پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 91|ئىنكاس: 2

ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
110
قىزغىنلىق
749 سەر
تىللا
46 دانە
تۆھپە
441 سەر
شۆھرەت
737 سەر

تىرىشچان ئەزادادىل ئەزا ئوردىنىمائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 19:13:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرى


  ئۇرۇندۇم قۇياي دەپ سۇ ئۆزرە خىشنى،
بۇتخانا خالىماس بۇنداق خاھىشنى.
ئەي ھەييام، كىم ئېيتار دوزىخىيسەن دەپ،
كىم بېرىپ كۆرۈپتۇ دوزاخ- ىېھىشنى.
***
بىر-ئىككى كۈنلۈك ئۆمۈر ئۆتىدۇ دەرھال،
دەريادا سۇ مىسال يا چۆلدە شامال.
كەتكەن ۋە كەلمىگەن ھەر ئىككى كۈننىڭ،
غېمىنى يىگۈزۈپ، كۆپ قىلما مالال.
***
بىلمىدىم، ئېتىلگەن چېغىمدا لايىم،
جەننەت يا دوزاختىن ئاتالغان جايىم.
ماڭا نەق بولسا بەس يار، چالغۇ، شاراپ،
نېسى جەننەت ساڭا بولسۇن ھەر دائىم.
***
باھار ئەييامىدا گۈزەل پەرىزات،
بىر كاسە مەي بېرىپ، دىلنى قىلسا شاد.
كىشىلەر نەزىرىدە خۇنۈك بولسىمۇ،
ئىت بولاي، جەننەتنى بىر بار قىلسام ياد
***
بەختىم يوق، گۇناھتىن ھىچ قۇتۇلمۇدۇم،
ئەمما ئوتپەرەستەك ئۈمۈدسىز بولمىدىم.
تاڭ پەيتى ئويغانسام باش ئاغرىقىدىن،
مەي بىلەن مەشۇق كېرەك،جەننەت دىمىدىم.
***
گۈل پەسلى، سۇ بويى كۆكلەمدە ئەگەر،
بولسا ئۈچ-تۆت ئۈلپەت ئاي يۈزلۈك دىلبەر.
قەدەھنى سۈمۈرگىن، تاڭدا ئىچكەنلەر،
مەسچىت ۋە چىركاۋدىن ئازاد كىشىلەر.
***
بىر دانا چۆرگىتەلمەس پەلەكنى پىر-پىر،
سانىنى سەككىز دەر، يەتتە بەرىبىر.
ئۆلگەچكە قالمايدۇ ئارزۇڭ، تېنىڭنى
گۆردە قۇرۇت يەر، يا قىردا قاشقىر.
***
دەرلەر:جەننەتتە ھۆرلەنىڭ بولغىنى ياخشى،
ماڭا ئۈزۈم سۈيىنىڭ بۇلىقى ياخشى.
چۈنكى، نېسىدىن نەقراقى ياخشى،
ناغرا ئاۋازىنىڭ ئۇزاقى ياخشى.
***
ئەي روھ ئەلەمدىن كەلگەن مۇڭ زاتى،
تۆت، بەش،ئالتە،يەتتە دەپ ھەيران پەريادى.
مەي ئىچ، بىلەلمەيسەن قاياقتىن كەلدىڭ،
شاد بول، بىلەلمەيسەن يول نەدە زادى.
***
دەلىل تاپتىم ئەقلىم قاينىغان ئاندا،
رۇمدىمۇ، ئەرەپتە ھەممە تاماندا.
مەي ھارام دىيىشسە ئىشەنمەيمەن ھىچ،
‹‹ مەيسارا....›› دىگەنغۇ خۇدا قۇرئاندا.
***
سېنى يېتەكلىسە ھاۋامۇ ھاۋا،
‹‹ مەندىن خەۋەر ئال ›› دەر دىلى بىنەۋا.
نەزەر سال، ئۆزۈڭ كىم ۋە نەدىن كەلدىڭ،؟
بىل، نەگە كىتەرسەن، باشتا نە بالا؟
***
ئەي شاراپ سەن مەشۇق، مەن ساڭا شەيدا،
ئىچىمەن، قورقمايمەن بولۇشتىن رەسۋا.
مەينى سەن شۇنداق ئىچ،كۆرگەنلەر دىسۇن:
ئەي ئىدىش قەيەردىن بولدۇڭ سەن پەيدا.
***
ئۇيانغا-بۇيانغا تاشلايمەن نەزەر،
باغلاردا شىلدىرلاپ ئاققان سۇ-كەۋسەر.
كەۋسەردىن سۆز ئاچما، دالىلار جەننەت،
شۇ يەردە ئولتۇرغىن، يېنىڭدا دىلبەر.
***
ھايات ۋە ماماتنى تۈزەتكۈچى سەن،
تارقاق كائىناتنى كۆزەتكۈچى سەن.
يامان بولساممۇ سېنىڭ بەندەڭمەن،
نېمىمۇ قىلالاي؟ ياراتقۇچى سەن.



مەنبە:‹‹ ئۆمەر ھەييام رۇبائىلىرى›› دىن

توردىشىمىز ‹‹ ئارچا ›› غا   سوۋغا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1498 سەر
تىللا
344 دانە
تۆھپە
1060 سەر
شۆھرەت
1156 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 21:21:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆمەر ھەييامنىڭ رۇبائىيلىرى بەكمۇ پاساھەتلىك، توردىشىمىز«ئارچا»سوراپتىكەن، مەندىمۇ ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىنىڭ ئىلكىتابى بار ئىدى، مەن يوللاي دەپ بولغىچە سىز چاققان چىقىۋاپسىزئەمەسمۇ؟
رەھمەت سىزگە، تىمىڭىزنى ھەمبەھرلىۋالدىم
قايسىڭلاردا بوۋاقلار پىسخولوگىيەسىگە ئائىت ئۇيغۇرچە ماتىرىيال بار؟

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
756 سەر
تىللا
80 دانە
تۆھپە
369 سەر
شۆھرەت
418 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 14:22:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆمەر ھەييام ئىزىدىن


مەن ئۆلسەم ھاراقتا يۇيۇڭلار مېنى ،
قويۇڭلار قەبرەمگە بىر ئاپقۇر ھاراق.
قۇتۇلاي دوزاقنىڭ رىيازىتىدىن ،
كىرمىسۇن مەلەكلەر قىلغىلى سوراق.
ئەتەڭنى ئويلا،ئۆگۈنۈڭنى ئويلىما.چۈنكى، ئەتەڭ يەنە بىر ئەتىگە ھامىلدار!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 07:40, Processed in 0.126552 second(s), 32 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش