بىر يۈرۈش شېئىرلار
شېئىرلار
مەمتىمىن بارى
قانداق ئۇنتاي
تۆكۈلىدۇ لېۋىڭدىن كۈلكە ، كۆزلىرىڭدە ئىللىق تەبەسسۇم . خۇشال بولدۇڭ ، خۇشاللىقىمدىن ، سەن مېنىڭكى ئەركە شوخ قۇشۇم .
گۈل پۇرايدۇ ، ئەتىر پۇرايدۇ ، ھىدلىسام مەن تىنىقلىرىڭنى . كېتىپ قالساڭ قانداق ئۇنۇتاي ، سېنىڭ تاتلىق قىلىقلىرىڭنى .
تار كوچىدا يۈرمە تەمتىرەپ
ھاڭ-تاڭ قالدىڭ ئىشىكنى ئاچسام ، مەلۇم بولدى خاتا چەككىنىڭ . پەيدا قىلدى كۆڭلۈمدە گۇمان ، كۈپكۈندۈزدە ئېزىپ كەتكىنىڭ .
كەلگىنىڭ يوق بىراۋنى ئىزدەپ ، يوشۇرۇنغان غەيرىي ئوي-خىيال . دۇچ كەلگەچكە توساتتىن ماڭا ، بولۇپ قالدىڭ ئىنتايىن ئوسال .
خەير ، ساڭا بەرمەي تونۇشلۇق ، خىجالەتتە قالما ئۈستىلەپ . داغ چۈشمىسۇن نامىڭغا سېنىڭ ، تار كوچىدا يۈرمە تەمتىرەپ .
چىشلىسە
چىشىم ئاغرىپ دوختۇرغا بارسام ، يۇلۇۋەتتى ئۇتتۇر چىشىمنى . پەسەيمىدى ئاغرىقى دېسەم ، مەھكەم چىشلە ، دېدى لېۋىڭنى .
ئۇتتۇر چىشىم بولمىسا مېنىڭ ، ئەمدى قانداق چىشلىيەلەيمەن . سېستىرا قىز چۈشكەندە ئىشتىن ، ئۆزى كېلىپ چىشلىسە دەيمەن . يېرىم چېلەك سۇ
شالاقلايدۇ يېرىم چېلەك سۇ ، (ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيەت ئۇ ) . تولا مكرەپ ئارام بەرمەيدۇ ، ئارقان ئۈزۈپ سۈتسىز ئىنەكمۇ .
ئادەملەرنىڭ ئىچىدىمۇ بار ، ھايۋاناتنى دورايدىغانلار ، تۆت سەر ئىچسە خۇدىنى بىلمەي ، ئىنەك ئوخشاش مۆرەيدىغانلار .
ئىككى شېئىر ئابىلجان ھېيىت
گۈزەللىك تەشنا ئۈچۈن بىر چىنە سۇ ئۇ ، سۇ ئىچىدە ئۈزگەن ھىلالئاي . ئەينەكتىكى نەۋ ، يېشىل كۈي ئۇ ، چېقىلىشتىن بۇرۇنقى خىيال .
چۆل-دەشىت ئۇچۇم كېيىك ئىزى ئۇ ، ئىزچىلارنىڭ قەلبىدە ئاققۇ ، چىڭ باغلانغان بۈركۈت قارىچۇقى . زەر قۇياشنى ئۇزىتىپ قويۇپ ، يالغۇز تالغا يۆلىنىپ تۇرۇپ ، گۇگۇم چەككەن تاماكا چوغى .
كۆزلىرىڭدە كۆيگەندە ئىشىق ، يۈرىكىڭىنى قولۇڭدا تۇتۇپ ، ئايلانغاندا يار كوچىسىنى . مەيلى راھەت ، مەيلى ئازابتىن ، تىنىپ قالساڭ ئەگەر بىر تىنىق ، ئېسىپ ئالسا يار گەر بىر تىزىق ، ئۇۋىلار ئۇ كۇكۇم ۋە كۇكۇم ، سىلىغاندا يار ئۇچىسىنى .
ئېچىلغان سىر گۈزەل تۇيۇلماس ، قۇرۇق شاختا نازلىق مۇئەمما . مەيلى خانلىق ، مەيلى گادايلىق ، يوق كۆزىدە گۈزەللىك نېمە ، توق قەلبىدە ئۇ نۇردۇر ، زىيا !
گۈزەللىك ئۇ شۇنداق مۆجىزات ، ئۇ قىچقارماس سېنى بىر نۆۋەت . پۈتۈن ئۆمرۈڭ ئۇنىڭ كەينىدە ، ساما سالار ئەبەدىلئەبەت ...
ياشايمەن شۇنداق
كۆپ بولسىمۇ ساڭا كۆيگەنلەر ، سەن پەقەتلا ماڭا جان ئىدىڭ . مەن ھەر كۈنلۈك جاھان بولساممۇ ، ماڭا پەقەت سەن جاھان ئىدىڭ .
جىمى جاھان مەن تەرەپ بولسا ، مەن سەن تەرەپ بولىمەن شۇئان . ئەگىپ كەلسە كېچە بېشىڭغا ، چېچىلىمەن تاڭ بولۇپ شۇئان .
سېنىڭ رەڭگىڭ تالاشتا قالسا ، مەن بۇياندا تالىشىمەن جان . سۆيەلمىسەم لېۋىڭ كۈيىنى ، زارلاپ چىقار بۇجان ، بۇ جاھان .
جان ئىچىدە جاھاندا بىر سەن ، جانان ماڭا ، جاھان سەن ماڭا . ياشا دېسەڭ ، شۇنداق ياشايمەن ، تەنە قەسىتنى كۆرسەڭمۇ ناۋا .
خەۋەر يوق ماخمۇتجان خوجا ئۈمىدۋار
سېنى ئىزدەپ مەن كەزمىگەن شەھەر يوق ، كۆككە بېقىپ ياش تۆكمىگەن سەھەر يوق . كەلدى شۇنچە يىراق كەتكەن تۇرنىلار ، بىراق سەندىن ھازىرغىچە خەۋەر يوق .
يېشىل ياپراق خازانلارغا ئايلاندى ، ئېگىز تاغلار توزانلارغا ئايلاندى . دەردلىك ئاھىم گۈلخانلارغا ئايلاندى ، بىراق سەندى ھازىرغىچە خەۋەر يوق .
دەريالارنىڭ مەنزىلى بار يىراقتا ، سېنى كۈتۈپ خىيالدىمەن قىرغاقتا . گۈل ياشلىقىم ئوخشاپ قالدى توزغاققا ، بىراق سەندىن ھازىرغىچە خەۋەر يوق .
مەنبە-« شىنجاڭ ياشلىرى »2010/5
ئىككى شېئىر ئايسىمە ئىدرىس
قىزىل رەڭنى ياخشى كۆرىسەن
« قىزىل رەڭگە پۈركەنگىن دەيسەن » ، قىزىل ئالما ماڭا سوۋغىتىڭ . قىزارغىنىم ئېسىمدە ، دائىم – پىچىرلىسا بىر تاتلىق لېۋىڭ .
قىزىل كۆڭلەك كىيگەن ئاخشامدا ، تولدى قەلبىم بەخىتكىلا لىق . يوللىرىمدا قىزىل پايانداز ، بوسۇغاڭدىن ئاتلىدىم ئىللىق .
قىزىل گۈللۈك ئوماق پىيالە ، ئۆمرىمىزگە تۇز بىلەن گۇۋا . قىزىل گىلەم ، قىزىل كۆرپىدە ، قىزىل يۈرەك بەردى كۆپ دۇئا .
بەرگلىرى توق-توق ئېچىلغان ، قىزىل غۇنچە تۇتتۇم مەنمۇ ھەم . مۇھەببەتنىڭ ئېتىزلىقىدا ، پەرۋىشلىگىن ئۇنى پەم بىلەن .
بۇغداي باش تارتتى
سەن كېتەردە بۇغدايزارلىقتا ، قىروۋ قونغان ئاپپاق ، يېقىملىق ، قىش قوللىرى بولسىمۇ سوغۇق ، ھىجرانلىرىڭ تۇيۇلغان ئىللىق .
« قارىمىدىم » دېسەم يالغاندۇر ، ئۇپراپ كەتتى بوسۇغا بۈگۈن . چېچەكلەردە مۇھەببەت ھىدى ، مارت ئايلىرى ئەجەپمۇ گۈلگۈن .
دەردلىرىمنى تالاشتى يامغۇر ، مامكاپلارغا ئالەم ھۆسنى جەم . باغلار بىلەن باغاشلىنىمەن ، يۈرىكىمدە سەن قالدۇرغان تەم .
باش تارتىپتۇ بۇغدايلار بىلگىن ، ئورمىلىققا بارغۇم يوق تەنھا . ئاھۇ بولۇپ ئىزدېسەم سېنى ، ئورغاق تۇتۇپ كېلەمسەن قايتا ؟! مەنبە-« شىنجاڭ ياشلىرى »2010/5 |