پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2356 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 113|ئىنكاس: 4

ئۈرۈمچىنىڭ سورۇنى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
65
قىزغىنلىق
1134 سەر
تىللا
380 دانە
تۆھپە
493 سەر
شۆھرەت
593 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 10:51:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۈرۈمچىنىڭ سورۇنى

ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت

تارتتىم سېنى سۈرەتكە ئۈرۈمچىنىڭ سورۇنى،
تولۇپ قەلبىم ھەيرەتكە ئۈرۈمچىنىڭ سورۇنى،
جەننەت دېسە راست دەپتىم كۆرمەي تۇرۇپ بىر چاغلار،
ئوخشىماسكەن جەننەتكە ئۈرۈمچىنىڭ سورۇنى.

چىقار ئىكەن ئالدىڭغا باغلىغاندەك بويۇندىن،
خەۋەرسىزكەن سەن بىلەن يېگەن-ئىچكەن ئويۇندىن،
سۆزلەر ئىكەن ھېكايەت ئۆيدە چىققان قۇيۇندىن،
نامرات ئىكەن ھۆرمەتكە ئۈرۈمچىنىڭ سورۇنى.

كۆرىنەركەن دەسلىپى تەلمۈرگەندەك يولۇڭغا،
ئۈلگىرەركەن شۇئانلا كۆز يۈگۈرتۈپ قولۇڭغا،
پىچاق، بادام، گۈلە-قاق، ھەمياندىكى پۇلۇڭغا،
تەشنا ئىكەن«ھىممەت»كە ئۈرۈمچىنىڭ سورۇنى.

سالسا ئەگەر داستىخان ساڭا بەشى-ئالتىسى،
پۇلنى تۆلەپ قايتاركەن ئەقلى كۇتا-كالتىسى،
بىلىۋالدىم، شۇنداقكەن ساھىبخاننىڭ قالتىسى!
بېخىل ئىكەن ئۈلپەتكە ئۈرۈمچىنىڭ سورۇنى.

ئاغزىڭ تېخى تەگمەستە بىر پىيالە چېيىغا،
«توشمىدى» دەپ قاخشاركەن بۇ خۇدانىڭ ئېيىغا،
يادا ئىكەن مۇشۇ گەپ كەمبىغىلى-بېيىغا،
كەلسىمۇ كۆپ غەيرەتكە ئۈرۈمچىنىڭ سورۇنى.

«بىرى كەپتۇ قەشقەردىن ئاران يولغا سالدۇق» دەپ،
«بىرى كەپتۇ غۇلجىدىن ئىككى كېچە چالدۇق» دەپ،
«بىرى كەپتۇ خوتەندىن جاننى چەتكە ئالدۇق»دەپ،
لىقكەن دەرتكە-ھەسرەتكە ئۈرۈمچىنىڭ سورۇنى.

ئۆي ھەققىدە بىرلىرى باشلىۋالسا پاراڭنى،
ئەسلىتەركەن بىرلىرى كاپىلداشتا ساراڭنى،
سېنى ئويلاپ قويماسكەن كۆرمىگەندەك قاراڭنى،
باب كەلمەسكەن سۆھبەتكە ئۈرۈمچىنىڭ سورۇنى.

گەپنى شائىر، ئالىمدىن باشلار ئىكەن بىرلىرى،
تۆكۈلەركەن كۆڭۈلنىڭ نىجاسىتى-كىرلىرى،
ئېچىلاركەن دۇنيانىڭ«تىلسىملىرى-سىرلىرى»،
پەۋەس ئىكەن غەيۋەتكە ئۈرۈمچىنىڭ سورۇنى.

«شائىر ئەمەس ئوسمانجان، تاھىر تالىپ قوشاقچى،
باغراش دېگەن ھېچنېمە، ئابدۇقادىر بوياقچى،
‹ئا›دېگىنىڭ يالاقچى،‹ب›دېگىنىڭ پوداقچى..»
سېزىك ئىكەن شۆھرەتكە ئۈرۈمچىنىڭ سورۇنى.

ئولتۇراركەن چوكانلار بۇرغا تارتىپ يېنىڭدا،
شەيتانلارنى قۇترىتىپ«يۇمۇر» بىلەن قېنىڭدا،
سەنمۇ كۆرۈپ قالارسەن بۇ ئۆلمىگەن جېنىڭدا،
سورۇن ئىكەن شەھۋەتكە ئۈرۈمچىنىڭ سورۇنى
.
قېرىغاننى بىلمەسكەن يا سورۇندا قېرىسى،
ئاجايىپكەن ھاراققا تېخى ھەۋەس-ھېرىسى،
تاڭ سەھەردە بېرىسى، مەسكەن كەچتە نېرىسى،
ئاھانەتكەن مىللەتكە ئۈرۈمچىنىڭ سورۇنى.

سورۇن دېگەن ئەركەكنى چاندۇرالماس ئەسلىدە،
مېھمان دېگەن ئۇيغۇرنى ياندۇرالماس ئەسلىدە،
پۇل دېگەن ئۇ، دوستلارنى تاندۇرالماس ئەسلىدە،
لايىق ئىكەن لەنەتكە ئۈرۈمچىنىڭ سورۇنى!

Rank: 1

قىزغىنلىق
129 سەر
تىللا
6 دانە
تۆھپە
85 سەر
شۆھرەت
98 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 11:38:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالاھىدىن ئەپەندى،بۇشىېرلىرىڭىز بىزنىڭ مىللىتىمىز ئارسىدىكى بىرقىسىم ناكەسلەرگە ،ياخشى بولغان تەنقىت بوپتۇ.رەھمەت سىزگە.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
907 سەر
تىللا
198 دانە
تۆھپە
446 سەر
شۆھرەت
533 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 11:55:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇڭا  ئۈرۈمچىگە بارمايدىكەنمىز دە بىرادەر.
ھۆرمەتلىك ئالاھىدىن ئەپەندىم  يالقۇنلۇق شىئېرلىرىڭىز بىلەن بايقاشنى نۇرلاندۇرغان ئىدىڭىز.... بۇ نۆۋەت جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن مۇھىم بولغان ماتىرياللارنى يوللاپ تولىمۇ ياخشى قىپسىز .سىزنىڭ ئەجىرىڭىزگە كۆپتىن-كۆپ رەخمەت....

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
726 سەر
تىللا
174 دانە
تۆھپە
587 سەر
شۆھرەت
644 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 13:13:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبىرىمىزدىكى «قامچا » بۇلۇشقا مۇناسىپكەنسىز. شىئېرلىرىڭىز بەك ئۆتكۇر پىكىرلىك ،كىشىنى قايىل قىلارلىق بوپتۇ .
بايقاش مۇنبىرىدىكى بىردىنبىر ئوردىنسىز-«ئىشەنچىلىك ئەزا»!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
749 سەر
تىللا
46 دانە
تۆھپە
441 سەر
شۆھرەت
737 سەر

تىرىشچان ئەزادادىل ئەزا ئوردىنىمائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 19:34:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرادەر، سىز ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم يولداشلىرىمىزنىڭ مېھمان كۈتۈش جەريانلىرىنى خېلى ئوبدان تەتقىق قىپسىز، راست سىز دىگەندەك مېھمان كۈتىدىغانلار ئۈرۈمچىدە ئاز ئەمەس،ئەمما ئۇلار يۇرتلىرىغا،باشقا شەھەر،ناھىيە يېزىلارغا كەلگەندە مېھمان بولۇشقانلىرىنى ئۇنتۇپ قالىدىغان ئوخشايدۇ.........، شۇ چاغدىكى تەكلىپ قېلىشلىرىنى ئاڭلىساققۇ بېرىپ قالساق ئايرۇپىلاندا ئۇچۇرۇدىغاندەك گەپ قىلىشىدۇ.....، بولدىلا بۇرادەر، كۆرگىنىڭدىن كۆپ كۆ رمىگىنىڭ،كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنڭ.

شۇلار كېپ قالسا يەنە قوي سويۇپ مېھمان قىلامدۇق؟؟؟
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-21 10:46, Processed in 0.177002 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش