دەرس ئايانى ئۆرنىكى(دەرستىن كېيىنكى) ھۆرمەتلىك باھالىغۇچىلار، ئۇستازلار، كەسپداشلار: مەن دەرس ئايانىنى ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان تېما( )، تۆۋەندە مەن دەرسلىك ماتېرىيالى، ئۇقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ئۆگىنىش شەكلى، ئوقۇتۇش تەرتىپى قاتارلىق نۇقتىلار بويىچە دەرس ئايانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمەن: I. دەرسلىك ماتېرىيالىنى ئايان قىلىش: ( ) بولسا مەجبۇرىيەت مائارىپى دەرس ئۆلچىمى تەجرىبە دەرسلىكى ( ) ( ) يىللىق ( )قىسىم ( ) بەتتىن ( ) بەتكىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ «( ) دەرس ئۆلچىمى»دىكى( ) –ئۆگىنىش باسقۇچىنىڭ ( ) دېگەن ئۆگىنىش ساھەسىگە تەئەللۇق مەزمۇن. ئوقۇغۇچىلار ئىلگىرى بۇ مەزمۇنغا ئالاقىدار بولغان ( ) بىلەن تونۇشۇپ ( ) نى ئۆگىنىپ بولغان، بۇ دەرستە ئوقۇغۇچىلار ( ) نى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا ئۆگىنىدۇ. دەرسلىكتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇمەزمۇننى ئۆگىنىش مۇھىتىنى شەكىللەندۈرۈشكە دىققەت قىلىنىپ، ئۇلاردا ئىلگىرى بار بولغان بىلىم-تەجرىبىلەر ئاساسسىدا ( ) ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ھەم ئوقۇغۇچىلار ئىزدىنىش ۋە بايقاشقا يېتەكلەنگەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ( ) نى قوزغىتىشقا ئەھمىيەت بېرىلگەن. ئوقۇغۇچىلار بۇ بۆلەك مەزمۇننى ياخشى ئۆگىنىۋالسا ( ) نى چۈشىنىشكە، ( ) نى ئىگىلەشكە، يەنە بۇندىن كېيىن ئۇچرايدىغان () نى ئۆگىنىشكە ئاساس سالالايدۇ. دەرسلىك ماتېرىيالى، بۇ بىر بۆلەك مەزمۇننىڭ دەرسلىكتە تۇتقان ئورنى ۋە رولى، شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، بۇ دەرسنىڭ ئوقۇتۇش نىشانىنى مۇنداق بېكىتتىم: 1. بىلىم ۋە ماھارەت نىشانى: ئوقۇغۇچىلار ئەمەلىيەت ۋە تۇرمۇش تەجرىبىسىگە تايىنىپ، كۆزىتىش، مەشغۇلات قىلىش، سېلىشتۇرۇش قاتارلىق ئۆگىنىش پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ( ) نى تونۇش،( ) نى چۈشىنىش، ( ) ئىگىلەش، ( ) ئۈستىدە ئىزدىنىش بايقاش ھەم ئۆگەنگەن بىلىملىرىدىن پايدىلىنىپ ( ) غا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدىغان بولۇش. 2. ئۇسۇل ۋە جەريان نىشانى: يېڭى بىلىملەر ئۈستىدە ئىزدىنىش جەريانىدا، ھەمكارلىق ئېڭى ۋە قول سېلىپ ئىشلەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش؛ ئەمەلىي قوللىنىش ئېڭىنى يۇقىرى كۆتىرىش، مۇستەقىل ئىزدىنىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش. 3. ھېسسىيات، پوزىتسىيە، قىممەت قارىشى نىشانى: ( ) ئۆگىنىش پائالىيىتىگە ئۆزلىكىدىن قاتنىشىش جەريانىدا، مۇۋەپپەقىيەتلىك كەچۈرمىشكە ئىگە بولۇش ۋە ئۇنىڭدىن بەھىرلىنىش؛ بىلىمنىڭ شەكىللىنىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرۈش ئارقىلىق شەخس تەرەققىياتىنى نامايەن قىلىش. بۇ دەرسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ( )، بۇنىڭدىكى ئاساس ( )؛ قىيىن نۇقتىسى: ( )، بۇنىڭدىكى ئاساس ( ). II. ئۇقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ئۆگىنىش شەكلىنى ئايان قىلىش: ئوقۇتۇش مەزمۇنىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، مۇھىم نۇقتىنى ياخشى گەۋدىلەندۈرۈپ، قىيىن نۇقتىنى ئوڭۇشلۇق بۆسۈپ ئۆتۈش ئۈچۈن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىش قانۇنىيىتىگە ئاساسلىنىپ، ئوقۇتقۇچى يېتەكلەش، ئوقۇغۇچىلارنى ئاساسىي گەۋدە قىلىش، مەشقنى ئاساسىي ئۆگىنىش لېنىيىسى قىلىشتىن ئىبارەت يېتەكچى ئىدىيە ئوقۇتۇشقا قوماندانلىق قىلدۇرۇلىدۇ. دەرسخانا ئوقۇتۇشى جەريانىدا مەسىلە مۇھىتى ئارقىلىق ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، كۆزىتىش-بايقاشنى ئاساس قىلىپ، كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش ئۈسكىنىسى ئارقىلىق كۆرسەتمە قىلىپ ئوقۇتۇش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. مەسىلە مۇھىتى يارىتىش گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇلۇپ، قوزغىتىش خاراكتېرىدىكى سۇئاللارنى لايىھىلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئوقۇغۇچىلار تەپەككۇر قىلىشقا يېتەكلىنىدۇ. كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش ئۈسكىنىسى ئارقىلىق دەرسلىك دېتالى كۆرسەتمە ئارگىنالى ئارقىلىق ھەرىكەتچان ئۆگىنىش مۇھىتى شەكىللەندۈرۈلۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭى بىلىملەرنى بىۋاستە ئۆگىنىشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭى بىلىملەر ئۈستىدە ئىزدىنىش ئىستىكى قوزغىتىلىدۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ باشتىن-ئاخىر تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىدىغان، ئىزدىنىدىغان ئاكتىپ ئۆگىنىش ھالىتى شەكىللەندۈرۈلۈپ، ئۇلارنىڭ تەپەككۇر ئىقتىدارى يېتىلدۈرۈلىدۇ. ئۆگىنىش شەكلى جەھەتتىن، مۇستەقىل بولۇش ۋە پەرقلىق بولۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن ئوقۇغۇچىلار ئىزدىنىش، ئۆگىنىش جەريانىدا يېڭى بىلىملەرنىڭ شەكىللىنىش جەريانى ۋە تەرەققىيات جەريانىغا مۇستەقىل قاتنىشىدۇ، ھەر بىر ئوقۇغۇچى ( )لىق بىلىمگە ئېرىشتۈرۈلىدۇ؛ ئۆگىنىش شەكلىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىشكە ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، ھەمكارلىق ئېڭى يېتىلدۈرۈلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئىزدىنىشلىك ئۆگىنىشكە، ئۆزئارا ئالماشتۇرۇشقا، مەسىلىلەرنى بايقاش ۋە ئوتتۇرىغا قويۇشقا، ھەل قىلىشقا يېتەرلىك ۋاقىت ۋە بوشلۇق يارىتىپ بېرىلىدۇ. III. ئوقۇتۇش تەرتىپى (ھالقىلىرى) نى ئايان قىلىش: دەرسلىك ماتېرىيالىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ياخشى گەۋدىلەندۈرۈپ، قىيىن نۇقتىسىنى ئوڭۇشلۇق بۆسۈپ ئۆتۈپ، بۇ بىر سائەتلىك دەرسنىڭ ئوقۇتۇش نىشانىنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئوقۇتۇش تەرتىپىنى مۇنداق لايىھىلىدىم: 1. مەسىلە مۇھىتى يارىتش-مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇش: ئالدى بىلەن دەرسلىك ماتېرىيالىغا ئاساسەن ئىشلەنگەن قىسقا ھەرىكەتلىك فىلىم كۆرسىتىلىپ، ئوقۇغۇچىلار ئەستايىدىل كۆزىتىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، ئاندىن مۇناسىۋاتلىك ( ) مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. بۇ دەرستىە نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىنىدىغان مەسىلىلەر: ( ). بۇنداق لايىھىلەش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى يېڭى دەرسكە ئەپچىللىك بىلەن باشلاپ كىرىپ، ئوقۇغۇچىلارنى بېسىم ھېس قىلدۇرماي، ئازادە، يۇقىرى روھىي كەيپىيات بىلەن ئۆگىنىش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا يېتەكلەپ، يېڭى ئۆگىنىش مەزمۇنىنى ئوقۇغۇچىلار تۇرمۇشىغا يېقىنلاشتۇرۇپ، تۇنجى قەدەمدە ئۆگىنىش قىزغىنلىقنى قوزغىتىپ، ئۇلاردا يېڭى ئۆگىنىش ئېھتىياجى ۋە بىلىم ئىستىكىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ بىر سائەتلىك ئۆگىنىش ۋەزىپىسىنى خۇشاللىق ئىچىدە ئوڭۇشلۇق تاماملىشىغا ئاساس يارىتىش. 2. ئىزدىنىش، مەسىلە ھەل قىلىش: بۇ ئوقۇتۇش ھالقىسىدا تۆۋەندىكى بىرقانچە ئۆگىنىش پائالىيىتىنى لايىھىلىدىم: پائالىيەت1: پائالىيەت2: پائالىيەت3: پائالىيەت4: …………. بۇنداق لايىھىلەش ئارقىلىق «---- دەرس ئۆلچىمى» دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ئوقۇغۇچىلار ---- ئۆگىنىشنىڭ خوجايىنى، ئوقۇتقۇچى -----ئۆگىشنىڭ تەشكىللىگۈچىسى، يېتەكلىگۈچىسى ۋە ھەمكارلاشقۇچىسى» دېگەن ئىدىيىنى گەۋدىلەندۈرۈش. بۇ ئوقۇتۇش ھالقىسىدا، مەن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بىر قانچە مۇستەقىل ئىزدىنىش پائالىيىتىنى لايىھىلىدىم. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى ۋە ئىزدىنىش ئىستىكىنى ساقلاپ، باشتىن-ئاخىر خۇشال، ئازادە كەيپىياتتا بىلىمنىڭ شەكىللىىنىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرۈش ۋە قاتنىشىشنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىزدىنىش، ئانالىز قىلىش، تەھلىل قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە ئاساس ياراتتىم. ئۇلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئېڭىنى ۋە مۇۋاپپەقىيەت تۇيغۇسىنى يۇقىرى كۆتىرىشكە شارائىت ھازىرلىدىم. 3. كۆپ قاتلاملىق مەشقلەندۈرۈش، بىلىمنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش: بۇ ئوقۇتۇش ھالقىسىدا مەن ئالدىن بېكىتىلگەن ئوقۇتۇش نىشانى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش جەريانىدا ساقلانغان مەسىلىلەرگە ئاساسەن، قاراتمىلىقى بولغان ھالدا قاتلاملىرى ئېنىق بولغانمەشق سۇئاللىرى (ئاساسى بىلىم خاراكتېرلىك سۇئاللار، شەكلى ئۆزگەرتىلگەن سۇئاللار، كېڭەيتىلگەن سۇئاللار، ئېچىۋىتىلگەن سۇئاللار) نى لايىھىلەپ، يېڭى بىلىملەرنى چۈشىنىش، مۇستەھكەملىشى، تەپەككۇرىنى جانلىقلىققا ئىگە قىلىشى، يېڭىلىك يارىتىش روھى ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشىنى قولغا كەلتۈردۈم. بۇنداق لايىھىلەش ئارقىلىق، ھەر خىل مەشق سۇئاللىرىدىن پايدىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتىرىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، دەرسنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى يەنىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، قىيىن نۇقتىسىنى تەكرار بۆسۈپ ئۆتۈش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردۇم. 4. خۇلاسە قىلىش: بۇ ئوقۇتۇش ھالقىسىدا كۆپ ۋاستىلىك ئوقۇتۇش ئۈسكىنىسىدىن پايدىلىنىپ، دەرسلىك دېتالى كۆرسەتمە ئورگىنالى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى تۆۋەندىكى سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىش ئاساسىدا، يېڭى دەرس مەزمۇنى خۇلاسىلاشقا يېتەكلىدىم: 1) بۇ دەرستە نېمىلەرنى ئۆگەندىڭىز؟ 2) بۇ دەرستىن قانداق ھاسىلاتقا ئېرىشتىڭىز؟ 3) قانداق تەسەۋۋۇرغا ئىگە بولدىڭىز؟ 4) كۆپچىلىكنى نېمىلەرگە دىققەت قىلىشقا ئەسكەرتىسىز؟ 5) سىزنىڭ يەنە قانداق گۇمانىي سۇئاللىرىڭىز بار؟ 6) سىزنىڭ ۋە گورۇپپىدىكى باشقا ئەزالارنىڭ بۇ سائەتلىك دەرستىكى ئىپادەڭلار قانداق بولدى؟ كىچىك گورۇپپىلارنى بىرلىك قىلىپ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنى پىكىر قىلىشقا يېتەكلەپ، ئۆگىنىش ھاسىلاتى ھەققىدە ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ. باھالاش جەھەتتە، ئاۋۋال ئوقۇغۇچىلار ئۆز-ئۆزىنى باھالاش، ئاندىن ئوقۇغۇچىلار ئۆز-ئارا باھالاش، ئاخىرىدا ئوقۇتقۇچى باھالاش شەكلى قوللىنىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئىشەنچىسى ۋە پەخىرلىنىش تۇيغۇسى كۈچەيتىلىدۇ. بۇنداق لايىھىلەش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلار گۇمانىي مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا، يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەتلىك بولۇشقا رىغبەتلەندۈرىلىدۇ. كۆپچىلىككە رەخمەت!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alahidin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-29 15:40
|