ئادىل تۇنىياز تەننىڭ سايىسى ئىزدەيدۇ ئىزىنى دولقۇندەك ساھىلدىكى ، تاشلىدى ئۆزىنى كېچىنىڭ دولقۇنى ، بۇ دەملەر ئۆلۈمنىڭ سۇدىكى يالقۇنى . ئۆچمەكتە يامغۇرلار ، كۆيمەكتە ئىسسىق قار ، شامالسىز لىپىلدار كۆكرەكتە نىلۇپەر . پاك شەبنەم دومىلار گەجگىدىن دۈمبىگە ، ئىسسىق قان ئىچىدە يۇلتۇزلۇق ، چوڭقۇر ئەر . ئۈزۈلدى ئەنجۈرلەر ، تۆكۈلدى ياپراقلار بىپايان كارىۋاتتا . ئۇچماقتا بارلىق ، بىر ساز بىز قوش تارلىق ، مېھرىبان سازەندە چالماقتا ، چالماقتا ... قۇلاق ۋە قولىمىز يۈگۈرەر ئۆزىدىن چىقىپ ئۆلۈم بۇ بىر قېتىملىق ، قىسقا ، لەززەتلىك . ئۈستەل چىرىغى ئاغزىنى يۇمۇپ ، بەك ئاستا قاراڭغۇدا ئېيىتماقتا ناخشا ، ئەڭ گۈزەل ناخشا . 2004-يىل 10-ئاينىڭ 24-كۈنى "دېڭىزدىكى كوچا " دىن ئېلىندى كىچىككىنە يېزا بازىرى ئادىل تۇنىياز بۈگۈن سەھەردە ، قۇياش سۇنغان ئاق گۈلچەمبىرەك ياراشقاندا مۇز دېرىزەمگە ؛ تىرىلگەندەك قارلىق دالىغا دەپىن قىلغان كېپەنلىك باھار ، ئەسلىمەمنىڭ تاش ئەينىكىگە ئېقىپ چۈشتى ئۇزۇن بىر سايە . قەلبىم شۇئان يىرتىپ تۇماننى ئەرۋاھ كەبى چىقتى ئايلىنىپ ، كىچىككىنە يېزا بازىرىنى . كىچىككىنە يېزا بازىرى ، سالام سېنىڭ چوغدەك تېڭىڭغا . كۆڭلەپ كىيىپ شايى تۈتۈندىن ، سەھرادىكى قىزغۇچ تۇماندا ، ئۇخلاۋاتقان كۆپكۆك ھاۋاغا . سالام ئېگىز تېرەكلىرىڭگە – زەر قاناتلىق يىڭناغۇچلاردەك ، قونۇۋالغان كۈن نۇرلىرىغا . سالام كېچىدە قۇياشنى چۈشەپ تام تۈۋىدە سوزۇپ چىللىغان شاھزادىدەك خورازلىرىڭغا . سالام ئىشىكنى غىچىرلاپ ئېچىپ ئىبادەتكە ماڭغان بوۋايغا . ئەنە ، تۆت كوچىنىڭ دوقمۇشىدىكى چاك كەتكەن تام تۈۋىدە ، ياغلىق سېلىپ رەڭدار بۇلۇتتەك ، چىنىلەرنى تىزىپ ئۈستىگە ، ئولتۇرىدۇ قېتىقچى قىزلار . تورغاي يول ئالماستا يول ئالغان تۇزچى ، تاش تۇز باسقان ئېشەك ھارۋىنى ، بازار چېتىگە كېلىدۇ ھەيدەپ . كىيىملىرى جۇلجۇل قەلەندەر چاپاق باسقان كۆزىنى ئېچىپ ، تام تۈۋىدە كۆردى بۈگۈنمۇ ، تۈنۈگۈنكى سېخىي قۇياشنى . ئەنە ، تورۇسى ئىسلاشقان خۇشىۇي چايخانا ، سالام بېرەر خېرىدار تاڭغا . تەمبۇرچىدەك مۇڭلۇق ئاۋازدا ساماۋەردە ناخشا ئېيتار چاي . كالا سۇغارغىلى بېرىپ گۇگۇمدا ، كۆل بويىدا يىگىتى بىلەن ئۇچرىشىپ قالغان سەھرا قىزىدەك – تونۇردىن چىققان پا – پا گىردىلەر مەڭزى چوغدەك قىزارغىنىچە سېۋەتلەردىن باقار ئۇياتچان . تۇرىدۇ بىر قىز ، ساتماق بولۇپ دوقمۇشتا ، سۈبھى پەيتى قوناقلىقىدىن ئېلىپ كەلگەن بىر تاغار ئوتنى . قىزىل گۈلدەك خۇشبۇي ھاۋا ھەم كەڭ دالىنىڭ مەيىن شامىلى چەمبىرەكتەك ئايلىنار ئۇنى . سالۋا تەلپەكلىك دېھقان ، بېدە باسقان كالا ھارۋىغا ، ئەگەشتۈرۈپ كەلگەن تاڭدىكى جىگدە چېچەكلىرىنىڭ ئىللىق پۇرىقى كوچىلارغا چاچار خۇش پۇراق . يېقىن يېزىنىڭ باغۋىنى ئەنە شاپتۇل ساتقىلى كىردى سەھەردە ، شاپتۇل چېچىكىدەك ھالرەڭ سۈبھىنى سېتىۋەتتى غۇۋا شەھەرگە . سېتىۋەتتى ئالمىچى يىگىت ، ئوسما قويغان قاشلىق جۇۋانغا ، سېۋەتتىكى ئالمىلا ئەمەس ، ككڭلىدىكى ئالمىلارنىمۇ . سالام ، ئاشۇ يېزا بازىرىدىكى كۆكتاتچى مومايلار ، گۈل ساتقۇچىلار ، كۆكسى لەڭپۇڭدەك لىغىرلاپ تۇرغان ھېسىپچى ئاياللار ، لەڭپۇڭچى قىزلار . سالام ، شاۋقۇنلۇق ئاشپۇزۇلدىكى ئۇسسۇلچى چۆمۈچلەر ، ناخشىچى سەيلەر . سالام ، كاۋاپداندا پىچىرلاۋاتقان ئىخلاسمەن كاۋاپلار ، ئەۋلىيا چوغلار . سالام ، بەك يىراق جاڭگالدىن كەلگەن ساقىلى بېدىدەك بورا ساتقۇچى . سالام ، زوڭزىيىپ كۈپ تاللاۋاتقان قېشى ئاق ، كۆڭلى ئاق ، ئۈستىبېشى ئاق ئاق ئۇنغا مىلەنگەن نۇرلۇق تۈگمەنچى . سالام ، تاش تۈۋىدە ئولتۇرغان چوكان ، سالام ساتالماي قالغان تۇخۇملىرىڭغا . سالام ماي چاپانلىق جۇۋازچى بوۋاي ، سالام ، ماي قاپىقىڭغا ، جۇۋاز كالاڭغا . ئۆمۈچۈك تورلىرى تۆكۈلۈپ تۇرغان سالام قاراڭغۇ جۇۋازخاناڭغا . سالام ، ئاپتاپتا قارىداپ كەتكەن ئاققوناق ساتقۇچى ، بۇغداي ساتقۇچى . خالتا كۆڭلىكىڭگە ياماقلار چۈشكەن ، مال بازىرىدا تۆگە يېتىلەپ كېتىۋاتقان تۆگە باققۇچى . سالام ، يالاڭئاياغ سەھرا قىزىنىڭ ئالدىغا تىزىقلىق باغلام ۋە باغلام قۇرۇتۇپ ئېپكەلگەن ياۋا سۈپۈرگە . سالام شۇ سۈپۈرگە چېچەكلەپ ئۆسكەن شاماللىق دالىغا ، ئاق كۆڭۈل كۈنگە . سالام شۇ يەردىكى قەدىم پوسۇندا سېلىنغان قەۋەتسىز ئاددىي ئۆيلەرگە . سالام شۇ ئۆينىڭ تەكچىلىرىگە باھاردەك-باھاردەك تىزىپ قويۇلغان سۆگەتگۈل ، ئەتىرگۈل قوناقگۈللەرگە . سالام سۆيۈملۈك يېزا بازىرىدىكى پەردازسىز ، گىرىمسىز بوۋاقتەك دۇنيا ، سالام ، ئۇندىكى ھەممە-ھەممىگە . كىچىككىنە يېزا بازىرى 1990-يىل 3-ئاي ، ئۈرۈمچى مەنبە: "دېڭىزدىكى كوچا " ( سەن باھارنى سېغىنمىدىڭمۇ ( ئادىل تۇنىياز ) زۇمرەت ئاسمان تۇرار كۆز چېقىپ ، دۆڭدىن ئەگىز ئاقار شىرىلداپ . ئەجەپ ئوتلۇق خۇمارلىق بېقىپ ، ھوجرىسىدىن چىقىپ كېلەر كۈن . بىراق سەندىن يوقتۇر شەپە-ئۈن ، سەن باھارنى سېغىنمىدىڭمۇ ؟ كىيىكلەرنىڭ سەكرەشلىرىدىن قامىتىڭنى ئالىمەن ئەسكە . گۈللەر ئۈزدۈم ئېتىز قىرىدىن ، لېكىن ساڭا ئوخشىماس بەرى . ئەي خىلۋەتكە مۆكۈنگەن پەرى ، سەن باھارنى سېغىنمىدىڭمۇ ؟ كۈمۈش تەڭگە چاچىدۇ بۇلاق قىياقلاردا يالتىرار شەبنەم . كۈيلىرىگە سالىمەن قۇلاق ، يۈرىكىمدە مۇڭلۇق بىر رىتىم . كۆرگىنىم يوق سېنى بىر قېتىم ، سەن باھارنى سېغىنمىدىڭمۇ ؟ ئىللىق شامال مەسىت قىلار مېنى ، قوللىرىدا ئويناپ ئەركىلەپ . چىمەن ئىچرە ئويلايمەن سېنى ھىدىڭ كەلمەس ، كەلمىدىڭ بىراق . كېپىنەكلەر ئۇچقاندا يىراق ، سەن باھارنى سېغىنمىدىڭمۇ ؟ باغلار گۈزەل ، نازلىنار شۇنچە يېشىللىققا پۈركەنگەن ئەتراپ . گۈزەللەشتى تەبىئەت شۇنچە لېكىن شادلىق بېرەلمەس ماڭا . باھار قۇچاق ئاچماقتا ساڭا ، سەن باھارنى سېغىنمىدىڭمۇ ؟ 1988-يىل ، قاغىلىق مەنبە-"دېڭىزدىكى كوچا " ياغماقتا يامغۇرئادىل تۇنىياز توكۇلداپ چۈشمەكتە ياغماقتا يامغۇر ، بىر گۈزەل ناخشىغا تولۇپ كەتتى يەر . ئاق تېرەك قەددىنى كۆمەگەندەك ئاق نۇر كۈمۈش رەڭ ياپراقلار سىلكىمەكتە پەر . گۈللەرنىڭ قەلبىدە يېقىملىق ناخشا چىمەنلەر لېۋىدىن تككۈلىدۇ كۈي . ساھىلى دەريانىڭ شىۋىرلاپ ئاستا " ئامرىقىم كەل بۇيان ، سۆجيسەڭ مېنى سۆي ". كۆكسىدە مەرۋايىت يۇيۇنار لالە ، مەسىت بولغان جىسمىنى قۇچىدۇ شادلىق . قىز ۋىسال كېچىسى قىلغاندەك نالە ئەتراپقا سادالار تارار بىر تاتلىق . تەبىئەت نازلىنىپ كۆرسەتتى جامال چاچرىدى قەترىلەر چاچرىدى ئاق نۇر ئەركىلەپ ئۆتكەندەك راھەتلىك شامال شىلدىرلاپ تۆكۈلەر ، تۆكۈلەر يامغۇر 1988--يىل قاغىلىق "دېڭىزدىكى كوچا " دىن ئېلىندى كەيىپلىك ئادىل تۇنىياز ئۇچۇپ كەتكەن ئەيسا پەيغەمبەر قايتىپ كەلگەن بولۇشى مۇمكىن ، قالغاندۇرمىز تونۇماي بەلكىم . كۆزلىرى قىزارغان ھاراقكەش بوۋاي كوتۇلدايىتتى ئاغزى بېسىلماي ، بولۇپ كەتكەن ئۇ بەك خۇشچىراي . بۇ شۇمۇ ئەمەسمۇ تۈنۈگۈنكى كۈن ؟ قاچاندىن باشلاپ ئۇ چىقتى شەرقتىن ؟ بېرى كەلگىن ، ئەي ئوماق بالا ، مەنمۇ ھازىر ئوپمۇ ئوخشاش ساڭا ، مەن ئۆزۈمگە مەنسۇپ مەس چاغدا ؛ يېشىلگەندە ئەگەشمە ماڭا . قەلەندەرنىڭ ئۆيىدە قۇياش ، ياندۇرۇلار چىراغقا ئوخشاش . دېرىزىسى قىڭغىر ئۆيلەرگە ، ئاي شولىسى چۈشىدۇ قىيپاش گۇگۇم چۈشسە يۇلتۇزلار چىقار ئاياللارغا ئوخشايدۇ باھار . تىترىمەستىن بېخىل مەيپۇرۇش ، قۇيۇۋەتكىن يوغان بىر چىنە ، تېتىمايدۇ رومكىدىكى مەي ! قۇياشسەن ، ئەي سېخىي مەيپۇرۇرش ، ئەپكېلىۋەر كوزىدا ،ئەي-ھەي ، ئۆز قەلبىنى ئىنكار قىلغانلار ، پەرىشتىدەك ئىچەلمەيدۇ مەي . ئۇچۇپ كەتكەن ئەيسا پەيغەمبەر قايتىپ كەلگەن بولۇشى مۇمكىن ، قالغاندۇرمىز تونۇماي بەلكىم . "دېڭىزدىكى كوچا " دىن ئېلىندى |