- تىزىملاتقان
- 2012-8-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-21
- ھوقۇقى
- 20
- جۇغلانما
- 285
- نادىر
- 0
- تېما
- 5
- يازما
- 36

- يوقلىما
- 21
قىزغىنلىق- 79 سەر
تىللا- 8 دانە
تۆھپە- 39 سەر
شۆھرەت- 44 سەر
| مەن بىر ئاددى خەلق ئوقۇتقۇچىسى، ئىلگىرى مەن بۇ خىزمەتنى ناھايىتى ئۇلۇغ شەرەپلىك خىزمەت دەپ بىلەتتىم. شۇڭا مەن ساقچىلىق خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ بۇ ئۇلۇغ خىزمەتنى تاللىغان ئىدىم. ئەپسۇس ھازىر بۇ ئۇلۇغ خىزمەت قانداق خىزمەت بۇلۇپ قالدى؟،قاچان قارىسا توختىماي خەت يازماق، پىلان تۈزمەك ، ئوقۇغۇچىلار بىلەن كارىمىز يوق. ئوقۇغۇچىلارغا دەرس ئۆتمىسەك بولۇدىكى ، تەييارلىق يازمىساق زادى بولمايدۇ، قىلمىغاننى قىلدۇق دەپ يالغاندىن خەت يازمىساق بولمايدۇ، پىلان تۈزمىسەك بولمايدۇ، باشلىقلارغا تەييارلىقنى تۇلۇق قىلىپ ، يازىدىغاننى تۇلۇق يېزىپ تەكشۈربش كەلگەندە تۇلۇق چىقىرىپ بەرسەك بولىدۇ. كۈندە ئوقۇغۇچىلارغا ئۆتىدىغىنىمىز ماتىماتىكا، خەنزۇتىلى، تىل-ئەدەبىيات مۇشۇ پەنلەرنىلا ئۆتۈپ باشقىلىرىنى ئۆتمەيدىغان گەپ. ئۆتەي دېسەكمۇ ئامال يوق. ئاساسى پەننى چىڭ تۇتۇپ ئۆتمىسەك بولمايدۇ، ئىمتىھاندا يۇقۇرى چىقمىسا بىزنىڭ ئاران ئېرىشىدىغان مۇئاشىمىزنى تۇتىدىغان ئىش. ھەر بىر ئوقۇتقۇچى خەنزۇتىلى دەرسىدىن باشقا دەرسىنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى بېرىدۇ. بېسىم ئېغىر. دەرت كۆپ. مەكتەپلەردە ئۇششاق ئىشلار كۆپ. ئادەتتىكى باشلىقلارمۇ ئۆزىنى خۇددى بىر يەرنىڭ ھاكىمىدەك چاغلايدۇ، باشلىقلارغا ياخشى كۆرىنىش ئۈچۈن ھە دەپ بىچارە ئوقۇتقۇچىلارنى قىينايدۇ. باشلىقلار بۈگۈن كەچكىچە قىلىپ بولۇشنى ئورۇنلاشتۇرغان ئىشلارنى كىچىك باشلىق چۈشكىچە ئورۇنلاپ بولۇشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ھەممىسى خۇشامەتچى. ئەمما بىر ئىشقا دىققەت قىلىش كېرەك، يەنى مەكتەپ بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ ئەۋلاتلىرىنى تەربىيەلەيدىغان جاي، مۇشۇنداق مۇھىم جايدا بىز ئوقۇغۇچىلارنى ئەتراپلىق تەربىلىمىسەك بۇنىڭ جاۋاپكارلىقىغا كىم تارتىلىدۇ، ئوقۇتقۇچىلارمۇ ياكى باشلىقلىرىمىزمۇ؟ ھازىر بىز تەربىيەلىگەن ئوقۇغۇچىلار خۇددى ماشىنا ئادەمگىلا ئوخشايدۇ، بىز نېمە دېسەك شۇنى قىلىدۇ. يېڭىلىق يارىتىش روھى يوق. بىز مانا مۇشۇنداق مىللىتىمىزنىڭ ئۈمىدى، مىلىتىمىزنى دۇنياغا تۇنىتىدىغان نارىسىدىلەرنى مۇشۇ ھالەتە تەربىلىسەك كەلگۈسىدە بىزنىڭ مىللىتىمىز نېمە بولماقچى؟ بىز بۇزغىچىمۇ ياكى تەربىلىگىچىمۇ؟ ھازىر نۇرغۇن جايلاردا ئوقۇتقۇچىلىقتىن ئىستىپا بېرىۋاتىدۇ، بۇ نېمە ئۈچۈن ؟ بىز ياخشىراق ئويلىنىپ باقايلى؟ ھەممىسى بىزنىڭ ئەۋلاتلىرىمىز! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئالىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-31 01:14
|
|