پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 112|ئىنكاس: 5

[بايراملىق] ئۇستاز مەقبەرىسى ئالدىدا[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
65
قىزغىنلىق
1134 سەر
تىللا
380 دانە
تۆھپە
493 سەر
شۆھرەت
593 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-31 17:41:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۇستاز مەقبەرىسى ئالدىدا

ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت

مەقبەرەڭدىن سۆيگۈنىڭ دۇنياسىنى سورايمەن،
سۈكۈتىڭدىن قەلبىڭنىڭ ساداسىنى سورايمەن.

چەكسىزلىككە سىنچىلاپ سىماھىڭنى ئاختۇرۇپ،
گۈزەللىكنىڭ جىلۋىسى-جۇلاسىنى سورايمەن.

قارچۇقۇڭدا چوغلانغان ئۇپۇقلارنىڭ بۇرجى بار،
پارلىشىمغا قەلبىڭنىڭ ساماسىنى سورايمەن.

ئاتەش كەبىي يۈرىكىڭ قاڭقىپ كەتتى قۇياشقا،
ئۆڭگەن چېغىم روھىڭنىڭ زىياسىنى سورايمەن.

بارخانلارغا كۆمۈلۈپ يۈتتى قەلبىم پارچىسى،
چاڭقاقلىقتا مېھرىڭنىڭ دەرياسىنى سورايمەن.

ياماشتۇردۇڭ ئەتىگە، پەرۋازىمدا يۈكسىلىش،
چوققىلاردىن قۇتۇمنىڭ ئىزناسىنى سورايمەن.

يوقۇتۇشۇڭ بالقىتتى مېنى تىمتاس كۆزگۈمدىن،
پاك روھىڭدىن ھاياتنىڭ مەناسىنى سورايمەن.

روھىڭ پارلاپ تاڭ چېغى قول كۆتۈردۈم دۇئاغا،
يىغلاپ تۇرۇپ دۇنيانىڭ دۇئاسىنى سورايمەن!

1994-يىلى، 8-ئاينىڭ 8-كۈنى، يېڭىسار.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alahidin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-31 17:42  

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
607 سەر
تىللا
70 دانە
تۆھپە
380 سەر
شۆھرەت
480 سەر

كومپىيۇتىر ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-31 20:28:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىىز  نىڭمۇ قىلىشمايدىكەن جۇمۇ   سىزمۇ چوقۇم مۇكاپات ئالسىز   

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1064 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-31 23:58:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالاھىدىن ئاكا ياخشى يېزىپسىز  . راستىنلا قەلىمىڭىز ھەقىيقەتەن ئوتكۈركەن . مۇكاپات ئېلىشىڭىزغا تىلەكداشمەن .
ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3941 سەر
تىللا
508 دانە
تۆھپە
2362 سەر
شۆھرەت
2474 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش مەلىكىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-1 00:28:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭىز ھەقىيقەتەن ئۆتكۈركەن  رەھمەت باشقىلارغىمۇ باھا ئىنكاسلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز!!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
756 سەر
تىللا
80 دانە
تۆھپە
369 سەر
شۆھرەت
418 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 00:06:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرىڭ ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ ، بۇرادەر. مۇكاپات ئېلىشىڭغا تىلەكداشمەن!
ئەتەڭنى ئويلا،ئۆگۈنۈڭنى ئويلىما.چۈنكى، ئەتەڭ يەنە بىر ئەتىگە ھامىلدار!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
907 سەر
تىللا
198 دانە
تۆھپە
446 سەر
شۆھرەت
533 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 23:21:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارقىن لىرىكىلار بىلەن تويۇنغان بۇ مۇڭلار قەلبىمنى چوڭقۇر ھاياجانغا سالدى.

بارخانلارغا كۆمۈلۈپ يۈتتى قەلبىم پارچىسى،
چاڭقاقلىقتا مېھرىڭنىڭ دەرياسىنى سورايمەن.


ئۇستازلار روھى مەڭگۈ نۇر چاچسۇن....
شاگىرتلار قەلبى ئوت بولۇپ يانسۇن.
ئەۋلاتلار دىلى بولۇپ شادىمان،
ناخشا-كۈيلىرى ساماغا يەتسۇن.


ئەجىرىڭگە كۆپ تەشەككۈر......تەشنا يۈرەكلەرنى مۇڭ لىرىكىلار بىلەنمۇ سۇغۇرۇپ تۇرغايسەن.


سېنىڭ بايرىمىڭغىمۇ مۇبارەك بولسۇن....بۇرادەر.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   saba007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-3 23:24  

ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 08:02, Processed in 0.128992 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش