- تىزىملاتقان
- 2012-3-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-21
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 17862
- نادىر
- 10
- تېما
- 350
- يازما
- 2236
 
- يوقلىما
- 198
قىزغىنلىق- 4435 سەر
تىللا- 1064 دانە
تۆھپە- 2729 سەر
شۆھرەت- 2913 سەر
        
| بايرىمىڭنى تەبىرىكلەيمەن مۇئەللىم
(تىۋىپجان ئېلىيۇپ)
سۈيۈملۈك مۇئەللىم ،مەيدەڭنى ، تەبىرىك گۈلدەستىسى چۈمكەپتۇ. تۈنۈگۈن ئۆمچەيگەن لىۋىڭگە، بۈگۈن خۇش تەبەسسۇم يۈگۈرۈپتۇ.
كۆردۈم مەن بايرىمىڭنىڭ پەيزىدىن ، ئىلىمنىڭ ئىلمىگە زوقىنى . ئاڭلاندى ناخشىدەك يېقىملىق ، دولقۇنلۇق ئالقىشلار شاۋقۇنى .
لايىق سەن ئەڭ يۈكسەك ھۆرمەتكە ، ھەقلىق سەن ئەڭ ياڭراق ئالقىشقا . تاپتۇق بىز ،تاپىمىز ئەجىرىڭىدىن ، لاياقەت ئىقتىدار ھەر ئىشقا .
سىنڭدەك تۆھپىكار باغۋەنسىز ، ئېچىلماس مەرىپەت گۈللىرى . سىنىڭسىز نىمە دەت سالمىغان ، ئەل يۇرۇتقا جاھالەت سەللىرى .
سىنىڭسىز ئۇچۇق كۆز قارغۇ بىز ، سىنىڭسىز غەپلەتكە بەندىبىز ، سىنىڭسىز بېيىماس روھىمىز ، سىنىڭسىز تىكلەنمەس قەددىمىز .
سىنىڭسىز يۇرۇماس دىلىمىز ، سىنىڭسىز ئۇزارماس تىلىمىز . سىنىڭسىز يوق پارلاق پەللىمىز ، سىنىڭسىز يوق راۋان يۇلىمىز .
مۇنبەرگە چىققانلار كىم بولسۇن ، ئۇلارنى شۇنداقمۇ سىنايمەن ، سەن كەلسەڭ ئۆرنىدىن تۇرمىسا ، قانداقمۇ ئىنسان دەپ سانايمەن .
ئورتاقسەن جىمىي سەن شەرەپكە ، ئەجىرىڭ بار ئۇتۇقنىڭ بەرىدە. ياشاشقا لايىقسەن ھەمىيشە ، جاي ئېلىپ قەلبىمىز تۈۋىدە .
تەبىرىكلەپ كەلدىم مەن تۇيۇڭنى ، ئەسسىلام ئەي ئۇلۇغ تۆھپىكار ! شۇ نەزمەم سۇۋغاتقا يارىسا ، بۇ ماڭا ئەڭ ياخشى ئىپتىخار . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا زەپەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-2 17:58
|
|