پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 139|ئىنكاس: 5

نىكاھنىڭ ئۈچ مۇھىم مەنزىلى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
38
قىزغىنلىق
761 سەر
تىللا
346 دانە
تۆھپە
479 سەر
شۆھرەت
660 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 22:26:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

نىكاھنىڭ ئۈچ مۇھىم مەنزىلى



بىرىنچى مەنزىلى : ئۆزى ياخشى كۆرگەن كىشى بىلەن توي قىلىش ؛ ئىككىنچى مەنزىلى : ئۆزى ياخشى كۆرگەن كىشى ھەمدە ئۇنىڭ تۇرمۇش ئادىتى بىلەن توي قىلىش ؛ ئۈچىنچى مەنزىلى : ئۆزى ياخشى كۆرگەن كىشى ھەمدە ئۇنىڭ تۇرمۇش ئادىتى بىلەن يەنە شۇنداقلا ياخشى كۆرگەن ئادىمىنىڭ ‹‹ ئارقا كۆرۈنۈشى ›› بىلەن توي قىلىش .  
   
بىرىنچى مەنزىلدە تۇرغان ئەي – ئاياللارنىڭ نىكاھى نىسبىي  مۇستەھكەم بولىدۇ ؛ ئىككىنچى مەنزىلدە تۇرغان ئەر – ئاياللارنىڭ نىكاھى بىر قەدەر  مۇستەھكەم بولىدۇ ؛ ئۈچىنچى مەنزىلدە تۇرغان ئەر – ئاياللار ئۆمۈرلۈك ھەمراھلاردىن بولۇپ قالىدۇ .  
   
ھازىر نۇرغۇن قىز – يىگىتلەر توي قىلىپ ئۇزۇن ئۆي تۇتمايلا ئاجىرىشىپ كېتىۋاتىدۇ . بۇنىڭ سەۋەبى ئۇلار نىكاھىنى بىرىنچى مەنزىلدىن ئىككىنچى مەنزىلگە ئېلىپ بارالمىغان . ھەممىمىزگە ئايان ، قايناۋاتقان سۇ باكتېرىيەلەرنى ئۆلتۈرەلەيدۇ . قايناق مۇھەببەتمۇ قايناۋاتقان سۇغا ئوخشاش ئادەمنىڭ كەمچىلىكى ۋە يېتەرسىزلىكلىرىنى يېپىپ كېتەلەيدۇ . قايناق مۇھەببەت ئىچىدىكى مۇكەممەل ، نۇقسانسىز ھېسابلانغان ‹‹ ئات ئاتلىق شاھزادە ›› بىلەن ‹‹ ئاق كىيىملىك پەرىزات ›› نىكاھتىن ئىبارەت بۇ ‹‹ بىر ئىستاكان ئىلمان سۇ ›› نىڭ ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن ، ئۇلارنىڭ كەمچىلىك ۋە يېتەرسىزلىكلىرى خۇددى باكتېرىيەگە ئوخشاش كۆپىيىشكە باشلايدۇ .  
   
بۇ چاغدا سىز نىكاھنىڭ ئىككىنچى مەنزىلىگە ئۆتۈپ ، جۆرىڭىزنىڭ تۇرمۇش ئادىتى بىلەن ‹‹ توي قىلىپ ›› ئۇنىڭ كەمچىلىك ۋە نۇقسانلىرىنى قوبۇل قىلىشىڭىز ھەمدە ئۇنى ئەپۇ قىلىشىڭىز كېرەك . بولمىسا ، ‹‹ نىكاھ  گۈلى ›› چوڭقۇر يىلتىز تارتالماي قۇرۇپ قالىدۇ . ئەسلىدە تولىمۇ مېھىر – مۇھەببەتلىك كەلگەن ئەر– ئاياللار ئۆي تۇتۇپ نەچچە يىل بولا – بولمايلا نىكاھتىن ئاجرىشىدۇ . بۇ ئۇلارنىڭ نىكاھنىڭ ئىككىنچى مەنزىلىگە قەدەم قويالمىغانلىقىدىن بولىدۇ . نىكاھ  ئىككىنچى مەنزىلگە قەدەم قويغاندىن كېيىن ، كۆپ ساندىكى ئەر– ئاياللار ‹‹ ئاجىرىشىش ›› دېگەن سۆزنى تىلغا ئالمايدۇ . چۈنكى ئۇلار جۆرىسىنىڭ خاراكتېر جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكلىرىنى چىن دىلىدىن قوبۇل قىلغان بولىدۇ . بەزىلەر ھەتتا جۆرىسىنىڭ بۇ خىل يېتەرسىزلىكلىرىنى ئۆزىنىڭ كۆيۈنۈش نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇۋالىدۇ . بۇ چاغدىكى نىكاھ  شېرىن ھەم مېھىر – مۇھەببەتكە تولغان بولىدۇ . ئۇنىڭدا ئەكس ئېتىدىغان ئەڭ زور ئارتۇقچىلىق كەڭ قورساقلىق ۋە ئۆزئارا تولۇقلاش بولىدۇ .  

نىكاھتىكى مېھر – مۇھەببەت نىكاھنىڭ مۇستەھكەملىكىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ . مۇستەھكەم نىكاھ  ئۈچىنچى مەنزىلگە يېتىشى كېرەك . ئۇ بولسىمۇ جۆرىسىنىڭ يېقىن كىشىلىرى بىلەن ‹‹ توي قىلىش ›› . بۇ دېگەنلىك سىز جۆرىڭىزگە بولغان مۇھەببىتىڭىزنى ئۇنىڭ ئاتا – ئانىسى ۋە يېقىن دوستلىرىغىچە كېڭەيتىشىڭىز كېرەك ، دېگەنلىكتۇر . بۇ خىل مۇھەببەت ئىچىدە سىز ‹‹ نىكاھ ›› ھەققىدىكى ئەقلىي چۈشەنچىگە ئىگە بولسىز . سىزنىڭ جۆرىڭىز سىزگىلا تەۋە بولماستىن ، ئاتا – ئانىسىغا ۋە دوستلىرىغىمۇ تەۋە . نىكاھ  ئۈچىنچى مەنزىلگە يەتكەندىن كېيىن مۇستەھكەم ھالەتكە كېلىدۇ ، بۇنداق نىكاھنى ئاسانلىقچە ئايرىۋەتكىلى بولمايدۇ . مۇھەببەت دۇنياسىدا ، كۆپىنچە ئەرلەر : نىكاھ – بىر قىزنى ئەمرىگە ئېلىش دەپ قاراپ ، ئەمرىگە ئالغان ئايالنىڭ ئۆز ئىنتىلىشى ھەمدە ئۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىگە پەرۋاسىز قارايدۇ ؛ بەزى قىزلار بولسا نىكاھ – بىر ئەرگە ياتلىق بولۇش دەپ قاراپ ، ئەرنىڭ تۇرمۇش ئادىتى ۋە خاراكتېرى بىلەن ‹‹ توي قىلىش ›› نى بىلمەيدۇ . تونۇش جەھەتتىكى بۇنداق خاتالىقلار كۆپىنچە ھاللاردا نىكاھنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەپچى بولىدۇ .  

پەن ۋە تۇرمۇش  ژورنىلىدىن ئېلىندى
قولۇڭدىن كېلىشىچە باشقىلارغا ياخشىلىق قىل .

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1498 سەر
تىللا
344 دانە
تۆھپە
1060 سەر
شۆھرەت
1156 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-31 14:35:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەربىيۋى ئەھمىيتى كۇچلۇك تىما ئىكەن. توي قىلماقچى بولغانلار ئوقۇپ كۆرسە بولغۇدەك،
مۇشۇنداق تىمىلىرىڭىز ئۇزۇلمىگەي.
قايسىڭلاردا بوۋاقلار پىسخولوگىيەسىگە ئائىت ئۇيغۇرچە ماتىرىيال بار؟

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4382 سەر
تىللا
1182 دانە
تۆھپە
2413 سەر
شۆھرەت
2839 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-31 14:38:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىكاھ ھەممە ئادەمنىڭ بېشىدا بار، نىكاھىنىڭ قانداق بۇلۇشى كىشىلەرنىڭ پۈتۈن ھاياتىغا، خۇشاللىق ۋە خاپىلىقىغا، نەتىجە ۋە مەغلۇبىيتىگە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا نىكاھنىڭ تۇنجى قەدىمى كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ مۇھىم قەدەملەرنىڭ بىرى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.
ياخشى تېما ئىكەن، بۇلار ھەممە ئادەم بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ياخشى كۆرسەتمىلەر ئىكەن، رەخمەت سىزگە.
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1681 سەر
تىللا
146 دانە
تۆھپە
1088 سەر
شۆھرەت
1175 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-31 20:56:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى تىمىكەن .بولسا مۇشۇنداق تىمىلارنى كۆپرەك يوللاپ تۇرسىڭىز .
كۆڭۈل-كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر !

Rank: 1

قىزغىنلىق
39 سەر
تىللا
1 دانە
تۆھپە
26 سەر
شۆھرەت
28 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-31 22:04:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يىڭى تىما ئىكەن،ئوقۇشقا ئەرزىيدۇ

Rank: 1

قىزغىنلىق
79 سەر
تىللا
8 دانە
تۆھپە
39 سەر
شۆھرەت
44 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-1 01:32:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى تىما ئىكەن. بۇنى يېڭى توي قىلىدىغان ياشلارغا قوللانما قىلىپ تارقىتىپ بەرسە بولغۇدەك. ئۈنىمى ياخشى بولىدۇ.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 07:26, Processed in 0.134939 second(s), 32 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش