پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 46|ئىنكاس: 0

مەرھۇم ئۇستاز مۇھەممەتجان سادىققا مەرسىيە[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
110
قىزغىنلىق
749 سەر
تىللا
46 دانە
تۆھپە
441 سەر
شۆھرەت
737 سەر

تىرىشچان ئەزادادىل ئەزا ئوردىنىمائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-29 15:26:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مەرھۇم ئۇستاز مۇھەممەتجان سادىققا مەرسىيە



ئاپتور:تاھىر ئابدۇكېرىم



چاچما شېئىر بېغىدا ئېچىلغان گۈلدەك،
ئىجاد ۋە ئەجرىڭدىن پۇراقلار چاچتىڭ.
ئوقۇرمەن قەلبىدە خۇددى بۇلاقتەك،
توختىماي شىلدىرلاپ سۇ بولۇپ ئاقتىڭ.
***
شېئىرىيەت ئوردىسى تۇرمۇش ماھىرى،
چىن سۆيگۈ ئەھلىنىڭ زۆھرە-تاھىرى.
تەپەككۈر، ئويلىرىڭ  خۇددى بىر مىزان،
شېئىرىيەت سېپىنىڭ ئۈلگە زاھىرى.
***
ھەقىقى پېداگوك ئۈلگىسى ئىدىڭ،
مەرىپەت كۆكىدە چاقنايتتى كۆزۈڭ.
مۇنبەرنىڭ ئالدىدا ئىستودېنتلارغا،
مىزان ئىدىغۇ ھەر قىلغان سۆزۈڭ.
***
ئەلۋىدا ئەي ئۇستاز، خاتىرجەم ياتقىن،
تەتقىقات يوللۇرۇڭ چولپاندۇر ھەر ۋاق.
ئەۋلادقا بىر يۇتۇم سۇ بېرىش ئۈچۈن،
سەن بولدۇڭ بىلىمدە تۈگىمەس بۇلاق.
***
ھېلىمۇ يادىمدا سەن ئۆتكەن دەرس،
تاشلارنىڭ كۆكسىگە مۆھۈر باسقاندەك.
ئۆچۈرمەي ساقلايمەن ئىزنالىرىڭنى،
مەرىپەت بېغىدىن گۆھەر تاپقاندەك.


مەنبە:ئىلى گېزىتى
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 04:21, Processed in 0.123566 second(s), 32 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش