پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 65|ئىنكاس: 2

ئۇيغۇر تىلىنىڭ تارىخى دەۋرىلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەر[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
38
قىزغىنلىق
761 سەر
تىللا
346 دانە
تۆھپە
479 سەر
شۆھرەت
660 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-2 16:38:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۇيغۇر تىلىنىڭ تارىخى دەۋرىلىرى  ۋە  مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەر   



ئۇيغۇر تىلى كىچىككىنە تارىخىي  باسقۇچى
تۈركىي تىللارنىڭ تارىخىي دەۋر باسقۇچلىرى ھەققىدە ئوخشىمىغان پىكىرلەر بولسىمۇ، ئاساسىي جەھەتتىن بىرلىككە كەلگەن ۋە كۆپىنچە تۈركولوگلار ياقىلاپ كېلىۋاتقان تۈركىي تىللارنىڭ دەۋر باسقۇچى تۆۋەندىكىدەك.  
1. ئالتاي تىللىرى دەۋرى (قەدىمكى تۈرك تىلى ۋە موڭغۇل تىلى )
ئالتاي تىللىرى دەۋرى يەنى قەدىمكى تۈرك تىلى ۋە موڭغۇل تىلى بىرلىك دەۋرى ھەققىدە بەك كۆپ مەلۇمات بولمىغاچقا قەدىمكى تۈرك شىۋىلىرىدىن ياقۇتچە ۋە چۇۋاشچە توغرىسىدا توختىلىنىپ مىساللار بېرىلىدۇ خالاس.
2. ئەڭ قەدىمكى تۈرك تىلى دەۋرى ( پروتو -تۈركچە) بۇ مىلادىيە 1-ئەسىرگىچە
3. دەسلەپكى تۈرك تىللىرى دەۋرى
تىلشۇناسلار ئادەتتە پروتو-تۈرك تىلى ۋە دەسلەپكى تۈرك تىلى دەۋرىنى بىرلىكتە تەتقىق قىلىشنى تەكىتلەيدۇ. بۇنىڭدا ئاساسەن  ھونلاردىن قالغان بەزى سۆزلەر، تۇنا بۇلغارلىرىنىڭ يىلنامىسىدىكى سۆزلەر، بىزانسلارنىڭ  كاتىپلىرى تىلغا ئالغان بۇلغار خانلىرىنىڭ ئىسىملىرى، رۇس ۋە ئەرەبچىدىكى بۇلغار سۆزلىرى، بۇلغار ئابىدىلىرى قاتارلىقلار تەتقىقات ئوبېكتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.   
4. قەدىمكى تۈرك ( ئۇيغۇر) تىلى مىلادىيىنىڭ باشلىرىدىن 10- ئەسىرگىچە( بۇ دەۋرگە كەلگەندە ئېنىق كۆكتۈرك ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر  تىلى دەۋرى دەپ ئالىدۇ.) سوغدى يېزىقى, ئورخۇن-يېنسەي يېزىقى,  قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى  قاتارلىق يېزىقلاردا يېزىلغان ئەسەرلەر.
ئەسەرلەر:
)ئورخۇن-يېنسەي يېزىقى(
1) چورىن مەڭگۈ تېشى.
2) تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى.
3) كۆل تېگىن مەڭگۈ تېشى.
4) بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى.
5) كۇلچۇر مەڭگۈ تېشى.
6) مويۇنچۇر مەڭگۈ تېشى.
7) توققۇز ئوغۇز قاغانى مەڭگۈ تېشى.
8) سۇجى مەڭگۈ تېشى.
9) تېرخىن مەڭگۈ تېشى.
10) تەس مەڭگۈ تېشى
11) ۋە باشقىلار
5. ئوتتۇرا ئەسىر  تۈرك (ئۇيغۇر) تىلى  10- ئەسىردىن 15- ئەسىرگىچە
)قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى  ۋە خاقانىيە دەۋرىدە قوبۇل قىلىنغان ئەرەب ھەرپلىرى ئاساسىدىكى چاغاتاي (ئۇيغۇر) يېزىقى)
بۇنىڭغا مەنسۇپ ئەسەرلەر تۆۋەندىكىدەك؛
a) مانى ۋە بۇددا تەرجىمىلىرى ئۇيغۇر يېزىق تىلىنىڭ قۇرۇلۇش باسقۇچى
b) چاغاتاي يېزىق تىلى دەۋرى
c) قىپچاق ۋە ئوغۇز تىلى يادىكارلىقلىرى
ئەسەرلەر:
1) ئالتۇن يارۇق.
2) شۇەنجۇاڭنىڭ تەرجىمىھالى.
3) مايتىرى سىمىت درامىسى.
4) چوڭ ھەجىملىك بۇددا ھېكايىلىرى توپلىمى – داشاكوما بۇددا ئاۋات.
5) مۇھەممەد مۇسا خارەزمى (780-850) خىۋا، 20 ياشلاردا باغدادقا بارغان، “مۇھتەسەر سىندى ھىند”، “ئەلجەبىر ۋە مۇقەبەلا”، “ئاسترونومىيالىك جەدۋەل”، “قۇياش ساىتى ھەققىدە رىسالە”، “يەر تەسۋىرى كىتابى”، “يەھۇدىلارنىڭ تارىخى ۋە ئۇلارنىڭ بايراملەرىنى بەلگۇلەش”
6) بۇغراخان ھەسەن ياكى ھارۇن بۇغراخان (991-993) موللاھاجى “بۇغراخانلار تەزكىرەسى”دە ئۇنىڭ بىر قىسىم نەزمىلىرى بار ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان، بىزگە يېتىپ كېلەلمىگەن.
7) ئابدۇلغاپپار ئىبن ھۇسەيىن (1010؟-1082). قەشقەر، “تارىخى كاشغەرى”، “مەسكەنى ئۇستادىيان” يوق
8) ھۇسەيىن ئىبن ھەلەف كاشغەرى (973-1093) قەشقەر، مەھمۇد كاشغەرىنىڭ ئۇستازى، قۇراننى شەرھىلەپ ئەسەر يازغان.
9) مەھمۇد كاشغەرى (1011-1105) قەشقەر، باغداد. “دىۋان لۇغات-ئىت-تۇرك” بار
10) مەجدىدىن مۇھەممەد ئەدنانى (10-11 -ئەسىرلەر) قاراخانىلار تارىخىنى يازغان، يوق
11) يۇسۇپ خاس ھاجىپ (1019-1085) بالاساغۇن، قەشقەر، “قۇتادغۇ بىلىگ” (1069) بۇنىڭ فەرغانە، ۋىىننا ۋە ئىستانبۇل 3 نۇسخىسى بار.
12) يۇسۇپ قادىرخان (1024-1032) قاراخان ھەسەن بۇغرا خاننىڭ ئوغلى ۋە ۋارىسى. بەزى شېىرلىرى “بۇغراخانلار تەزكىرىسى”گە كىرگۇزۇلگەن.------------------------------------.
13) ئەھمەت يۇكنەكى (1110؟-1180؟) قەشقەر ، “ئەتەبەتۇل-ھەقايىق”
14) مۇھەممەد بىن ئەلى جاففار (12- -ئەسىر) سەمەقەند، قاراخان مەسۇد بىن ئەلى قېلىچ تابغاچ خان (1156-1162)غا بېغىشلاپ “دولەت سىياسەتىنىڭ ئاساسى ئۆلچەملەرى” ناملىق بىر ئەسەر يازغان، يوق.
15) نىزامۇلمۇلۇك (1092-؟) سەلجۇق، “سىياسەتنامە”
16) يۇسۇپ سەككاكى (1160-1229) ئىلى، ئالمالىقتا چاغاتايغا مەسلىھەتچى بولغان، “مىفتاھۇل ئۇلۇم”
17) ئالاۋىدىن ئاتامىلىك جۇۋەينى (1226-1283) ھۇراسان، “تارىخى جاخان كۇشاھى”
18) جامال قارشى (1230-1310) ئىلى، قەشقەر، “سۇراھۇللۇغەت” (1303) پارسچە، “مۇلاقاتۇلسۇرراھ” ئارابچە.
19) جانىبەك ئوگدۇلمىش (1190-1256؟) ئىسسىق كول، “ئوگدۇلمىش ئوغلى جانىبەكنىڭ باشتىن كەچۇرگەنلەرى” ؟
20) رابغۇزى (1310) مەسرىدىن بۇرھانىدىن ئوغلى رابغۇزى، خارەزم، “قىسسەئى رابغۇزى”
21) جامىۇل تەۋارىخ” بەزىدە “پەرسىيە تارىخى” دەپمۇ ئاتىلىدۇ. راشىدىن فەزۇلۇللا يازغان.
22) ھەيدەر خارەزمى (14-15 -ئەسىر) “مەھزۇنۇل ئەسرار” يوق (ئىسمى “تەزكىرەتۇل شۇئىرا”، “مەجالسۇن نەفاىس”لاردا تىلغا ئېلىنغان)

6. چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى
چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ 14- ئەسىردىن 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە «چاغاتاي تىلى»، «قەشقەر تىلى» دېگەن ناملار بىلەن شەرقىي تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئەدەبىي تىلى  
1) سەيفى سەرائى (1321-1396) ماۋارەننەھر، ساراي، “گۇلىستان بىت تۇركى”، “سۇھەيىل ۋە گۇلدۇرسۇن” بار.
2) لۇتفى، مەۋلانە ئەبەيدۇللا (1366-1465) “گۇل ۋە نەۋرۇز”، دىۋانى لۇتفى” بار
3) يۇسۇپ ئەمىرى (14-15 -ئەسىر) ماۋارەننەھر “دەھنامە”، “بەڭ ۋە مەي ئارسىدىكى مۇنازىرە” ۋە بەزى غەزەللەرى يېتىپ كەلگەن. نەۋائى مەجالىسۇندا ئېغىزغا ئالغان
4) دۇربەك (1409) بەلش، “يۇسۇپ-زۇلەيخا”
5) ئەلىشىر نەۋائى  (1441-1501) ھېرات. 24 ئەسەر يازغان
6) ھۇسەيىن بايقارا (1438-1506) ھېرات، “رىسالەى ھۇسەيىن بايقارا” تاشكەنتتە ئىلان قىلىندى. ناۋاى “مەجالىسۇن نەفاىس”تە ئۇنىڭغا يۇقۇرى باھا بەرگەن.
7) گەداى، مەۋلانە (؟-1404) مەۋارەننەھر، ھەرات، نەۋائى  “مەجالىسۇن نەفاىس”تە مەلۇمات بەرگەن، ئۇنىڭ دىۋانى 1973- يىلى تاشكەنتتە ئەلان بولدى.
8) مەھمۇد خان (؟-1509) غەربى چاغاتاي خانى، “چىڭغىزنامە”دە ئۇنىڭ بىر قانچە مىسرا شېىر ى بار
9) شاھ غەرىب مىرزا (15- -ئەسىر) ماۋارەننەھر، نەۋائى  “مەجالىسۇن نەفاىس”تە ئۇنىڭ “يانا” رادىپلىق غەزىلىدىن مىسال ئالغان.
10) شاھ قۇلى ئۇيغۇر (15- -ئەسىر) ماۋارەننەھر، نەۋائى  “مەجالىسۇن نەفاىس”تە ئۇنى مۇئەمما تۇرىدە شېىر  يېزىشقا ماھىر دەپ تىلغا ئالغان.
11) سەئىد ئەھمەد (1435) ماۋارەننەھر، ئەمىر تومۇر كورەگاننىڭ نەۋرىسى، “تەئەششۇقنامە”
12) يەقىنى (15- -ئەسىر) ماۋارەننەھر، “ئوق ۋە يا مۇنازىرەسى” بار.
13) ئاماننىساخان (1534-1567) ياركەند، “ئەخلاق جەمىلە”، “شۇرۇھۇلقۇلۇپ”، “دىۋان نەفسى”، “ئىشرەت ئەڭىز” بۇلار يوق.
14) ئايازبەك قوشچى (16- -ئەسىر) ياركەند “تارىخى رەشىدى (زەيلى)”دە ئىككى شېىر ى بار؛ “چىڭگىزنامە”دىمۇ تىلغا ئېلىنغان
15) ئەمىرى. خوتەن ، “دىۋان ئىرفان ئەمىر فەرغانە”، “باياز”دا بار.
16) سەئىدى (1484-1533) ئاقسۇ، 2 شېىر ى “تارىخى رەشىدى (زەيلى)” ئارقىلىق يېتىپ كەلگەن.
17) مەجلىسى (1533) بابۇر ھۇزۇرىدا ئىشلىگەن “قىسسەئى سەيفۇلمۇلۇك” بار، “سەيفۇلمۇلۇك- بەدۇلجامال”
18) مۇھەممەد مىرزا ھەيدەر كورەگانى (1499-1551) تاشكەنت، كەشمىر، “تارىخى رەشىدى”
19) قەلەمدار بەگ، ئىبراھىم بەگ (1499-1569) مارالبەشى، “قارلىغاچ خانىم”، “سائادەتنىڭ قاپقىنى”، “بەگلەرگە مەسلىھەت”، “بىلىمگە مەدھىيە”، “دولان تارىخى” لارنى يازغانلىقى مەلۇم. يوق.
20) قىدىرخان ياركەندى (؟-1572) ياركەند. مۇزىكانت، “ۋىسال”، “دىۋان قىدىرى” يوق.
21) مىرزا زىرەك چالىش (16- -ئەسىر) قاراشەھەر، قەشقەر. “تارىخى رەشىدى (زەىلى)”دە بىر قانچە شېىر ى بار
22) رەشىدى (1510-1570) ئابدۇرەشىدخان، “دىۋان رەشىدى”، سەلاتىننامە”، “كىتابى تەنبىيە-ئەنتەربىيە” بۇلار يوق، “تارىخى رەشىدى (زەيلى) دە ئۇنىڭ 2 پارسچە شېىرى ۋە 3 غەزىلى خاتىرلىنىپ قالغان.
23) مىرزا ھەيدەر (1533) “جاھاننامە”
24) ئەبۇل غازى باھادىرخان (1603-1664) “شەجەرەئى تۇرك”
25) خاراباتى (1638؟-1730؟) ئاقسۇ، “كۇللىيات مەسنەۋى خاراباتى” بىزگە يېتىپ كەلگەن.
26) مەھمۇد جوراس (1620؟- ؟) ياركەند، “تارىخ شاھ مەھمۇد جوراس”، “تارىخى رەشىدى –”
27) مەشرەپ، بابارەھىم (1657-1711) نەمەنگان، قەشقەر، “مەبدەئى نۇر”، “دىۋان مەشرەپ” بار
28) موللا فازىل كىچىك (1652-1710) ياركەند، “لەيلى-مەجنۇن”
29) زىلەيخا بەگىم، ئافاق ھوجا(1626-1694)نىڭ ئانىسى، قەشقەر، “سىلسىلە تۇز زەھەپ”تە يېزىشىچە خاپىز شىرازى شېىرلىرىنى مۇتالىە قىلغان، زىلەيخانىڭ بەزى تەرجىمىلەرى “باياز” دى چىقتى.
30) زۇلفىيە كاشغەرى (17- -ئەسىر) قەشقەر، “دىۋان زۇلفىيە” يوق.
31) -ئەسىرى (18-19 -ئەسىرلەر) خوتەن . “باياز”لاردا بەزى ئەسەرلىرى بار.
32) ئابىد قۇمۇلى (17-18 -ئەسىرلەر): قۇمۇل، “باياز”لاردا قىسمەن شېىرلىرى بار.
33) ئەمىنى، قۇمۇل “باياز”دا 11 غەزىلى ئىلان قىلىندى.
34) غەيرەتى (18- -ئەسىر) خوتەن ، ياركەند. “باياز”دا بىر پارچە شېىر ى بار
35) فۇتۇقى، ھوجا سىدىق (1717-1756) ئىلى، ياركەند. بەزى شېىرلىرى يېتىپ كەلگەن.
36) ھوجا جاخان ئەرشى (1685-1755) ھوجەند، ياركەند، “دىۋان ئەرشى” بىزگە يېتىپ كەلگەن.
37) ئىبراھىم ئىبن يۇسۇپ (1775) خوتەن ، “مەنتىقۇتتەير” بار
38) ئىبراھىم مەشھۇرى (18-19 -ئەسىر) ياركەند، “دىۋان مەشھۇرى” بار
39) مەھزۇن، ئىسماىل (18- -ئەسىر) خوتەن ، “دىۋان مەھزۇنى”
40) موللا سالىھ (1742-؟) قاراقاش، “موللا سالىھنىڭ چەچەكنى ھەجۋى قىلغانى” مۇھەممەس
41) موللا ئابدۇل ئەلىم شاىر ئاخۇن (1756) “ئىسلامنامە”
42) موللا مۇھەممەد تومۇر (1717) “كەلىلە ۋە دەمىنە” پارسچىدىن تەرجىمە، “ئەھلاقۇل مۇھىنسىن” پارسچىدىن تەرجىمە.
43) موللا نىياز (1777-؟) خوتەن ، “تەزكىرەئى  ئىمام زەبىھۇللا” (1797، توت ئىمام تەزكىرەسى)
44) موللا ھەيدەر (18- -ئەسىر) خوتەن ، “جاڭنامەى ھەزرەت ئىلى”، “رەۋزەتۇش شۇھۇدا”، “ئەمىر ئابامۇسىلىم” نى پارسچىدىن تەرجىمە قىلغان.
45) موللا يۇنۇس ياركەندى (18- -ئەسىر) ياركەند، “مۇھەببەتنامە” (1755 ئابدۇراھمان جامىنىڭ يۇسۇپ زىلەيخا داستانىنى پارسچىدىن تەرجىمە قىلغان)
46) مۇھەممەت بىن ئابۇدللاخان مەھدۇم (18- -ئەسىر) ئاقسۇ، “مىڭ بىر كەچە”نى ئارابچىدىن تەرجىمە قىلغان.
47) مۇھەممەد ھوجا نىزامىدىن (1837) قاراقاش، فىردەۋسى “شاھنامە”سىنى تەرجىمە قىلغان.
48) مۇھەممەت تومۇر كاشغەرى (17-18 ئەرىس)قەشقەر، “كەلىلە ۋە دەمىنە”، “يۇسۇپ-زىلەيخا”، “ئەھلاقۇل مۇھسىن” لارنى پارسچىدىن تەرجىمە قىلغان.
49) مۇھەممەد سىدىق رەشىدى (1715-؟) ئاتۇش، “سىدىقنامە” (1785-7)
50) مۇھەممەت سادىق كاشغەرى (1740-1894) قەشقەر، “تەزكىرەئى  ئەزىزان”، “ئەدەبۇسسالىھىن”، “زۇبدەتۇل مەساىل ۋەل ئەقاىد”، “تەزكىرەئى  ئەشابۇلكەھف”، “تارىخى ئىسكەندەرىيە ۋە تاجىنامەى شاھ”
51) مۇھەممەد ئەۋەز (18-19 -ئەسىر) قاراقاش، “مەھدۇم ئەزەم”، “مەجمۇەتۇل ئەھكام”
52) مۇھەممد ئىمىن ھوجامقۇلى خىرقەتى/گۇمنام (1634-1724) قەشقەر، “مۇھەببەتنامە ۋە مەھنەتكام” (1670)
53) مۇترىبە (18- -ئەسىر) قەشقەر، پەرغانە (ك. بىروۋكوف “تىل-ئەدەبىيات ۋە تارىخى مەسىلەلەر” ئالما-ئاتا 1948)
54) نوبىتى (1696-1760؟) خوتەن ، “دىۋان نوبىتى” (1747) بار.
55) ئومەر باقى (1730-؟) ياركەند، نەۋائى ىنىڭ “فەرھاد-شەرىن” ۋە “لەيلى-مەجنۇن”لىرىنى نەسرىلەشتۇرۇپ چىققان.
56) قاسىمى (1799) قەشقەر، “تەزكىرەئى  ئارسلانخان” بار
57) قەلەندەر (؟-1747) قەشقەر، خوتەن  “دىۋان قەلەندەر”
58) قىسۇرى، موللا ئەھمەد غوجامنىياز (1717-1827) پىچان، “رەۋزەتىل زوھرا” بار.
59) شاھ ھىجران (1752) شاھ مۇھەممەد ئىمىن ئاخۇن ئىبن خوجا نىزامىدىن (1752) ياركەند، “شاھنامە”نى تەرجىمە قىلغان “شاھنامە تۈركى”
60) زەلىلى (1672-1745؟) ياركەند، خوتەن . “دىۋان زەلىلى”، “سەپەرنامە”، “تەزكىرەئى چىلىتەن”، “تەزكىرەئى  ھوجا مۇھەممەد شىرىپ”
61) “ئالۋان ناخشىسى” 1769- يىلىدىكى ئۇچتۇرپان قوزغىلىڭى باستۇرۇلغاندىن كېيىن  چىققان
62) ئاسى (19- -ئەسىر): “زەفەرنامە”
63) ئاشۇر ئاخۇن غەرىبى (1860): خوتەن ، “ئەمىر ئالى” داستانى
64) ئابدۇرەھىم نىزارى (1776-1850) قەشقەر. “غەرىبىلار ھىكايەسى” (زىياىى ، غەرىبى بىلەن بىرلىكتە)، “دىباچە”، “لەيلى-مەجنۇن”، پەرھاد-شەرىن”، “رابىە-سەئىدىن”، “دۇرۇلنەجاد”، “چاھار دەرۋىش” (زىيائى  بىلەن)
65) دىلبەر دورغا (19- -ئەسىر)، قاراقاش، شاىرە، “مەزلۇملار ئاھى” بار.
66) ئەھمەتشاھ قاراقشى (1740-1828) قاراقاش، “ئات قىسسىسى”، “پۇل”، “مەۋىلەر سوھبىتى”، “قىچىشقاق”
67) غەرىبى ھەستە (19- -ئەسىر) خوتەن ، “ھەمزەنامە” 1882- يىلى كوچۇرۇلگەن.
68) ھەمرا بۇبى (19--ئەسىر) ئاۇش، بەزى غەزەللىرى ئىلان بولدى.
69) خىسلەت كاشغەرى (1785-؟)، قەشقەر، قوقاند، “مەجمۇەتۇل شۇىرا”
70) ھوشھال غەرىبى (1845). قەشقەر. قوقاند، “كۇللىيات غەرىبى” بار.
71) ئىسمائىل بەگ بىنىشان (1827) “پەندنامە”، “دىۋان بىنىشان”
72) ئىمىرى (1822-؟) “دىۋان ئىمىرى”
73) مەھمۇد ھەكىمبەگ (1814-1907) ئاتۇش، 1876-يىلى قەشقەر ھاكىمى بولغان، خەلق ئىچىدە بەزى شېىرلىرى بار
74) مەھمۇد قارى (1862-1910) خوتەن ، “دىۋان قارى”
75) موللا باقى (1842-1917) كۇچا، “بەگ بىلەن قوي ھەققىدە”، “كەلتۇرمىشىم”، قىمارۋازنىڭ ھەسرىتى”
76) موللا ئەلى قۇشچى (1835-1902) شايار، “دىۋانى ئەلى”
77) موللا سەئىدۇللا (1840-1913) يەڭسار، پوسكام. ئاز شېىرلىرى يېتىپ كەلدى.
78) موللا سىدىق يەركەندى (1813) ياركەند، “ھەمسە نەۋائى  نەسرى”، “چاھار دەرۋىش” پارسىچىدىن تەرجىمە.
79) موللا مۇسا سايرامى (1836-1917) باي، “تەزكىرەتۇل ئەۋلىيا”، “دەربايان ئەشابۇلكەھف”، “تارىخى ئەمىنىيە”، “تارىخى ھەمىدىيە”، “دىۋان مەسنىۋى”، “سالامنامە”، “تەزكىرەئى  ھوجا ئافاق”، “فەرھاد ۋە شەرىن”
80) موللا زەيدىن (1815-1880) پىچان، لەتىپە، “ئالمىخان قوشىغى”
81) موللا توھتى (1840) ئاقسۇ، “ئەرزىيەت”
82) موللا قۇربان (1850) خوتەن ، كىرىيە، “داستانى ئىمام جەفەرى سادىق”
83) موللا مۇھەممەد سىيىتنىياز (1834-1931) لۇكچۇن، “مەلۇماتى ئافاق” پارسچىدىن تەرجىمە
84) موللا مۇھەممەد نىياز (1856) يېڭىسار، “مەنسۇر”
85) موللا مۇھەممەد نىياز ياركەندى (1846) ياركەند، “قىسسەسۇل غەرايىپ”، “تارىخى رەشىدى” پارسچىدىن تەرجىمە
86) موللا قۇشچى (19- -ئەسىر) “بازنامە” بار
87) موللا توختى غەرىبى (1816-1951) لوپ، “توھپەتۇل ئۇششاق سانى”
88) موللا مىرسالىھ (18-19 -ئەسىرلەر) قەشقەر “چىڭگىزنامە”
89) موللا شاكىر (1805-1870) ئاقسۇ، “زەفەرنامە”
90) موللا بىلال ئىبن يۇسۇپ نازىمى (1824-1900)، غۇلجا، ياركەند، “غەزەلىيات”، “غازات دەرمۇلكى چىن” (1875)، “چاڭموزا يۇزۇپخان” (1881)، “نوزۇگۇم” (1882)
91) موللا ھاجى (1830) قەشقەر، “تەزكىرەئى  بۇغراخان”
92) موللا ئالاۋىدىن غەرىبى (1880؟-؟) قەشقەر، “دىۋان غەرىبى”
93) مۇھەممەت تومۇر قاراقاشى (1820) قاراقاش، “تەرزىرەتۇل رىشات”
94) مۇھەممەد ۋەلىد مىرەھمەد شەيخ غەرىبى (19--ئەسىر) قەشقەر، “تارىخنامەئى ياقۇبخان” پېتىربۇرگ ئەرمىتاجدا.
95) مۇھەممەد دولەت خوجايار ئوغلى غەرىب ~ شەھيارى (19- -ئەسىر) شايار، “ئىشتىياقنامە” داستان
96) موللا ئىسمەتۇللا بىن موللانىمەتۇللا موجىزى (1854) خوتەن ، “تەۋارىخى مۇسىقىيۇن”
97) مۇھەممەد روسۇل شەۋقى (1853-؟) گۇما، “دىۋانى شەۋقى”
98) نادىرە (1792-1842) ئەنجان ھاكىمى رەھماننىڭ قىزى، قوقاند، مەرغۇلان ھاكىمى ئومەرخاننىڭ خوتۇنى، “دىۋان نادىرە” بار.
99) نورۇزاخۇن زىيائى  (18-19 -ئەسىرلەر) قەشقەر، “ۋامۇق-ئۇزرا”، “مەسۇت-دىلارا”، “چاھار دەرۋىش” (نىزارى بىلەن)، “مەھزۇنۇلۋاىزىن”
100) سالاھى، مۇھەممەد ئەبۇ (1806) قەشقەر، قوقەند، “دىۋان دادائى”، “گۇل ۋە بۇلبۇل” بار
101) سەدائى (1806) مىرھەسەن سەداى، قەشقەر، “دىۋان سەداى”
102) سەبۇرى، ئىمىر ھۇسەيىن (19- -ئەسىر) قەشقەر، “نەۋائى نىڭ ئادالەتپەرۋەرلىكى توغرىسىدا”، “دىۋان سەبۇرى”، “ماقالات”
103) سەئىد مۇھەممەد (؟-1821) غۇلجا، “شەرھى شىكەستە”
104) تۇردى نازىم غەرىبى (1802-1862) قەشقەر، “كىتابى غەرىبى”، “شاھ بەھرام”
105) زاھىد ئاخۇن پازىلباي (1882) سەمەرقەند، ياركەند، “ئىسكەندەرنامە”
106) زوھۇرى (18-19 -ئەسىرلەر) تۇرپان، قەشقەر زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ. “دىۋان زوھۇرى”
107) زۇمرەت (19- -ئەسىر) شاىرە، خوتەن ، كوپ شېىر لەرى “باياز”دا چىقتى.
108) “ئابدۇراھمان خان خوجا” داستانى 1860- خوتەن دە سەركەردە ئابدۇراھمان خوجانى مەدھىيلەپ يازغان داستان.
109) “تارىخى شاھرۇي” نىياز مۇھەممەد قوقەند پارس تىلىدا يازغان قوقەند تارىخى.
110) ئابدۇللا شەرىپ خەستە (1854-1907). ياركەند. “كۇللىياتى خەستە” توپلىمى 1960 يىللاردا يۇتكەن.
111) ئابدۇقادىر داموللام (1862-1924) ئابدۇقادىر بىن ئابدۇلۋارىس، ئاتۇش، “سەرف نەھۋى”، “ئىلمى تەۋجىد”، ئىلمى ھەساپ”، ئەقاىد زورورىيە”، “ئەقاىد جەۋھەرىيە”، “نەشەتى ئاممە”، “تەسىلمى سەبىيات”، “مىفتاىل ئەدەپ”
112) ئامى زەئىف، قۇل ئەلىم (1879-1951) قاغىلىق، “دىۋان تەجرىد، “تۇتىنامە” بار
113) ھەستەدىل (1896-1945) قەشقەر، “زوبدەتۇل تەجرىبە ئەز فۇسۇل” -ئەسىرى خەلق  ئىچىدە تارقالغان.
114) قارى بائىز (1885-1939) كۇچا، “دىۋان بائىزى” بار
115) موللا سۇپۇرگى سەنجارى (1864-1936) گۇما، “دىۋان غىياس”، “دىۋان سۇپۇرگى”، “غەرىبى سەنجارى” ھەممىسى يوق
116) سابىر ئاخۇن بىن ئابدۇقادىر ناقىس (1840-1920) يېڭىسار، “دىۋان ناقىس”، “بەيس ھەكىمبەگ”، “مەۋجۇدۇلقۇلۇب”، “نوللى دىمەن”، “نەسىھەتنامە ئۇسنۇر بايانى” لارنى يازغان، شەيخ ئىنەيتۇللانىڭ “باھار دانىش” داستانىنى تەرجىمە قىلىپ “گۇلزار بىنىش” دەپ ئات قويغان.
117) تەجەللى (1850؟-1930) قاغىلىق
118) شەۋقى، قۇتلۇق ھاجى (1876-1937) قەشقەر، “ئاڭ” گەزىتى، “ئەركىن ھايات” گەزىتى، “ئويغاندى”، “ۋەقەئى كاشغەر” لەرنى يازغان ۋە قۇتادغۇ بىلىگنى تونۇشتۇرغان.
119) يۇسۇپ غەرىبى، ئىبنى يۇسۇپ جۇبەيرى ئىبن پەتەنۇش (186-1940) قۇمۇل، بەزى شېىرلىرى بار.
7. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى
1950- يىلى شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى قارمىقىدا «شىنجاڭ مىللەتلەر تىل –يېزىقىنى مۇزاكىرە قىلىپ يېتەكچىلىك قىلىش ھەيئىتى» قۇرۇلدى. بۇ ھەيئەت خىزمەتنى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىسلاھ قىلىش، ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنى قېلىپلاشتۇرۇشتىن باشلاپ، ئۈرۈمچىدىكى ئاخبارات، نەشرىيات، مەتبۇئات، تىل-يېزىق خادىملىرى، ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئارىسىدا كۆپ قېتىم مۇزاكىرە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشلار ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئېلىپبەسى بىلەن «ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ قىسقىچە ئىملا قائىدىلىرى» نىڭ لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقىپ، 1953- يىل 10- ئايدا ئۈرۈمچىدە مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ مۇزاكىرە قىلدى. 1954- يىل 3-ئايدا ھەر قايسى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن ۋەكىل قاتناشتۇرۇپ چاقىرىلغان تىل-يېزىق خىزمىتى يىغىنىدا ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئېلىپبەسى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ قىسقىچە ئىملا قائىدىلىرىنىڭ لايىھىسى مۇزاكىرە قىلىنىپ ماقۇللاندى. بۇ لايىھىنى سابىق شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى 1954- يىل 4- ئاينىڭ 23- كۈنىدىكى 21- سانلىق ھەيئەتلەر يىغىنى بىلەن 125- سانلىق مەمۇرىي يىغىندا ماقۇللاپ، 1954- يىل 5- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئومۇميۈزلۈك قوللىنىش توغرىسىدا قارار چىقاردى. شۇنىڭدىن باشلاپ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى بولۇپ شەكىللىنىشكە باشلىدى.
پايدىلانمىلار
تىل تەتقىقاتىدا 30 يىل، ماقالىلەر توپلىمى، مىللەتلەر نەشرىياتى 2008-يىلى 11-ئاي
قازاق س س ر پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1985-يىلى
ن ئا باسكاكوۋ، تۈركىي تىلار تەتقىقاتى، مىللەتلەر نەشرىياتى بېيجىڭ 1986-يىلى 6-ئاي
مۇھەممەترېيىم سايىت ۋە ئىسراپىل يۈسۈپ، قەدىمكى  ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر ، شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى ئۈرۈمقى. 2000-8-ئاي
ئابدۇرەۇپ پولات تەكلىماكانىي،  چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە مۇپەسسەل بايان، مىللەتلەر نەشرىياتى بېيجىڭ، 2004-يىلى 5-ئاي
ئابلىمىت ئەھەت ۋە دىلدار مەمتىمىن، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى لۇغىتى، شىنجاڭ ياش ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 1989-يىلى 1-ئاي


مەنبە_ ساقلىۋالغانلىرىم
قولۇڭدىن كېلىشىچە باشقىلارغا ياخشىلىق قىل .

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
2734 سەر
تىللا
435 دانە
تۆھپە
1669 سەر
شۆھرەت
1810 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-2 18:08:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايقاش مۇنبىرىدە  ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئۇيغۇرلار تارىخىغا  ئائىت ماتىرياللار كەمچىل ئىدى، سىزنىڭ بۇ بوشلۇقنى تولدۇرغانلىقىڭىزغا  كۆرۈپ بەكمۇ خۇش بولدۇم. بولسا بۇندىن كېيىن مۇشۇنداق تېمىلىرىڭىزنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمۈد قىلىمەن رەھمەت سىزگە .  

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1064 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-2 18:23:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەۋسەر ئەپەندىم سىز ئۇيغۇر تارىخى كىتاپلىرىغا بەك قىزىقىدىكەنسىز . راستىنلا ھەۋەس قىلىدىكەنسىز ھە. بولسا بۇندىن كىيىنمۇ تارىخى بىلىملەرنى يوللاپ تۇرشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن .
ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 07:22, Processed in 0.135634 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش