پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 100|ئىنكاس: 3

ئون مىنۇتلۇق ھايات[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
73
قىزغىنلىق
907 سەر
تىللا
198 دانە
تۆھپە
446 سەر
شۆھرەت
533 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 11:31:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  



ئون مىنۇتلۇق ھايات




بىر دادا بالىسى بىلەن مۇنداق بىر ئويۇن ئوينىدى: ئۇلار 10 مىنۇتنى ئادەمنىڭ بىر ئۆمرىگە ۋەكىل قىلىپ، بۇ 10 مىنۇت ئىچىدە ئىككىلىسى بىردىن كىتابنى ئېلىپ، كىتاب ئىچىدىن كىم <<ئالتۇن>> دېگەن سۆزنى ئەڭ كۆپ تاپسا، شۇ يەڭگەن بولىدۇ، دەپ شەرت قويۇشتى.
ۋاقىت خاتىرىلەش باشلاندى!
دادا بالا دەرھال كىتابتىن <<ئالتۇن>> ئىزدەشكە كىرىشىپ كەتتى.
بىر مىنۇتتىن كېيىن ئوغلى:
-مەن بىرنى تاپتىم!-دېگىنىچە خۇشاللىقىدىن توۋلىۋەتتى.
- مەنمۇ بىرنى تاپتىم، -دەپ ۋارقىرىدى دادىسىمۇ.
بەش مىنۇتتىن كېيىن ئوغلى يەنە:
-ئۈچىنچىسىنى تاپتىم! - دەپ توۋلىدى. بۇ چاغدا دادىسى:
- بۇ كىتابتا <<ئالتۇن>> دېگەن سۆز نېمانچە ئازدۇ؟-دېۋىدى، ئوغلى كۆرەڭلىگىنىچە:
- تاپالمايسەن! تەپسىلىي ئىزدە! - دېدى.
- سائەت چېكىلدىغىنىچە مېڭىپ، رەقەملەر تېزلىك بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە.
ۋاقىت 8-مىنۇتىغا بارغاندا ئوغلىنىڭ تاپقان <<ئالتۇن>>ئى 10 بولدى، دادىسىنىڭ پەقەت تۆتلا ئىدى.
-دادا، يېڭىلدىڭىز، -دېدى ئوغلى دادىسىغا قاراپ. دادىسى باش لىڭشىتقىنىچە:
- يېڭىلگەنلىكىمنى ئېتىراپ قىلىمەن، بىراق سەن ئاشۇ تاپقان ئالتۇنلىرىڭنى نېمىگە ئىشلىتىلىشنى ئويلاپ باقتىڭمۇ؟ - دەپ ئوغلىغا سوئال قويدى. ئوغلى بىر ئاز ئويلىنىپ كەتكەندىن كېيىن:
- مەن بىر چوڭ شاكىلات، ئويۇنچۇق، بىر مۇسابىقە ۋېلىسىپىتى سېتىۋالاي دەيمەن. يەنە تېخى مىسىرغا بېرىپ ئېھرامنى كۆرۈپ كەلسەم دەيمەن...
دادىسى سائەتنىڭ كۆرسەتكۈچىسىگە قاراپ ئوغلىغا ئىشارەت قىلىپ قويدى. سائەت توققۇز مىنۇت 10 سېكۇنتنى كۆرسىتىپ تۇراتتى.
- ئوغلۇم سېنىڭ ئارزۇلىرىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. سەن ئاللىبۇرۇن <<ياشىنىپ>> قالدىڭ، شاكىلات يېيىشكە جۈرئەت قىلالمايسەن، مۇسابىقە ۋېلىسىپىتىنىمۇ قوزغىيالمايسەن، ئېھرامنىمۇ كۆرەلمەيسەن. - مانا ۋاقىتمۇ توققۇز مىنۇت 40 سېكۇنتقا بېرىپ قاپتۇ، 10 مىنۇتلۇق ھاياتىڭ ئەنە شۇنداق ناھايىتى تېزلا ئاخىرلىشىپ قالدى.
ئوغلى دادىسىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ دادىسىغا تىكىلگىنىچە ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدى. دادىسى سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:
- سەن ئالتۇن ئىزدەش ئۈچۈن ئۆمرۈڭنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى سەرپ قىلىۋەتتىڭ، بىراق سېنىڭ ئۇنىڭدىن بەھرىمەن بولالىشىڭ ناتايىن. ئەمەلىيەتتە ئالتۇن قىممەت ئەمەس، ئەڭ قىممەت نەرسە ۋاقىت، ئۇ ھەر بىر ئادەمنىڭ ئاخىرقى بايلىقىدۇر.





مەنبە:توردۇنياسى


Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
726 سەر
تىللا
174 دانە
تۆھپە
587 سەر
شۆھرەت
644 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 13:07:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى .ماقالىكەن بۇ .  دەرىستە ئوقۇغۇچىلارغا سۆزلەپ بەرسەك ئەرزىيدىكەن . تەربىيىۋى ئەھمىيىتى باركەن . رەھمەت بورادەر .
بايقاش مۇنبىرىدىكى بىردىنبىر ئوردىنسىز-«ئىشەنچىلىك ئەزا»!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3941 سەر
تىللا
508 دانە
تۆھپە
2362 سەر
شۆھرەت
2474 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش مەلىكىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 13:28:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بەكلا ياخشىكەن ،داۋاملىق مۇشۇنداق ياخشى تېمىلارنى يوللاپ تۇرغايسىز ،رەھمەت

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1498 سەر
تىللا
344 دانە
تۆھپە
1060 سەر
شۆھرەت
1156 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 13:44:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن تەربىيۋى ئەھمىيتى چوڭقۇر ئەسەركەن، رەھمەت سىزگە. مەنمۇ چوڭقۇر تەربىيگە ئىگە بولدۇم
قايسىڭلاردا بوۋاقلار پىسخولوگىيەسىگە ئائىت ئۇيغۇرچە ماتىرىيال بار؟
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 08:54, Processed in 0.125368 second(s), 32 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش