تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات دەرس تىپى ۋە دەرسخانا ئوقۇتۇش ئەندىزىسى ئۈستىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش دەرس تىپىنى توغرا بېكىتىش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس لايىھىسى تۈزۈشتىكى مۇھىم ھالقىلارنىڭ بىرى. ئۇ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى تاللاپ بېكىتىش ۋە ئوقۇتۇش جەريانىنىڭ ئىنچىكە ھالقىلىرىنى لايىھىلەشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇڭا، دەرس تىپى توغرا بېكىتىلمەيدىكەن دەرسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ ئۈنىمىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. 1. دەرس تىپى ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى دەرس تىپى-دەرسنىڭ تۈرىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ، ئوقۇتۇش جەريانىنىڭ ئاساسىي شەكلىنى بەلگىلەيدۇ. ئادەتتە، دەرس تىپى دەرسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ ئوقۇتۇش نىشانىغا ئاساسەن ئايرىلغان تۈرىدۇر. دەرس تىپىنى ئوقۇتۇش نىشانىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى، ئۆگىنىش پائالىيەت شەكلىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ رولىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن ئوخشاش بولمىغان تۈرلەرگە ئايرىشقا بولىدۇ. دەرس تىپىنى ئوقۇتۇش نىشانىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن يېڭى دەرس، مەشق دەرسى، تەكرار دەرسى، باھالاش دەرسى دەپ تۆت تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ. بۇ تۆت خىل دەرس تىپىنى يەنە تۈرگە ئايرىش ئۆلچىمىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن ئوخشاش بولمىغان تۈرلەرگە ئايرىشقا بولىدۇ. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىنى مىسالغا ئالساق، يېڭى دەرسنى ئوقۇش دەرسى، ئاغزاكى ئالاقە دەرسى، ئۇنۋېرسال ئەمەلىيەت پائالىيەت دەرسى، يېزىقچىلىق دەرسى قاتارلىقلارغا ئايرىشقا بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئوقۇش دەرسىنى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش پائالىيىتى جەريانىدىكى رولىغا ئاساسەن چۈشەندۈرۈپ ئوقۇش دەرسى، يېرىم مۇستەقىل ئوقۇش دەرسى، مۇستەقىل ئوقۇش دەرسى دېگەن تۈرلەرگە؛ تېكىستنىڭ ژانېر ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن شېئىرىي ئەسەرلەرنى ئوقۇش دەرسى، چۈشەندۈرۈش خاراكتېرلىك ماقالا-ئەسەرلەرنى ئوقۇش دەرسى، بايان خاراكتېرلىك ماقالا-ئەسەرلەرنى ئوقۇش دەرسى دېگەندەك تۈرلەرگە ئايرىشقا بولىدۇ. 2. دەرس تىپى بىلەن دەرسخانا ئوقۇتۇش ئەندىزىسىنىڭ مۇناسىۋىتى دەرسخانا ئوقۇتۇش ئەندىزىسى مۇئەييەن ئوقۇتۇش ئىدىيىسى ۋە ئوقۇتۇش نەزەرىيىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە شەكىللىندۇ. ئۇ، دەرسخانا ئوقۇتۇشى جەريانىدىكى نىسپىي تۇراقلىقلىققا ئىگە بولغان ئوقۇتۇش تەرتىپى ۋە ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىنىڭ، ئوقۇتۇش تاكتىكىلىرىنىڭ يىغىندىسىدۇر. مۇئەييەن دەرسخانا ئوقۇتۇش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش ۋە قوللىنىلىشتا دەرس تىپىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئاساس قىلىش ۋە ئۇنى ئەكس ئەتتۈرۈش كېرەك. مەلۇم بىرخىل دەرس تىپى بىلەن مەلۇم بىر خىل دەرسخانا ئوقۇتۇش ئەندىزىسى بىلەن بىرگە-بىر ماسلىق مۇناسىۋەتكە ئىگە ئەمەس. يەنە كېلىپ مەلۇم بىرخىل دەرس تىپىغا قارىتا دەرسخانىدا ھەرخىل ئوقۇتۇش ئەندىزىلىرىنى قوللىنىشقا بولىدۇ؛ مەلۇم بىر خىل دەرسخانا ئوقۇتۇش ئەندىزىسىنى ھەرخىل تىپتىكى دەرسلەرگە تەدبىقلاشقا بولىدۇ. 3. تىل-ئەدەبىيات دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا تېكىستلەرنىڭ ژانېر ئالاھىدىلىكى بىلەن دەرس تىپىنىڭ خاراكتېرىنى گەۋدىلەندۈرۈش مەسىلىسى شۈبھىسىزكى، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ تىل ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كەسپى ساپاسى ۋە ئوقۇتۇش ماھارىتى دەرسخانىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. چۈنكى، تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا ئەقەللىسى تېكىستلەرنىڭ ژانېرىنى توغرا ئايرىش ۋە دەرس تىپىنى ئېنىق بېكىتىش، شۇ ئارقىلىق ئوقۇتۇشتا ژانېر ئالاھىدىلىكى بىلەن دەرس تىپىنىڭ خاراكتېرىنى گەۋدىلەندۈرۈشمۇ خېلى زور كەسپى ساپا ۋە كەسپىي ماھارەت تەلەپ قىلىدۇ. ئوقۇتۇشتا ژانېر ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈش دېگەنلىك ئوخشاش بولمىغان ژانېرلارغا ئاساسەن ئوخشاش بولمىغان باشلىنىش نۇقتىسىنى تېپىش دېگەنلىكتۇر. مەسىلەن، نەسىرلەرنى ئوقۇتۇشتا لىرىك ھېسسىياتنى چۈشىنىش، ھېسسىياتلىق ئوقۇشنى مەشق قىلىش؛ ئىپىك ئەسەرلەرنى ئوقۇتۇشتا ئەسەر ۋەقەلىكىدىن زوقلىنىش، پېرسۇناژلار ئوبرازىنى تەھلىل قىلىش، باش تېما ئىدىيىسىنى ئىگىلەش؛ مۇھاكىمە خاراكتېرلىق ئەسەرلەرنى ئوقۇتۇشتا مەركىزىي نۇقتىئىينەزەرنى چىقىش قىلىپ، دەلىل-ئاساسلارنى ئىگىلەش، ئىسپات ئۇسۇلىنى بىلىش، تىلنىڭ كەسكىنلىكىنى ھېس قىلىش قاتارلىقلار. 4. يېڭى دەرس تىپى ۋە ئۇنى ئوقۇتۇشنىڭ ئاساسلىق ئەندىزىسى يېڭى دەرس تىپىدىكى دەرسنى ئوقۇتۇشنىڭ ئاساسلىق ئەندىزىسى: يېڭى «دەرسكە باشلاپ كىرىش← پۈتۈن گەۋدە بويىچە ھېس قىلىش←كونكىرت تەھلىل قىلىش← پۈتۈن گەۋدە بويىچە ئىگىلەش»بويىچە بولىدۇ. بۇخىل ئوقۇتۇش ئەندىزىسىنى قوللانغاندا ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقى ۋە ئاكتىپلىقىنى قوزغاشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىپ، تېكىستنى ئۈنلۈك ئوقۇش، ئاڭلاش، خاتىرە قالدۇرۇش، مۇھاكىمە قىلىش، سۇئاللارغا ئاغزاكى ۋە يازمىچە جاۋاب بېرىش قاتارلىق ئۆگىنىش پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ئۇلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىشقا، ئۆزىنىڭ ئۆگىنىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك رولىنى ئاكتىپ جارى قىلدۇرۇشقا ئۈنۈملۈك يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ ئاڭلاش، سۆزلەش، ئوقۇش، يېزىش قابىلىيىتى ۋە ئجادىي تەپەككۇر قابىلىيىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بۇخىل تىپىتكى دەرسنى ئوقۇتۇشنىڭ ئاساسىي تەلىپى بولسا ئوقۇغۇچىلارنى دەرس تېكىستى بىلەن، تېكىست ئاپتورى بىلەن، ئوقۇتقۇچى بىلەن سىردىشىشقا يېتەكلەشتىن ئىبارەت. 5. مەشق تىپىدىكى دەرس ۋە ئۇنى ئوقۇتۇشنىڭ ئاساسلىق ئەندىزىسى مەشق تىپىدىكى دەرسنى ئوقۇتۇشنىڭ ئاساسلىق ئەندىزىسى: يېڭى «مىسال ئارقىلىق چۈشەندۈرۈش (ئۇسۇل مەشقى) ← ئۆگىنىپ ئۆتكەن بىلىملەرنى ئەسلەش← مەشق ئىشلەش (ئۇسۇلنى قوللىنىش) ← مەشقنى باھالاش (ئۇسۇلنى دەلىللەش) ← مۇستەھكەملەش مەشقى ئېلىپ بېرىش (ئۇسۇلنى قايتا قوللىنىش)» بويىچە بولىدۇ. بۇخىل تىپىتكى دەرسنى ئوقۇتۇشتا مىسال ئارقىلىق ئۇسۇل ئىگىلەش، مەشق ئارقىلىق ئۇسۇلنى قوللىنىش، مەشقنى باھالاش ئارقىلىق ئۇسۇلنى دەلىللەشنىڭ ئاچقۇچ ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش لازىم. بۇخىل تىپىتكى دەرسنى ئوقۇتۇشنىڭ ئاساسىي تەلىپى بولسا ئوقۇغۇچىلارغا يېتەرلىك بولغان مەشق پۇرسىتى يارىتىپ بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنى مىسال تەمىنلىگەن ئۇسۇلنى قوللىنىپ، ئىلگىرى ئۆگەنگەن بىلىملىرىدىن پايدىلىنىپ مەشق ئىشلەشكە ئۈنۈملۈك يېتەكلەشتىن ئىبارەت. مەشق تىپىدىكى دەرس ئادەتتە تەبىئىي پەنلەردە كۆپ ئۇچرايدۇ. تىل-ئەدەبىيات دەرسىدىمۇ بۇخىل دەرس تىپى ئۇچرايدۇ. مەشق تىپىدىكى دەرستىن تىل-ئەدەبىيات ئاساسىي بىلىملىرى ئوقۇتۇشى قاتارلىقلاردا پايدىلىنىشقا بولىدۇ. 6. تەكرار دەرسى ۋە ئۇنى ئوقۇتۇشنىڭ ئاساسلىق ئەندىزىسى تەكرار دەرسىنى ئوقۇتۇشنىڭ ئاساسلىق ئەندىزىسى: يېڭى «ئىمتىھان ئېلىنىدىغان بىلىم نۇقتىلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ← مىسال كەلتۈرۈش ← مۇھىم نۇقتىلارنى يىغىنچاقلاش (قائىدە-قانۇنىيەت) ← مەشق-كۆنۈكمە ئىشلەش ← ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار باھالاش ← تەقلىدىي مەشق قىلىش قوللىنىش» بويىچە بولىدۇ. بۇخىل تىپىتكى دەرسنى ئوقۇتۇشتا بىر تەرەپتىن تەكرارلاش، بىر تەرەپتىن مەشق ئىشلەشنىڭ بۇ خىل دەرسنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى ئىكەنلىكىنى؛ ئوقۇغۇچىلار ئۆزئارا باھالاش ئېلىپ بېرىش، ئوقۇتقۇچى دەل ۋاقتىدا باھالاش ۋە دەرستىن كېيىنكى تەقلىدىي مەشقنىڭ تەكرار دەرسىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم ئۆلچەم ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش زۆزۈر. بۇخىل تىپىتكى دەرسنى ئوقۇتۇشنىڭ ئاساسىي تەلىپى بولسا «سۈرئەت ئاستا بولۇش»، «ھەقىقىي بولۇش»، «جانلىق بولۇش» نى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. «سۈرئەت ئاستا بولۇش» دېگەنلىك تۇنجى قېتىملىق تەكرار سۈرئىتىنىڭ نىسبەتەن ئاستىراق بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ. «ھەقىقىي بولۇش» دېگەنلىك تەكرار قىلغۇچىنىڭ ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىنى، تىل-ئەدەبىيات تەكرار دەرسىنىڭ ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزلىگەنلىرىنى ئاڭلايدىغان دەرس ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ. «جانلىق بولۇش» دېگەنلىك نوقۇل ھالدا دەرسلىك ياكى مەلۇم تەكرارلاش ماتېرىيالىغا ئېسىلىۋالماسلىقنى، مۇھىم-قىيىن نۇقتىلارنى جانلىق ھالدا نۇقتىلىق تەكرارلاشنى كۆرسىتىدۇ. 7. باھالاش دەرسى ۋە ئۇنى ئوقۇتۇشنىڭ ئاساسلىق ئەندىزىسى باھالاش دەرسىنى ئوقۇتۇشنىڭ ئاساسلىق ئەندىزىسى: يېڭى «سۇئال چىقىرىش يۆنىلىشى ← مۇھىم نۇقتىلار ← مەسىلە ھەل قىلىش پىكىر يولى ← خاتا جاۋاب يېزىش سەۋەبى ← تەپەككۇردىكى توسالغۇنى تەھلىل قىلىش» بويىچە بولىدۇ. بۇخىل تىپىتكى دەرسنى ئوقۇتۇشتا ۋاقىتنىڭ ئۈنۈمىگە ئەھمىيەت بېرىش، يەنى باھالاش سۈرئىتى ۋە مىقدارىغا ئەھمىيەت بېرىش لازىم؛ نۇقتىلىق كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق چۈشەندۈرۈش، ئاز كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى ئازراق سۆزلەش، مەسىلە بولمىسا سۆزلىمەسلىك كېرەك. بۇخىل تىپىتكى دەرسنى ئوقۇتۇشنىڭ ئاساسىي تەلىپى بولسا سۇئالغا ئالاقىدار بىلىم نۇقتىلىرىنى تولۇق ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئۇسۇل-ماھارەتلەنى يەكۈنلەش، كۆپ كۆرۈلگەن، تىپىك بولغان خاتالىقلارنى تېپىپ چىقىپ خاتالىقنىڭ سەۋەبىنى ئىنچىكە تەھلىل قىلىش ۋە تۈرلەرگە ئايرىش قاتارلاقلاردىن ئىبارەت.
|