ئىلتىماس(2)
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت
ئىشلىمەيمەن ۋىجدانسىز ئىنسانلارنىڭ قولىدا، ئىشلىمەيمەن مەنسەپكە قۇربانلارنىڭ قولىدا، ئىشلىمەيمەن ساۋاتسىز، نادانلارنىڭ قولىدا، ئىشلىمەيمەن تۈلكىنىڭ-تادانلارنىڭ قولىدا، ئىشلىمەيمەن ئادەممەن، ھايۋانلارنىڭ قولىدا.
چىداپ تۇرۇپ، لەۋ چىشلەپ ئىشلىدىممەن بولدى بەس، شۇنچە ئەجرىم كۆمۈلدى، مېنى يەنە باستى نەس، ئالتۇن ئىدىم قىممەتتە، بىراق نەرقىم بولدى خەس، باشلىقلىرىم بولغاچقا بىر-بىرىدىن زېدە-پەس، ئىشلىمەيمەن مەن بۇنداق خاقانلارنىڭ قولىدا.
خزمىتىمگە، كەسپىمگە بولغاچ دىلدا ساداقەت، دەرس دېسە ئۆتىمەن ھەر كۈنىگە تۆت سائەت، شەنبە ياكى يەكشەنبە دېمىدىممەن داۋامەت، تەتىلدىمۇ دەرس سۆزلەپ تاپمىدىممەن تاپاۋەت، ئىشلىمەيمەن ئىبلىسنىڭ-شەيتانلارنىڭ قولىدا.
باش كۆتۈرمەي كەچ كىردى تاپشۇرۇقتىن، كىتابتىن، دىلىم يورۇپ«ئۇستازمەن»دېگەن ئوتلۇق خىتاپتىن، قاچۇرمىدىم ئۆزۈمنى دۆۋە-دۆۋە ھېسابتىن، كاللا كېتىپ ياش تۇرۇپ بولۇپ قالدىم بىتاپتىن، ئىشلەپتىمەن ياماندىن يامانلارنىڭ قولىدا.
«سەن سەھرادىن كەلگەن بىر مۇئەللىمغۇ»دېيىشىپ، ئۆزلىرىنى شەھەرنىڭ خانزادىسى بىلىشىپ، ۋەزىپىنىڭ ئېغىرىنى ئاۋال ماڭا بېرىشىپ، دوغىلارمۇ يۈرۈشتى مەيدىسىنى كېرىشىپ، ئىشلەپتىمەن بېسىم ۋە پەرمانلارنىڭ قولىدا.
سەپراس تۇردۇم خۇلاسە، دوكلاتلارنى يوللاشقا، ئۇخلىمىدىم جەدۋەل دەپ يۇقىرىنى گوللاشقا، كىم قويۇپتۇ مېنىڭدەك ئاخماقلارنى قوللاشقا؟ ئىشلەپتىمەن ئوغرىنىڭ چۆنتىكىنى توللاشقا، ئىشلىمەيمەن ئەمدى بۇ نىمجانلارنىڭ قولىدا.
مىڭ ئىشلىسەم ئەجرىمگە ھاقارەتلىك سۆزى بار، مەندەكلەرنى مەڭگۈگە كۆرمەيدىغان كۆزى بار، پايدا دېسە-نەپ دېسە داپتىن قېلىن يۈزى بار، مۇكاپاتتا سەھنىنىڭ ئەڭ ئالدىدا ئۆزى بار، ئىشلەپتىمەن چەش تۇرۇپ پايخانلارنىڭ قولىدا.
بىرلىرى بار ئاي-ئايلاپ دەرس تاشلاپ كېتىدۇ، ئېغىزمىنى قىچىشسا، مەيدە قاشلاپ كېتىدۇ، تاراقشىغان تېرىنى بىر پەس ئاشلاپ كېتىدۇ، مۇدىرلارنى ئۆيىگە بىر كۈن باشلاپ كېتىدۇ، ئىشلەپتىمەن نان كۈچۈكى، سەرسانلارنىڭ قولىدا.
يەنە تېخى ئەشۇلار ئىلغار بولۇپ سايلىنار، «بايراق»دەيدۇ ئۇلارنى، ھەممە ئادەم ئايلىنار، كىم نارازى، شۇ ھامان تۆت كۆز بىلەن پايلىنار، كۆز ئالايتسا كىم ئەگەر، بىر پەشۋادا جايلىنار، ئىشلەپتىمەن ئەقلى كور-ۋەيرانلارنىڭ قولىدا.
ئۇنۋان دېسە بېرىشەر ئۆز دېپىنى چالغانغا، چۆنتىكىنى تولدۇرۇپ ھارام پۇلنى سالغانغا، قاراپ تۇرۇپ بەرمەيدۇ يۈز نومۇرنى ئالغانغا، يۇقىرىنى ئالدايدۇ كۆنۈپ كەتكەچ يالغانغا، ئىشلاپتىمەن توڭگۇزنىڭ- قاۋانلارنىڭ قولىدا.
ياخشىلارنى ھاكىمغا، ئامباللارغا چاقىدۇ، يامانلارغا يان بېسىپ، يۇندىسىدا ئاقىدۇ، مەجبۇر چاۋاك چالدۇرۇپ كۆڭۈللەرگە«ياقىدۇ»، شەرمەندىلىك، پەسكەشلىك، قۇۋلۇقتا جان باقىدۇ، ئىشلەپتىمەن ئەشۇنداق چايانلارنىڭ قولىدا.
داستىخاندا-سورۇندا مۇئەللىمنى تاللايدۇ، رېستورانغا باشلىسا، قارا قوساقنى ياللايدۇ، خوشامەتكە ناباپنى ئالتە كۈندە شاللايدۇ، «ئىقتىدارسىز»دەپ يىراق، چەت ياقىغا پالايدۇ، ئىشلەپتىمەن نەپسى ھاڭ-زىندانلارنىڭ قولىدا.
خانىم بولسا كۆكسىنى، ساغرىسىنى تاللايدۇ، يېرىلغاندا دۇمبىقى، ناغرىسىنى تاللايدۇ، ئاق نېنىڭنى تەڭلىسەڭ، زاغرىسىنى تاللايدۇ، تېتىپ-تېتىپ ئاخىرى لاۋزىسىنى تاللايدۇ، ئىشلەپتىمەن باشلىق دەپ چوپانلارنىڭ قولىدا.
كۈندە تۆت ۋاق يىغىن بار مۇئەللىمنى تىللاشقا، «ئۆمەك»لەرنى ھارماستىن زىيارەتكە چىللاشقا، بېرىپ مەخپىي زىياپەت خانىملارنى خىللاشقا، ۋىجدانىنى يۇندىغا، شوۋىلارغا چىلاشقا، ئىشلەپتىمەن شوۋىكەش تايغانلارنىڭ قولىدا.
يۆتكەپ قويۇڭ سەھراغا مېنى ئەمدى«تۇ»ھاكىم، قۇيالمايمەن چاي تۈگۈل سىزگە ھەتتا سۇ، ھاكىم، دەپ قالارمەن كۆڭلۈمدە سىزنى«ئادىل بۇ ھاكىم»، ئىلتىماسىم ئارقىلىق دەيدىغىنىم شۇ، ھاكىم، ئىشلىمەيمەن تاج-تەختى گۇمرانلارنىڭ قولىدا!!1
2004-يىلى، 7-ئاينىڭ 15-كۈنى، يېڭىسار. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alahidin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-30 12:30
|