پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 116|ئىنكاس: 1

دەرس لايىھىسى تۈزگەندە ئوقۇتۇش نىشانىنى قانداق بېكىتىش كېرەك[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
65
قىزغىنلىق
1134 سەر
تىللا
380 دانە
تۆھپە
493 سەر
شۆھرەت
593 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-29 15:14:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
-

دەرس لايىھىسى تۈزگەندە ئوقۇتۇش نىشانىنى قانداق بېكىتىش كېرەك


ئوقۇتۇش نىشانى-ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسخانا ئوقۇتۇشى ئېلىپ بېرىشىدىكى ئاساس بولۇپ، سىتىراتىگىيىلىككە ۋە كونكىرتلىققا ئىگە بولغان بولىدۇ. ئۇنىڭ ئوقۇتۇش مەقسىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بولسا ئومۇملۇق بىلەن ئالاھىدىلىكنىڭ مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت.
ئوقۇتۇش نىشانى-بىلىم ۋە ماھارەت نىشانى؛ ئۇسۇل ۋە جەريان نىشانى؛ ھېسسىيات، پوزىتسىيە، قىممەت قارىشى نىشانىدىن ئىبارەت ئۈچ ئۆلچەملىك نىشانىدىن ئىبارەت.
بىلىم ۋە ماھارەت نىشانى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىدىغان دەرسلىك ماتېرىيالىدا ئەكس ئەتكەن پەننىي بىلىملەرنى ئىگىلەش ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ماھارەتلەرنى يېتىلدۈرۈش نىشانىدۇر. ئۇ، يېڭى بىلىملەرنى ئەستە ساقلاش، چۈشىنىش ۋە قوللىنىشقا قويۇلغان كونكىرت نىشاندىن ئىبارەت. ئۇ، دەرسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى شۇنداقلا، ئاخىرلىشىش نۇقتىسىنى بەلگىلەيدۇ. شۇڭا، ئۇ دەرسخانا ئوقۇتۇش نىشان سېستىمىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىدۇر.
  ئۇسۇل ۋە جەريان نىشانى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئۇسۇلى ۋە ئۆگىنىش تاكتىكىسىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا قارىتىلغان نىشاندۇر. ئۆگىنىش ئۇسۇلى ۋە ئۆگىنىش تاكتىكىسى بولسا دەسلەپكى قەدەمدە ئىگىلەش، تەكرار مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىپ قوللىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇسۇل ۋە جەريان نىشانى-دەرسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ مەشغۇلات سېستېمىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
  ھېسسىيات، پوزىتسىيە، قىممەت قارىشى نىشانى بولسا ئاساسلىقى ئوقۇغۇچىلارنىڭ غەيرى بىلىم ئىقتىدار ئامىللىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا قارىتىلغان نىشان بولۇپ، قوبۇل قىلىش، ئىنكاس قايتۇرۇش، شەكىللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئۈچ قاتلامغا ئايرىلىدۇ. ئۇ، دەرسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ سېستېمىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئوقۇتۇش نىشانىنى بېكىتىشنىڭ ئاساسى بولسا دەرس ئۆلچىمى؛ لايىھىلىمەكچى بولغان دەرس ماتېرىيالىنىڭ بىر پۈتۈن بىلىم سېستېمىسىدا تۇتقان ئورنى ۋە ئۆگىنىش كەيپىياتى، يەنى بىلىمنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىش دەرىجىسى، بىلىمنى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
ئوقۇتۇش نىشانى بېكىتىلگەندىن كېيىن، ئۇنى قانداق ئىپادىلەش مەسىلىسى ئىنتايىن مۇھىم. ئوقۇتۇش نىشانىدا ئاددىي ھالدا ئوقۇتقۇچىنىڭ نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ قويۇشقا بولمايدۇ. ئۇنىڭدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ نېمىلەرنى ئۆگىنىدىغانلىقى، يەنى تىل ئۇچۇرلىرى، بىلىم-ماھارەت، ئۇسۇل-تاكتىكا، ھەرىكەت قابىلىيىتى، ھېسسىيات-پوزىتسىيە جەھەتلەردىن جۇغلايدىغان ئۆگىنىش ھاسىلات نەتىجىسى بايان قىلىنىشى لازىم. دەرسخانىدا ئۆگىنىش باشلىنىشتىن بۇرۇن ئوقۇغۇچىلارغا ئۆگىنىش نىشان ئۇچۇرى يەتكۈزۈلۈشى كېرەك.
ئوقۇتۇش نىشانى ئوقۇغۇچىلارنى ئوبېكىت قىلىش، ئېنىق بولۇش، كونكىرت بولۇش، مىقدارلاشتۇرۇشقا بولىدىغان بولۇشتىن ئىبارەت ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.
ئوقۇتۇش نىشانىنى بېكىتىش ۋە ئۇنى ئىپادىلەشتە تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك:
1. يېڭى دەرسنىڭ ئاساسىي ئىدىيىسى تولۇق ئىپادىلىنىشى لازىم.
ئاساس مائارىپ دەرس ئىسلاھاتىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئاساس قىلىش ئاساسىي دەرس ئىدىيىسى قىلىندى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرەققىياتى دېگەندە بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرەققىياتى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. شۇنداقلا ئەتراپلىق، ماس تەرەققىيات، ئۆمۈرۋايەت داۋاملىشىدىغان تەرەققىيات، تېتىك، جانلىق تەرەققىيات ۋە ئىندېۋىدۇئال ئالاھىدىلىك تەرەققىياتى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. شۇڭا، نىشاندا بۇ نۇقتا گەۋدىلىنىشى لازىم.
2. ھەرىكەت ئوبېكتى-ئۆگەنگۈچىنى، يەنى ئوقۇغۇچىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، «ئوقۇغۇچىلارغا.......ئىگەللىتىلىدۇ»، «ئوقۇغۇچىلار....... قىلىپ تەربىيىلىنىدۇ» دېگەندەك ئوقۇتقۇچىنىڭ ھەركىتىنى ئاساس قىلىدىغان جۈملىلەر بىلەن ئوقۇتۇش نىشانىنى تەسۋىرلەشكە بولمايدۇ.
3. نىشان ھەرىكەت پىئېلى-يەنى «بىلىش، چۈشىنىش، ئىگىلىش، جانلىق قوللىنالايدىغان بولۇش»دېگەنگە ئوخشاش بىلىم ۋە ماھارەتنى تەسۋىرلەپ بېرىدىغان نىشان پېئىللار ئارقىلىق تەسۋىرلىنىپلا قالماستىن، يەنە «باشتىن كەچۈرۈش (ھېس قىلىش)، تەسىراتقا ئىگە بولۇش، ئىزدىنىش» دېگەنگە ئوخشاش ئوقۇغۇچىلار ئۆگىنىش پائالىيىتى سەۋىيىسىنىڭ جەريانلىق خاراكتېرىنى تەسۋىرلەپ بېرىدىغان نىشان پېئىللار ئارقىلىقمۇ تەسۋىرلىنىپ، ئۇنىڭدا ئۆگىنىش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارغا قويۇلىدىغان پىكىر قىلىش، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، ھېسسىيات ۋە پوزىتسىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەلەپلەرمۇ گەۋدىلىنىشى لازىم.
4. نىشاندا دەرسنىڭ مۇھىم، قىيىن نۇقتىلىرى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇلۇشى لازىم.
5. ئوقۇتۇش پائالىيىتىگە سىستېما نەزىرى ۋە ھەرىكەت ھالىتىدىكى قاراش بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، نىشاننىڭ مۇقىم بولۇشى بىلەن ئۆزگىرىشچان بولۇشىنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم. ھەربىر سائەتلىك دەرسنىڭ ئۆزىگە خاس ئوقۇتۇش نىشانى بولىدۇ. بىراق، ئۇ ئۆزگەرمەس نەرسە ئەمەس. مەلۇم ئامىللاردا ئۆزگىرىش بولغاندا، نىشاننى قىسمەن ياكى ئومۇمىيۈزلۈك تەڭشەشكە توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن: بىر سائەتلىك خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىدا  ئوقۇغۇچىلارنى تېكىست تەھلىلىگە يېتەكلىگەندە، ئۇلار ئەقەللىسى تېكىستنى توغرا، راۋان ئوقۇش تەلىپىنى ئورۇندىيالمىسا، نىشاننى دەرھال تەڭشەپ، ئوقۇغۇچىلارنى تېكىست ئوقۇش مەشقىگە تەشكىللەش كېرەك.
6. تەپسىلىي بولۇش بىلەن ئخچام بولۇشنى مۇۋاپىق بىرتەرەپ قىلىش لازىم.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alahidin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-29 15:18  

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
admin + 5 + 3 + 6 + 2ياخشى تېما.

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 5 تىللا + 3 تۆھپە + 6 شۆھرەت + 2  باھا خاتىرىسى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1064 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-29 18:20:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىل - ئەدەبىيات ئۇقۇتقۇچىللىرى ئۈچۈن ئىنتايىن ياخشى بولغان مۇھىم تىمىلارنى يوللاۋاتىسىز رەخمەت سىزگە . يازغان قۇلىڭىزدىن گۈللەر ئۈنگەي. نادىر شېئېر ئەسەرلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي .
ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 05:16, Processed in 0.133879 second(s), 34 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش