پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 39|ئىنكاس: 2

ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر رۇبائىيلىرى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
38
قىزغىنلىق
761 سەر
تىللا
346 دانە
تۆھپە
479 سەر
شۆھرەت
660 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-2 16:43:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر رۇبائىيلىرى

شېئىر يازماق ئاسان، ھەق سۆزلىمەك تەس،
شائىرغا ھېرىس تاما بولمىغاي ھەۋەس.
يازغاننى قەدىرلە ئاۋۋال سەن ئۆزۈڭ،
سېتىپ خەجلىگىلى ئۇ تاۋار ئەمەس.

ئەجەب بىر گۆش ئىكەن بۇ يۈرەك دېگەن،
ھەر تەندە ئۇ ھەر خىل ھېس قىلار ئىكەن.
ئەگەر ئۇ ئىچمىسە ۋىجدان شارابى،
ئىلغىدا ئېسىقلىق سېسىق گۆش ئىكەن.

ئۆتنە يېرىم قىلماق تۇرمۇشتا بار ئىش،
بىلىمنى ئۆتنىگە ئالماقلىق خار ئىش.
بىراۋنىڭ تونىدا تەرلەيمەن دېمەك،
ۋىجدانلىق كىشىگە بىر ئۆمۈر ھار ئىش.

يالغانچىنىڭ تىلى چېچەكسىز پېلەك،
چېچەكسىز پېلەكتە نە قىلسۇن خەمەك.
ئۇزارغانسېرى ئۇ ئۆز ئىگىسىنى،
بوغىدۇ يىلاندەك بولۇپ چەمبىرەك.

ئاسمانغا نەزەر سال يۇلتۇز بىساناق،
ئۈسۈشمەي ئۆتىدۇ ئەزەلدىن ئىناق.
جاھان كەڭرى دوستۇم يېتەر ھەممىگە،
ئادەمگە ياراشماس، سۆڭەك تالاشماق.

ئەل ئۈچۈن يۈگۈرتسەڭ قەغەزدە قەلەم،
تاغلارنىڭ بېشىغا تىكەرسەن ئەلەم.
ۋە لېكىن سۇ قوشۇپ قويساڭ سىياھقا،
ئىزلىرىڭ تېز ئۆچۈپ ، چېكەرسەن ئەلەم.

شۆھرەت كەمىرىگە ئۇزاتقۇچە قول،
ئوتۇنچى ئايالنىڭ ئارغامچىسى بول.
تاجدارلارنىڭ تاجىسى كۆزى بولغۇچە،
كۆكلەم يامغۇرنىڭ بىر تامچىسى بول.

بىلمەكتىن مۇراد، نام -شۆھرەت ئەمەستۇر.
شۆھرەتكە ئىنتىلىش رەزىل ھەۋەستۇر.
بىلگەننى دان قىلىپ ئېتىزغا چاچساڭ،
ھوسۇلى ئەلگە بولسا ، ئۇشبۇ بەستۇر.

سايلام بىلەن كىشى تۆرگە چىققان بار،
بىھەت قۇشى قونسا ئەمەل تۇتقان بار.
ۋە لېكىن ئالىملىق مەرتىۋىسىنى،
رىيازەتسىز قاچان بېرىپ تاپقان بار.

تۇغۇلغاندا تەڭ ئىدۇق تەڭرى ئالدىدا،
تەڭ ئەمەس بىز لېكىن دەۋر ئالدىدا.
كۆرەڭلەپ كەتمىگىن ئامەتلىرىڭدىن،
تەڭ بولىمىز ئاخىرى يەنە قەبرە ئالدىدا


مەنبە- " ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر شېئىرلىرى

قولۇڭدىن كېلىشىچە باشقىلارغا ياخشىلىق قىل .

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
2734 سەر
تىللا
435 دانە
تۆھپە
1669 سەر
شۆھرەت
1810 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-2 18:05:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ  شېئىرلىرى  ھايات ھەقىقەتلىرىنى ئەينەن ئىپادىلەپ بېرىپ ،كىشىلەرنى داغدام يولغا باشلايدۇ. بولۇپمۇ ئۇنىڭ بۇ شېئىرلىرىنى بەكمۇ ياقتۇرىمەن .
تۇغۇلغاندا تەڭ ئىدۇق تەڭرى ئالدىدا،
تەڭ ئەمەس بىز لېكىن دەۋر ئالدىدا.
كۆرەڭلەپ كەتمىگىن ئامەتلىرىڭدىن،
تەڭ بولىمىز ئاخىرى يەنە قەبرە ئالدىدا

ئەجەب بىر گۆش ئىكەن بۇ يۈرەك دېگەن،
ھەر تەندە ئۇ ھەر خىل ھېس قىلار ئىكەن.
ئەگەر ئۇ ئىچمىسە ۋىجدان شارابى،
ئىلغىدا ئېسىقلىق سېسىق گۆش ئىكەن.

ئۆتنە يېرىم قىلماق تۇرمۇشتا بار ئىش،
بىلىمنى ئۆتنىگە ئالماقلىق خار ئىش.
بىراۋنىڭ تونىدا تەرلەيمەن دېمەك،
ۋىجدانلىق كىشىگە بىر ئۆمۈر ھار ئىش.
بۇ ئېسىل شېئىرلارنى قايتا ئوقۇش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت .




Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1064 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-2 18:16:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بەك ياقتۇرمەن ئەرھۇم شائىېر ئابدىرەھىم ئۆتكۈرنىڭ شېئىرلىرىنى . رەخمەت سىزگە
ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 08:02, Processed in 0.128375 second(s), 32 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش