڭ بارلىقىغا ۋە بۇلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن .شۇنداقلا بارلىق قىز ئاياللارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ھۇقۇق ۋە مەجبۇريەتلىرىنى تۇنۇپ يىتىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1064 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-4 01:29:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە ئامان مۇئەللىم  پايدىلىنىش قىممىتى بەك يۇقىركەن . مەن ئويلايمەن . شۇ   ئاياللار بىر قولىدا بۆشۈكنى تەۋرەتسە ، يەنە بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتىدۇ  دەيدىغان ھېكمەتلىك سۆز بار ئەمەسمۇ  .كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى ،  ئاياللارنىڭ ساپاسى مىللەتنىڭ ساپاسىنى بەلگىلەيدۇ.
مەن بۇ تىمىنى جەمىيتىمىزدىكى بارلىق قىز ئاياللار تۇلۇق ئۇقۇپ  چۈشۈنىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن . رەىمەت ئامان مۇئەللىم . بەك جاپا چىكىپسىز .
ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 06:27, Processed in 0.233676 second(s), 35 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش