- دەرسنىڭ مۇھىم، قىيىن نۇقتىلىرىنى بېكىتىش توغرىسىدا دەرسنىڭ مۇھىم، قىيىن نۇقتىلىرىنى بېكىتىش ئوقۇتقۇچىلار دەرس لايىھىسى تۈزۈش جەريانىدا چوقۇم ھەل قىلىدىغان مەسىلە. دەرسنىڭ مۇھىم، قىيىن نۇقتىلىرىنى توغرا بېكىتىش يۇقىرى ئۈنۈملۈك دەرسخانا ئوقۇتۇشى ئېلىپ بېرىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، دەرسخانا ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتىرىشنىڭ مۇھىم كاپالىتى ۋە ئاچقۇچى. 1. مۇھىم نۇقتا: ئوقۇتۇشتىكى مۇھىم مەزمۇن، دەرسخانا ئوقۇتۇشى جەريانىدا ھەل قىلىنمىسا بولمايدىغان زىددىيەتلىك مەسىلە، ئوقۇتۇشتىكى مەركىزىي نۇقتا. ئۇ، دەرسلىك ماتېرىيالىدىكى پەننىي بىلىم سېستىمىسى، گۇمانتارلىق ئامىللىرى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئېھتىياجىغا قارىتا ئېيتىلغان بولۇپ، نۇقتىلىق بىلىملەر ۋە چوڭقۇر تەلىم تەربىيە قىممىتى بولغان مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇھىم نۇقتا ئاساسلىقى مۇنداق شەكىللىنىدۇ: پەننىي بىلىم سېستېمىسى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، مۇھىم نۇقتا-ئىلگىرى ئۆگىنىپ بولغان بىلىملەر بىلەن زىچ باغلىنىشى بولغان ھەمدە كېيىنكى باسقۇچلۇق ئۆگىنىشكە زور تەسىرى بولغان بىلىم، ماھارەتلەرنى كۆرسىتىدۇ، يەنى پەنني بىلىم سېستېمىسىدا مۇھىم ئورۇن ۋە رولغا ئىگە بولغان پەننىي بىلىم، ماھارەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. گۇمانتارلىق نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، مۇھىم نۇقتا-ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا چوڭقۇر، ئۇزاق مۇددەتلىك تەربىيىۋىي رولى بولغان مەزمۇننى، ئاساسلىقى ئوقۇغۇچىلارغا ئۆمۈرلۈك ئەسقاتىدىغان پەننىي ئىدىيە، ئىلىم روھى ۋە ئۇسۇللارنى كۆرسىتىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئېھتىياجى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، مۇھىم نۇقتا-ئوقۇغۇچىلار ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان قىيىنچىلىق ۋە ھەل قىلىشقا ئېھتىياجلىق قىيىن، گۇمانىي مەسىلىلەرنى كۆرسىتىدۇ. مۇھىم نۇقتىنى شەكىللەندۈرىدىغان ئامىللارغا ئاساسەن، مۇھىم نۇقتىنى بىلىم مۇھىم نۇقتىسى، گۇمانتارلىق مۇھىم نۇقتىسى ۋە مەسىلە مۇھىم نۇقتىسى دەپ ئۈچ تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ. 2. قىيىن نۇقتا: ئىنتايىن ئابىستىراكىت، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش ئەمەلىيىتىدىن چەتنىگەن، جەريانى ناھايىتى مۇرەككەپ بولغان، ئوقۇغۇچىلار ئاسان چۈشىنەلمەيدىغان ۋە ئاسان ئىگەللىيەلمەيدىغان بىلىم، ماھارەت ۋە ئۇسۇللارنى كۆرسىتىدۇ. قىيىن نۇقتا ئاساسلىقى تۆۋەندىكى ئامىللار سەۋەبلىك شەكىللىنىدۇ: بىرىنچىسى، يېڭى بىلىمنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش ئەمەلىيىتىدىن چەتنىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭى بىلىمگە ئالاقىدار ھېسسىي بىلىمىنىڭ كەمچىل بولۇشى؛ ئىككىنچىسى، يېڭى بىلىمنىڭ زىيادە ئابىستىراكىت بولۇشى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈشىنىشى قىيىن بولۇشى؛ ئۈچىنچىسى، يېڭى بىلىم نۇقتىلىرىنىڭ كۆپ بولۇشى ۋە مەركەزلىشىپ قېلىشى؛ تۆتىنچى، يېڭى بىلىم بىلەن ئۇنىڭغا ئالاقىدار ئىلگىرى ئۆگەنگەن كونا بىلىمنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ يېقىن بولماسلىقى ياكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلگىرى ئۆگەنگەن كونا بىلىمىنىڭ مۇستەھكەم بولماسلىقى ۋە ياكى ئۇنى ئۇنتۇپ كېتىشى. ئەگەر قىيىن نۇقتا بىرىنچى خىل سەۋەبتىن شەكىللەنگەن بولسا، ئوقۇتۇش جەريانىدا ئۇنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بار بولغان تۇرمۇش تەجرىبىسى ۋە ھېسسى بىلىمىنى تولۇقلاش ئاساسىدا بۆسۈپ ئۆتۈشكە بولىدۇ. ئەگەر قىيىن نۇقتا ئىككىنچى خىل سەۋەبتىن شەكىللەنگەن بولسا، ئوقۇتۇش جەريانىدا ئۇنى بىۋاستە ھالەتكە ئايلاندۇرۇش، ئوبرازلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلار سەزگۈ ئەزالىرىغا تايىنىپ چۈشىنەلەيدىغان قىلىش ئاساسىدا بۆسۈپ ئۆتۈشكە بولىدۇ. ئەگەر قىيىن نۇقتا ئۈچىنچى خىل سەۋەبتىن شەكىللەنگەن بولسا، بىلىم نۇقتىلىرىنى تارقاقلاشتۇرۇش ئاساسىدا بۆسۈپ ئۆتۈشكە بولىدۇ. ئەگەر قىيىن نۇقتا تۆتىنچى خىل سەۋەبتىن شەكىللەنگەن بولسا، يېڭى بىلىمگە ئالاقىدار ئىلگىرى ئۆگەنگەن كونا بىلىملەرنى مۇستەھكەملەش ئاساسىدا بۆسۈپ ئۆتۈشكە بولىدۇ. شۇڭا، قىيىن نۇقتىنى بۆسۈپ ئۆتۈشتە، ئۇنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبىنى توغرا تەھلىل قىلىپ، مۇۋاپىق بولغان بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش لازىم. 3. مۇھىم نۇقتا بىلەن قىيىن نۇقتىنىڭ مۇناسىۋىتى: مۇھىم نۇقتا بىلەن قىيىن نۇقتا ئوخشاش بولمىغان ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. مۇھىم نۇقتا ئادەتتە تۇراقلىققا ۋە ئۇزاق مۇددەتلىككە ئىگە بولىدۇ (ئاز بىر قىسىم دەرسلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئۆتكۈنچىلىككە ئىگە بولىدۇ، مەسىلەن: ئۆتكۈنچى مۇھىم نۇقتا). مۇھىم نۇقتىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈشىنىشى ۋە ئىگەللىۋېلىشى بىلەنلا بىرتەرەپكە قايرىپ قويۇشقا بولمايدۇ، ئۇ مەلۇم بىر ئوقۇتۇش باسقۇچىنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا گەۋدىلىنىشى كېرەك. بۇ مۇھىم نۇقتىلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ بىلىم سېستېمىسى ۋە گۇمانتارلىق نۇقتىسىدىن ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن ۋە رولغا ئىگە بولغانلىقىدىندۇر. قىيىن نۇقتا بولسا ئۆتكۈنچىلىككە ۋە نىسپىيلىككە ئىگە بولغان بولىدۇ. قىيىن نۇقتىنى ئوقۇتۇشنىڭ مەلۇم ھالقىسىدا ئوقۇغۇچىلار چۈشىنىشى ۋە ھەل قىلىشى مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ قايتا مەۋجۇت بولمايدۇ، مانا بۇ قىيىن نۇقتىنىڭ ئۆتكۈنچىلىكىدۇر. ئوخشاش بىر بىلىم نۇقتىسى ياكى ئۇسۇل بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار توپىغا نىسبەتەن قىيىن نۇقتا بولۇشى، ئەمما يەنە بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار توپىغا نىسبەتەن قىيىن نۇقتا بولماسلىقى مۇمكىن، مانا بۇ قىيىن نۇقتىنىڭ نىسپىيلىكىدۇر. مۇھىم نۇقتا بىلەن قىيىن نۇقتا مۇئەييەن باغلىنىشقا ئىگە بولغان بولىدۇ. بىر قىسىم بىلىم نۇقتىلىرى، ماھارەت ياكى ئۇسۇللار مۇھىم نۇقتا بولۇشى، ئەمما قىيىن نۇقتا بولماسلىقى؛ بىر قىسىم بىلىم نۇقتىلىرى، ماھارەت ۋە ئۇسۇللار قىيىن نۇقتا بولۇشى، ئەمما مۇھىم نۇقتا بولماسلىقى؛ يەنە بىر قىسىم بىلىم نۇقتىلىرى، ماھارەت ۋە ئۇسۇللار بولسا ھەم مۇھىم نۇقتا، ھەم قىيىن نۇقتا بولۇشى مۇمكىن. 4. مۇھىم، قىيىن نۇقتىلارنى بېكىتىش ئۇسۇللىرى: مۇھىم، قىيىن نۇقتىلارنى بېكىتىشنىڭ بىلىم نۇقتىلىرى، ماھارەت ۋە ئۇسۇللارنىڭ دەرسلىك ماتېرىيالىدىكى ئورنى ۋە رولىنى تەھلىل قىلىش ئۇسۇلى؛ دەرس تېمىسىنى تەھلىل قىلىش ئۇسۇلى؛ ئۆلگە مىسال، مەشق، كۆنۈكمە مەسىلە-مىساللىرىغا ئاساسەن ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇلى؛ نەزەرىيىۋىي تەھلىل قىلىش (ئۆگىنىش پىسخولوگىيىسى تەھلىلى) ئۇسۇلى؛ ئۆگىنىش ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىش (تەجرىبە ئانالىزى) ئۇسۇلى قاتارلىق ئۇسۇللىرى بار. بىرىنچى، ئورۇن ۋە رولىغا ئاساسەن تەھلىل قىلىش ئۇسۇلى: مۇھىم نۇقتىنىڭ مەنىسىگە ئاساسەن دەرسلىك ماتېرىيالىنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلىش ئارقىلىق دەرسلىك ماتېرىيال سېستېمىسىدا مۇھىم ئورۇن ۋە رولغا ئىگە بولغان بىلىم نۇقتىلىرى، ماھارەت ۋە ئۇسۇللارنى مۇھىم نۇقتا دەپ بېكىتىشكە بولىدۇ. ئىككىنچى، دەرس تېمىسىنى تەھلىل قىلىش ئۇسۇلى: ئادەتتىكى ئەھۋاللاردا دەرس تېمىسىدىن دەرسنىڭ مۇھىم مەزمۇنىنى بايقىۋېلىشقا بولىدۇ. شۇڭا، دەرس تېمىسىغا ئاساسەن مۇھىم نۇقتىنى بېكىتىشكە بولىدۇ. ئۈچىنچى، ئۆلگە مىسال، مەشق، كۆنۈكمە مەسىلە-مىساللىرىغا ئاساسەن ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇلى: مۇھىم مەزمۇنلارنى ئۆگىنىشتە چۈشىنىش، ئىگەللەش، جانلىق قوللىنالايدىغان بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. دەرسلىك ماتېرىيالىدا بۇنىڭغا ئالاقىدار مەلۇم مىقداردىكى ئۆلگە مىسال، مەشق، كۆنۈكمە مەسىلە-مىساللىرى بېرىلگەن بولىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگەنگەنلىرىنى مۇستەھلىشى، ماھارەت ۋە ئىقتىدار يېتىلدۈرۈشى ئۈچۈن ئاساس يارىتىلىدۇ. شۇڭا، دەرسلىك ماتېرىيالىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۆلگە مىسال، مەشق، كۆنۈكمە مەسىلە-مىساللىرىنىڭ مىقدارى، سالمىقى قاتارلىقلارنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلىش ئارقىلىق مۇھىم، قىيىن نۇقتىلارنى بېكىتىشكە بولىدۇ. تۆتىنچى، نەزەرىيىۋىي تەھلىل قىلىش ئۇسۇلى: بۇ، ئۆگىنىش پىسخولوگىيىسى نەزەرىيىسىگە ئاساسەن مۇھىم، قىيىن نۇقتىنى بېكىتىشنى كۆرسىتىدۇ. ئۆگىنىش نەزەرىيىسىگە ئاساسلانغاندا، ئۆگىنىشنىڭ ئاچقۇچى-ماھىيەتتىن چۈشىنىش. شۇڭا، يېڭى ئۇقۇملارنى ۋە ئۇلارنىڭ پەرقى، باغلىنىشى قاتارلىقلارنى چۈشىنىشنى مۇھىم، قىيىن نۇقتا دەپ بېكىتىشكە بولىدۇ. بەشىنچى، ئۆگىنىش ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىش (تەجرىبە ئانالىزى) ئۇسۇلى: بۇ، ئوقۇتقۇچىنىڭ مەلۇم بىر بۆلەك مەزمۇننى ئوقۇتۇش تەجرىبىسى ياكى يېڭى بىلىم، ماھارەت، ئۇسۇللارنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ۋە نۆۋەتتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنى چۈشىنىش سەۋىيىسىگە ئاساسەن مۇھىم، قىيىن نۇقتىنى بېكىتىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئۇسۇلنى ئاساسلىقى قىيىن نۇقتىنى بېكىتىشتە قوللىنىشقا بولىدۇ، قىيىن نۇقتىنى بېېكىتىشتە بولسا ئۇنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبىنى تەھلىل قىلىش كېرەك. بۇندىن باشقا، مۇھىم، قىيىن نۇقتىلارنى توغرا، تولۇق بېكىتىش ئوقۇتقۇچىنىڭ مۇكەممەل بولغان كەسپىي بىلىم سەۋىيىسى، ماھارىتى ۋە مۇئەييەن مائارىپ نەزەرىيىسى سەۋىيىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alahidin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-29 15:22
|