مەشرەپ شېئىرلىرىدىن تاللانما 1 يارنىڭ كويىدا ئۆلگەن بارمىكىن ، بارمىكىن بىر ئۆلۈپ ئىككى تىرىلگەن . ۋەسلىنى ئىزلەپ جاھاندا جەرخ ئۇرۇپ ، تەلمۈرۈپ يوللاردا قالغان بارمىكىن. قەتلى قىلماققا يەنە كىم تەڭلەشىپ ، يالۋۇرۇپ بوينىنى سۇنغان بارمىكىن. شاھبازى (1) مەرىپەت سۇلتانى ئىشىق ، تەپىل (2) ئۇرۇپ دالبايغا(3) قونغان بارمىكىن . داد ئېتار مەشرەپ خۇدانىڭ ئالدىدە ، ئول زامان دادىغا يەتكەن بارمىكىن . --------------------------------------------------------- (1) شاھبازى- شاھلارنىڭ قۇش ئوينىشى (2) تەپىل – دۇمباق ، ناغرا (3)دالباي –قونىدىغان جاي (قوندان ) 2 كۆرسەت جامالىڭ مەستانىلەرگە ئىشقىڭدا كۆيگەن پەرۋانىلەرگە مەندىن دۇئادۇر سەندىن ئىجابەت جانىم تەسەددۇق جانانىلەرگە ئەي باغرى قاتتىق رەھىم ئەيلىمەسسەن قىلغىن نەزارە(1) بىچارىلەرگە مەشرەپ سىنى دەپ كەچتى جاھاندىن باشىنى قويدى ئاستانىلەرگە ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ (1) نەزارە – قارىماق - باقماق (2)ئاستانە - بوسۇغا 3 كۆردۈم يۈزۈڭنى دىۋانە بولدۇم ، ئەقلى ھۇشۇمدىن يىگانە بولدۇم . تارتسام جاپالار ، ئۆلسەم كۆيۈڭدە ، تاپماي مەن ئۇنى جۇيانە بولدۇم . كەۋسەر شارابى يادىمغا كەلمەس ، لەئىلى لىۋىڭدىن مەستانە بولدۇم . كۆردۈم چۈشۈمدە شەمئى جامالىڭ ، كۆيدۈمۇ - ياندىم پەرۋانە بولدۇم . يۇمدۇم كۆزۈمنى سەندىن بۆلەكتىن ، كەچتىم بارىدىن ، رىندانە (2) بولدۇم . ئىشقىڭ مەيىغە پۇر بولدى جىسمىم ، ھەم ساقيىۇ ھەم پەيمانە بولدۇم . بولدۇم فەنا مەن تۇپراق ئىچىدە ، بىر دانە ئەردىم مىڭ دانە بولدۇم . ئول يۈز ئوتىدىن تەن بەلدى نابۇت ، جان جانغا يەتتى ، جانانە بولدۇم . كافىر (3) كۆزىڭدىن ھەر يانە بىر ئوق ، تەگدى يۈرەككە ۋەيرانە بولدۇم . قويماس دىدىلەر مەئمۇر (4) بولدۇم ، ئاۋات ئەردىم ۋەيرانە بولدۇم . مەشرەپكە مەي سۇن ، كىرسۇن قەدەىكە ، مەسچىت ئىچىدە بۇتخانە بولدۇم . ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ (1) جۇيانە - ئىزىلگۈچى . (2) رىندانە بولدۇم - ئازات بولدۇم ، قۇتۇلدۇم . (3) كافىر - نىمەتكە شۈكۈر قىلمىغۇچى . (4) مەئمۇر - ئاۋات . 4 ھەركىشىنىڭ دەردى بولسە يىغلاسۇن يار ئالدىدە ، قالمىسۇن ئارمان يۈرەكتە ، ئەيىتسۇن ئىزھار ئالدىدە . ئەندەلىبى (1) بى نەۋادەك نالەيۇ ئەفغان بىلە ، دائىمە يىغلاپ تۇرارمەن ئەينى (2) گۈلزار ئالدىدە . مەنسۇرى ھەللاجىدەك ئىچىپ شارابى ئەنتەھۇر (3)، چەرخ ئۇرۇپ يىغلاپ تۇرارمەن ئۇشبۇ دەم دار ئالدىدە . ھەر كىشى بىر جۇرئەتى (4) ئەيلىسە بۇ بادەدىن ، ئول قىيامەتتە قىلۇر ئەرزىنى جەببار (5) ئالدىدە . تەلبە مەشرەپ قىلمىغىل سىرىڭنى زاھىدغە ئايان ، ئەيتىڭ - ئەيتىپ يىغلاغايسەن ئاشىقى زار ئالىدە . ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ (1) ئەندەلىپ - بۇلبۇل . (2) ئەيىن - ھەقىقى كۆز ، بۇلاق . (3) ئەنتەھۇر - جەننەت . شارابى ئەنتەھۇر - جەننەت شارابى . (4) جۈرئەت - يۇتۇم . (5) جەببار - ھۆكۈم يۈرگۈزگۈچى (خۇدانىڭ بىر ئىسمى ) 5 ھەزىرتى ئادەم بىنا بولغاندە مەن بىللە ئىدىم ، ھەق رەسۇل مىراجىغە(1) چىققاندا مەن بىللە ئىدىم . چۈن خەلىل ئاتەشكە كىردى ، ئوتنى پەرۋا قىلمىدى ، ئوتنى بوستان ئەيلەگەن ، گۈلشەندە مەن بىللە ئىدىم . ھەزىرتى ياقۇپنى كور ، يۈسۈپ ئۈچۈن قان يىغلادى ، تاجۇ - تەخىتى دەۋلەتتىن قىسقاندا مەن بىللە ئىدىم . زىكىرىيانىڭ باشىغە ھەرە قويۇپ پارە ئەيلىدى ، زىكرى ھەقنى دىلغا جا قىلغاندا مەن بىللە ئىدىم . چۈن ئەنەلھەق دىدىلەر ، مەنسۇرنى دارغا ئاستىلەر، قان بىلەن مەنسۇر يۈزىن يۇۋغاندا مەن بىللە ئىدىم . مەشرەبا لاپ ئۇرمەغىل ، قىلغان سۆزۈڭگە تۆۋبە قىل ، گەر خۇدا لۇتف(2) ئەيلەسە ، رۇھىمدا مەن بىللە ئىدىم . ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ 6 مەرىپەتنىڭ گۈلزارى موللا بازار دېۋانە ، ئاشىقلارنىڭ سەردارى موللا بازار دېۋانە . يوقتۇر ئەسلا گىيىنەسى (1) ،بەھرى ئېرفان (2) سىينەسى ، نۇرى ھەق ئايىنەسى (3) موللا بازار دىۋانە . يول ئۈستىدە پۇل(4) بولغان ھەق نۇرىغا مۇل بولغان ، كىمنى كۆرسە قۇل بولغان موللا بازار دىۋانە. جايلاردۇر نەمەنگان ، ھەق يولىدا جان بەرگەن ، مۇردلاردىن سىنالغان موللا بازار دىۋانە . ئىچىلاردۇر تولا نۇر ، پىرلاردۇر باھادۇر ، بۇخارادا ئول مەشھۇر موللا بازار دېۋانە . مەشرەپ ئۆزى دېۋانە ، ئىشىق ئوتىغە پەرۋانە ، يول يۈرەدۇر سەرسانە ، موللا بازار دېۋانە ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ (1) گىيىنە - ئاداۋەت . (2) بەھرى ئېرفان - بىلىم دىڭىزى . (3) ئايىنەسى - ئەينىكى . (4) پۇل - كۆۋرۈك . 7 نەمەنگان شەھرىدىن كەتسەم ، مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ؟ غېرىپلىق شەھرىدە يۈرسەم ، مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ ؟ مۇھەببەت شەرپىدىن ئىچتىم ، قازاندەك قاينىدىم تاشتىم . بۇفانى دۇنيادىن كەچتىم مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ ؟ توشۇپتۇر باشىمە سەۋدا ، رۇممۇزى (1) ئىشقىدىن غەۋغا ، ئۆزىگە ئەيلىدى شەيدا ، مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ ؟ تۇرارغە تاقىتىم يوقتۇر ، يۈرەغە ھالىتىم يوقتۇر ، يۈرەكتە ئىشىق ئوتى كۆپتۇر ، مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ ؟ قارارىم يوق تۇراي دېسەم ، نەمەنگاندە يۈرەي دېسەم ، جاھاننى سەيىر ئېتىپ كەزسەم ، مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ ؟ بۇ مىسكىن زارى مەشرەپنىڭ كىشى ھالىنى بىلمەيدۇ ؟ بۇ يەردىن باش ئېلىپ كەتسەم ، مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ ؟ ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ (1) رۇمۇز - ئالامەت ، نىشان ، بەلگە . 8 يىغلاسام ۋاقتى دۇئا بولغايمۇكىن ، كۆز ياشىم دەرتكە داۋا بولغايمۇكىن . بادەئى ئىشقى مۇھەببەت ئىچىپ ، شەۋكىتى دۇنيا جۇدا بولغايمۇكىن . باش ئۇرا (1) كالدىم سېنىڭ دەرگاھىڭگە ، بىر مەدەتكارىم خۇدا بولغايمىكىن . يىغلاماقتىن ماڭا ئىمكان قالمادى ، ياردىن ماڭا نىدا(2) بولغايمۇكىن . قايسى بىر دەردىمنى ئېتاي دوستلار ، ئۆلمەيىن دەردىم ئادا بولغايمۇكىن . يار كۆيدۈردى مېنى ھالىم خاراپ ، ئەرز ئېتارىغە داد ئېيتىپ بولغايمۇكىن . تەلبە مەشرەپ يىغلايۇر يا رەببەنا ، رەببيەل ئەلا (3) دېسەم بولغايمۇكىن . ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ (1) باش ئۇرا - باش ئۇرۇپ (2) نىدا - ئاۋاز ، ئۈن . (3) رەببيەل ئەلا - خۇدا ھەممىدىن ئالى مەنبە: ساقلىۋالغانلىرىم... |