ئۇيغۇر تارىخىدا ئۆتكەن مەشھۇر ئايال ئەدىبلەر
گۆھەربان ئۆمەر
ئۇيغۇر ئاياللىرى تارىختىن بۇيان ئۆزلىرىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى، قەيسەر ئىرادىسى، جاپالىق تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ تىللاردا داستان بولغۇدەك شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىپ،ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى. گەرچە تارىختا سىياسىي،دىن، ئەخلاق قاتارلىق بەزىبىر ئىجتىمائىي ئامىللارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۈچراپ نۇرغۇن ئاياللار ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى تولۇق نامايان قىلىشقا مۇيەسسەر بولالمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى بىر قىسىم ئاياللار بۇ تەقدىرگە تەن بەرمەي ھەرخىل ئۇسۇللار ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئۆزلىرىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى نامايان قىلىپ كەلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ھازىرغىچە بىزگە مەلۇم بولغانلىرى تۆۋەندىكىچە: 1.ئاماننىساخان(1534-1567). يەركەن خانلىقى دەۋرىدە ياشاپ ئۆتكەن داڭلىق مۇقامشۇناس، بويىدىكى قومۇش مەھەللە يېزىسدا نامرات ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئاماننىساخاننىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيتىگە ئائىت ئۇچۇرلار موللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نىمەتۇللا مۆجىزىنىڭ «تەۋارىخى مۇسقىيۇن» ناملىق ئەسىرىدە خاتىرىلەنگەن. ئاماننىساخان 13 يېشىدا ئابدۇرەشىدخان ئوردىسىغا كەلگەندىن كېيىن 20 يىللىق فېئوداللىق نەسەپ قارىشىنىڭ چەكلىمىسى، جاھالەتچى سوپى - ئىشانلارنىڭ تەقىپ قىلىشلىرىغا قارىماستىن، ئۇيغۇر«ئون ئىككى مۇقام» نىڭ سىسىتېملىشىشى، مۇكەممەللىشىشى ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان. ئۇ يەنە خانىم - قىزلارغا نەسىھەت قىلىش مەزمۇنىدىكى «ئەخلاقىي جەمىلىيە»،«شۇرۇلقۇلۇپ»(قەلىبلەر كېڭىشى)،«دىۋان نەفىسى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان، «ئىشرەت ئەنگىز»(خۇشاللىق قوزغاش) دېگەن كۈينى ئىجاد قىلغان. 1567-يىلى تۇغۇتتا ۋاپات بولغان. 2. ئاخۇن ئاغچا. 19- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا خوتەندە ياشاپ ئۆتكەن شائىرە. ئۇ 1860-يىلى خوتەندە زۇلۇمغا قارشى پارتىلغان خەلق ئىنقىلابىنىڭ سەركەردىسى ئابدۇراخمان خان غوجا(1833-1863) نىڭ ئانىسى بولۇپ، ئۇ ئوغلى ئابدۇراخمان خان غوجا قۇربان بولغاندا، ئۇنىڭ قەھرىمانلىقىنى مەدھىيلەپ ۋە زامان كۈلپەتلىرىدىن زارلىنىپ نۇرغۇن قوشاقلارنى توقۇغان. 3. ئەسىرى. تەخمىنەن 18-،19-ئەسىرلەردە خوتەندە ياشاپ ئۆتكەن شائىرە.ئۇنىڭ شېئىرلىرى خوتەندىن تېپىلغان.«باياز»غا شائىرەنىڭ بەزى ئەسەرلىرى كىرگۈزۇلگەن. 4. ئەنبەرئاتىن(1870-1915). شائىرە ئەنبەر ئاتىن دىلشاد بەرنانىڭ شاگىرتى. ئۇ ئۆزىنىڭ 45 يىللىق ھاياتىدا خېلى كۆپ ئەسەرلەرنى يازغان. ئۇ ئاسيا يېقىنقى زامان دېموكراتىك شائىرلىرىنىڭ ئىدىيىۋى ئېقىمىغا زىچ ماسلاشقان رېئالىستىك شائىرە ئىدى. ئۇ قوقان خانلىقى تەۋەسىدە ياشغان. 5. باتىسقان ئانا. تەخىمنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 10- ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن. تارىخچىلار ئۇنى غەربىي يۇرت قەۋملىرىنىڭ ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق دەۋرىدە ئۆتكەن ئۇرۇق باشلىقى بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى تەتقىقاتلار «باتىسقان ئانا» قەدىمكى ھونلارنىڭ خان ئانىسى بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىماقتا. خەنزۇچە ھۆججەتلەردە ئۇنى «شى ۋاڭ مۇ»«西王母» دەپ ئاتىغان.ئۇنىڭ «ئاق بۇلۇت قوشىقى»، «باتىسقان ئانا كۈيى» ناملىق ئىككى پارچە شىئىرى خەنزۇچە ھۆججەتلەردە ساقىلىنىپ كەلگەن. 6. بۈبى زەينەپ. 1660-يىللاردا يەركەن شەھرىدە تۇغۇلغان. ئۇ ئىسمائىل حاننىڭ قىزى بولۇپ،ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە يەركەندىكى ي يىشىل مەدىرىستە ئوقۇغان. 1678-يىلى ئاپاق خوجا يەركەن خانلىقىنى مۇنقەرز قىلىپ ھاكىمىيەت ئىگىلىگەن مەزگىلدە ئىسمائىل خاننى جەمەئتى بىلەن ئىلىغا يالاپ ئلىپ كەتكەن. ئۇزاق ئۆتمەي 18 ياشلىق شائىرەنى قاينىتىلغان ياغقا تاشلاپ ئۆلتۈرۋەتكەن ھەمدە ئەسەرلىرىنى كۆيدۇرۋەتكەن. 7. بۈبى مەسۈم ئەزىزەم. 18-ئەسىردە يەركەندە ياشاپ ئۆتكەن شائىرەدۇر. 8. جىۋا(324-؟) مەشھۇر ئالىم ۋە نومشۇناس كومراجىۋانىڭ ئانىسدۇر. ئۇ قەدىمكى كۈسەندىن بولۇپ،ئۆز ۋاقىتدا قەدىمكى كۈسەن ۋە سانسكرىت تىللىرىنى پىشىشق ئىگىلىگەن.تىبابەتچىلىك ساھاسدىمۇ زور شۆھرەت قازانغان. جىۋا«ئىچكى بەش ئەزا توغرىسىدا» ناملىق كىتابىنى يىزىپ چىققان. 9.دىلبەر دورغا.19-ئەسىرنىڭ ئالدىنىقى يىرىمدا قاراقاش ناھىيىسىدە ياشاپ ئۆتكەن تەنقىدىي رىئالىزىمچى شائىرە. ئۇنىڭ «مەزلۇم ملار ئاھى»(ئەرزنامە دەپمۇ ئاتىلدۇ)نامىلىق مۇخەممەس بىزگىچە يىتىپ كەلگەن. 10. دىلشاد بەرنا(1800-1905) .ئوتتۇرا ئاسىيادا تونۇلغان شائىرە بولۇپ، تاجىكستان ئۆرە تۆپىلىك. شائىرە 1817-يىلى قوقان خانى تەرىپىدىن ئەسىر سۈپىتىدە قوقەندكە ئىلىپ كىتىلگەن. ئۇنىڭ ھاياتقا، مۇھەببەتكە، يۇرتىغا بولغان سىغىنىشى، ئىنسانىي خىسلەتلەر كۈيلەنگەن«سەبەتۇل بەشرە»(ئىنسانىي خىسلەتلىرى)،«تارىخيى مۇھاجىران» قاتارلىق ئەسەرلىرى بىزگىچە يىتىپ كەلگەن. 11. رەھىلە(1860-1917). قەشقەرنىڭ ئۈستۈن ئاتۇش يىزىسىدىن بولۇپ، ئۇ 1885-يىلدىن باشلاپ ئاتۇش ئىكساق پەننىي مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ئەرەپ، پارىس تىللىرىنى پىششىق ئىگىلىگەن، «دەلائىلۇ ئىلىم»(ئىلىمگە دالالەت قىلغۇچى) ناملىق كىتابىنى يازغان.(بۇ قوليازما ھازىرمۇ ساقلانماقتا).«قۇرئان كەرىم»نى ھۆسىنخەت شەكلى بىلەن تولۇق كۆچۇرۇپ چىققان. 12.زەبۇنىسا(1639-1708). ھىندستاندىكى بابۇرىلار خانلىقى تەۋەسىدە ياشاپ ئۆتكەن.ئۇ بابۇر شاھىنىڭ نەۋرىسى بولۇپ،1639-يىلى دېھلىدا تۇغۇلغان. 70 يىللىق ھاياتىنى يالغۇزلۇق ۋە غىرىبلىق ئىچدە ئۆتكۈزگەن. «زەبۇنىسا» شائىرەنىڭ ئەدەبىي تەخەللۇسىىدۇر. ئۇنىڭ كۆپلىگەن ئەسەرلىرى ئەرەب ، پارىسچە مەنبەلەردە تىلغا ئىلىنغان. تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بىزگىچە يىتىپ كىلەلمىگەن. 13.زۇلفىيە(كاشغەرى). ئۇ، ئاپئاق خوجاجۇڭغارلاغا قورچاق خان بولۇپ تۇرغان مەزگىللەردە ياشاپ ئۆتكەن. ئۇنىڭ «دىۋان زۇلفىيە » ناملىق لىرىكىلار توپلىمى بولغان. 14. زىلەيخا بىگىم. يەركەن خانلىقى دەۋرىدە ئۆتكەن ئەدەبىي تەرجىمان ۋە شائىرە بولۇپ، قەشقەرنىڭ قوغان يىزىسىدىن. ئۇ، ئاپئاق خوجا (1626-1694) نىڭ ئانسى. « سىلسىلە تۈز زەھەپ» ناملىق كىتابتىكى مەلۇماتلارعا قارىغاندا، ئۇ، ھاپىز شىرازى قاتارلىق پارىس شائىرلىرىنىڭ شىئىرلىرىنى مۇتالىئە قىلىشتا داڭ چىقارغان. زىلەيخا بىگىمىنىڭ بەزى تەرجىمە ئەسەرلىرى«باياز»غا كىرگۈزۈلگەن. 15.زۇمرەت.19-ئەسىردە خوتەن دىيارىدا ياشاپ ئۆتكەن. ئۇنىڭ خىلى كۆپ شئىرلىرى «باياز»غا كىرگۈزۈلگەن. 16.سۈلئى سۇما. مىلادىيە 4- ئەسىردە يەركەندە ياشاپ ئۆتكەن تۇنجى ئۇيغۇر ئايال مۇتەپپەككۇر ۋە ئەدىبتۇر. ئۇ يەركەن خانىنىڭ كىچىك قىزى بولۇپ، بۇددا دىنىنىڭ ماھايانا مەزھىپىنىڭ تەسرىدە ئۆسۈپ يىتلگەن. 16. كومراجىۋامۇ 357-يىلى كەشمىردىن كۇچاغا قايتىش سەپىرىدە يەرەنگە كىلىپ سۈلئى سۇما بىلەن تونۇشقان ھەم ئۇنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان. لىكىن سۈلئى سۇمانىڭ ئەسەرلىرى بىزگىچە يىتىپ كىلەلمىگەن. 17.سېمرا قىزى. 18-ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن ئۇدۇن خانى چىسا سىمرانىڭ قىزى. ئۇنىڭ قەدىمكى خوتەن تىلىدا يىزىلغان «سىېغنىش نەزمىسى» ناملىق شىئرى ھازىر پارىژ مۇزىيىدا«2027»نومۇر بىلەن ساقلانماقتا. 18. شياۋ گۈەنيىن(1039-1075). قىتان خانلىقى دەۋرىدە ياشىغان ئۇيغۇرشائىرەدۇر. ئۇنىڭ دادىسى شىياۋخۇي ( ئۇيغۇرچە ئىسمى خاتىرىلەنمىگەن) قىتان خانلىقىدا ۋەزىر بولغان. شىياۋگۈەنيىن قىتان ئوردىسىدا خانىش بولغان. ئۇ بەرباب چىلىش ۋە شىئىرىيەتتە داڭق چىقارغان بولۇپ، خىلى كۆپ شىئىرلارنى خەنزۇچە يازغان. شائىرەنىڭ«قەلب ھويلىسغا قايتىش»، «ئۆتمۈشنى ئەسلەش»،«نامدىن جۇدا بولۇش»قاتارلىق ئەسەرلىرى ساقىلىنىپ قالغان. 19-.شى لەنلەن باقشى(؟-1332) يۅەن سۇلالىسى دەۋرىدە ياشاپ ئۆتكەن مەشھۇر خەتتات ۋە شائىرەدۇر. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى قۇجۇلۇق بولۇپ، يۈەن دەۋرى مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈشتە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان. شى لەنلەن خەنزۇ تىل يىزىقىدىكى «بۇددا ۋاتامساكا ماخاۋاي»، «لىڭيەن سۇترىسى»،«ئالتۇن يارۇغ». تىببەت يىزىقىدىكى«پىراجىناغا ئوقۇلغان سەككىز مىڭ مەدھىيە» قاتارلىق ئەسەرلەرنى كۆچۇرۇپ چىققان. 20.گۈەن يۈەنشى قىزى. 14- ئەسىر يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ياشاپ ئۆتكەن. بۇ ئۇيغۇرشائىرەنىڭ ئۆز ئىسمى نامەلۇم. ئۇنىڭ دادىسى گۈەن يۈەنشى(كۈن سەۋىنىچ) خەنزۇ ئەدىب ئوياڭ سۈەن يازغان.«گۈەن يۈنشى ھەزىرەتلىرىنىڭ يادنامىسى» ئەسىرىدە: «گۈەن يۈنشىنىڭ بىرلا قىزى بولۇپ، ئۇ بىلىملىك، ماقالە-ئەسەر يازالايدۇ»دەپ خاتىرىلەنگەن. ئەمما ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بىزگىچە يىتىپ كىلەلمىگەن. 21.مۇترىبە.18- ئەسىردە پەرغانىدە ياشاپ ئۆتكەن قەشقەرلىك شائىرەدۇر.ك بىرۇۋكۇف «تىل - ئەدەبىيات ۋە تارىخ مەسىلىلەر» (1948-يىلى يىلى ئالمۇتا) ناملىق كىتابتىكى ماقالىسىدە بۇ شائىرە ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەن. 22. نادىرە(1792-1842). قوقان خانى ناربۇتابىك زامانىدا ئەنجان ھاكىمى بولغان رەھمان ئائىلىسدە(ئۇيغۇر) تۇغۇلغان. ناربۇتا بىك ئۆلۈپ ھاكىميەت ئۇنىڭ ئوغلى ئالىمقان قولىغا ئۆتكەندە، ئۇنىڭ ئىنىسى ئۆمەرخان 1808-يىلى نادىرەنى نىكاھىغا ئالغان. ئۆمەرخان ۋاپات بولۇپ ئۇ تۇل قالغان.1842-يىلى بۇخارا ئەمىرى نەسۇرۇللاخان قوقانغا قوشۇن تارتىپ كىلىپ نادىرەنى ئوغلى ۋە نەۋرىسى بىلەن قوشۇپ ئۆلتۇرۋەتكەن. شائىرەنىڭ«دىۋانى نادىرە» ناملىق توپلىمى بىزگىچە يىتىپ كەلگەن. 23.نۇزۇگۇم. ۋەتەنپەرۋەر، قەھرىمان ئۇيغۇر قىزى. ئەسلى ئىسمى چولپانگۈل بولۇپ، قەشقەردە تەخىمىنەن1806-،1807-يىللىرى تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدىن چىچەن ھەم نازۈك قىز بولعاچقا باشقىلار ئۇنى«نازۈك» ياكى «نۇزۇگۇم» دەپ ئاتىۋالغان.نۇزۇگۇم 1825-يىلىدىكى قەشقەر حەلقىنىڭ چىرىك چىڭ ئەمەلدارلىرىعا قارشى قوزعىلىڭعا قاتنىشىدۇ. قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن ، چىڭ سۇلالىسى ئەمەلدارلىرى قەشقەر ئاھالىسىدىن ئون مىڭلىغان كىشنى ئىلىغا سۈرگۈن قىلىدۇ. پالانغانلار قاتارىدا ئىلىغا كەلگەن نۇزۇگۇمنى ئۆزلىرىگە بويسۇندۇرالمىغان چىڭ سۇلالىسى ھۆكۇمرانلىرى ئۇنى سۇلۇن ئەمەلدارىغا ستىۋىتىدۇ. ياتلارغا حوتۇن بولۇشنى نومۇس بىلگەن نۇزۇگۇم كىچىسى سۇلۇن ئەمەلدارىنى ئۆلتۇرۇپ قىچىپ كىتىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي تۇتۇلۇپ قىلىپ دارغا ئىسىپ ئۆلتۇرۇلىدۇ.(1827-يىلى). بۇ ئوت يۈرەك شائىرەنىڭ زۇلۇمغا قارشى ئىسيانكارلىق، ۋەتەنپەرۋەلىك روھ بىلەن تولغان شىئىر قوشاقلىرى خەلقىمىز ئارىسدا كەڭ تارقالغان. 24. ھەمراھ بۈبى. 19-ئەسىردە قەشقەرنىڭ ئاتۇش يىزىسدا ياشاپ ئۆتكەن. ئۇنىڭ بىر قىسم غەزەللىرى 1980-يىلى ژۇرناللاردا تونۇشتۇرۇلغان. ئاپتۇر شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى ئاساسىي پەنلەر بۆلۈمىدىن(ماگىستىر ئاسپىرانت) 25. مايمىخان (1812 - 1830)غۇلجىدا ياشىغان،ماھىر قوشاقچى ، ئەركىنلىك كۈيچىسى . كىچىكىدىنلا ھەققانىيەت تۇيغۇسى ، خەلىق سۆيەر روھى بىلەن چوڭ بولغان مايمىخان مۇستەبىت ھاكىميەت ۋە زۇلۇملارنى پاش قىلىپ قوشاق توقىغان ۋە شىئىر قىلىپ ئوقىغان . 1830 - يىلى ھەققانىيەت ۋە ئەركىنلىكتى ۋاز كەچمىگەن ئۇيغۇر قىزى مايمىخان 18 يىشىدا چىپىپ ئۆلتۈرۈلگەن . مايسىخان 26.ئۇيغۇر قىزى مايسىخان چىڭ سۇلالىسى ھۆكىمىتىنىڭ زۇلىمىغا قارشى قوزغىلاڭنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ بىرسى.ئۈچتۇرپان ئاقتوقاي باغرىغا خەلقىمىز تەرىپىدىن ئابىدە قىلىنغان "يەتتە قىزلىرىم" مەقبەرىسى دەل مايسىخاننىڭ مەقبەرىسىدۇر . 27. زۇلەيخان بىگىم- 17ئەسىردە قۇمۇلدا ياشىغان ئىستىداتلىق شائىرەدۇر . 28. راھىلە خانىم - 1860 )يىللىرى )ئۇيغۇر يىڭى مائارىپ تارىخىدىكى تۇنجى ئايال ئوقۇتقۇچى . " ھۈسەيىنيە " مەكتىپىدە تەكلىپ بىلەن ئىشلىگەن . 29. ئايخان ئانا - 1888)يىللىرى ) ئەل سۆيەر مەرىپەتچى . يىقىنقى زامان ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىكى تۆھپىكار شەخىسلەرنىڭ بىرى .1933 - 1934 - يىللىرى غولجىنىڭ قازانچى مەھەللىسىگە مەخسۇس يىتىم بالىلار ئۈچۈن مەكتەپ سالدۇرغان . خەلىق بۇ مەكتەپكە " ئايخان ئانا مەكتىپى " دەپ نام بەرگەن . ئايخان ئانا مۇستەبىت ھۆكىمەتنىڭ ئازابى بىلەن كىسەل سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن . 30. شەپقەت ھەمشىرىسى رىزۋانگۈل ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمان قىزى ، شەپقات ھەمشىرىسى 31. رىزۋانگۇل 1925 - يىلى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا ئوبلاستىدا تىرە يۇڭ توقۇمچىلىق قىلىدىغان بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن .1922 - يىلى رىزۋاگۈل 7 ياش ۋاقتىدا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە كۆچۈپ غۇلجىغا كۈچۈپ كىلىپ1940 - يىلىدىن 1943 - يىلىغىچە ئۈرۈمچى قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپىدە بوغالتىرلىق كەسپىدە ئوقۇپ ، غولجىغا قايتىپ ، ۋىلايەتلىك پوچتا ئىدارىسىدە ئىشلەيدۇ .1943 يىلى 1- ئاينىڭ 13 - كۈنى ھەرەمباغ لەڭشاڭ رايۇنىدىكى بىر جەڭدە شىددەتلىك ئۇچۇپ كىلىۋاتقان ئوقلار ئارىسىدا ، يارىدار جەڭچىلەرنى قۇتقۇزۇش يولىدا قۇربان بولىدۇ . 32. ئايشەمخان:1945 -يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي جەنۇبىي يۆنىلش ئارمىيىسى ئاقسۇغا يۈرۈش قىلىش جەريانىدا ، باي ناھىيەسىدىن ئۆتكەندە، زۇلۇمغا قارشى ئۆزلىكىدىن ئارمىيەگە قاتناشقان . ئارمىيە ئاقسۇدىن چىكىنگەندە قولغا چۈشۈپ قالغان ، گومىنداڭچىلار ئايشەمخاننى خائىن بولۇشقا ئۈندىگەن ، بىراق ئايشەمخان قەتئىي رەت قىلغان . شۇنىڭ بىلەن ئايشەمخان ئۇيغۇر ئاسىيلار تەرىپىدىن پاجىئەلىك ھالدا چىپىپ ئۆلتۈرۈلگەن . 33. يەتتە قىزلىرىم مازىرى ئۇچتۇرپان ناھىيە بازىرىنىڭ مولجەر تاغ باغرىنىڭ شىمالى يان باغرىغا جايلاشقان بولۇپ ، يەتتە قىزنىڭ قەبرىسى ياغاچ رىشاتكا ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان . تارىخى مەنبەلەردىن قارىغاندا چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى پادىشاھى چىيەنلۇڭنىڭ 30- يىللىرى ( مىلادى 1765 - يىلى ) زۇلۇمغا قارشى ئۇچتۇرپاندا يۇز بەرگەن ئاكا - ئۇكا ( بەزى مەنبەلەردە ئاتا - بالا دىيىلىدۇ ) رەخمىتۇللا بەگ ۋە ئەسمىتۇللا بەگ باشچىلىغىدىكى دىخانلار قوزغىلىڭىنىڭ ( جىگدە يىغىلىغى ) قاتناشچىلىرىدىن ئايال پالۋان مايسىخان باشلىق يەتتە قىز نەۋكەرنىڭ مەقبەرەسىدۇر . ئۇچتۇرپان دىخانلىرى رەخمىتۇللا ۋە ئەسمىتۇللا بەگلەرنىڭ رەھبەرلىگىدە يىرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى بىلەن ئېلىشىپ ئاخىرى مەغلۇپ بولىدۇ ۋە قوزغىلاڭغا قاتناشقان ئېنقىلاپچىلارنىڭ ئۇچتەن بىرى قىرغىن قىلىنىدۇ ، 10 مىڭدەك كىشى ئىلىغا سۇرگۇن قىلىنىدۇ ، بارلىق بالايى ئاپەت يۇرتتا قالغان قىزلارنىڭ بىشىغا كېلىدۇ .ئۇچتۇرپان خان ئامبىلى سۇچىڭ ۋە ھاكىمبەگ ئابدۇللا ۋەكىللىگىدىكى مانجۇ ھوكۇمرانلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۇستىدىن دەھشەتلىك يۇرگۇزىۋاتقان زۇلۇمغا چىدىمىغان بىر تۇركۇم ئەر - ئايال ئاخىرى رەخمىتۇللا بەگنىڭ سىڭلىسى مايسىخاننىڭ ئەتراپىغا يىغىلىپ تاغ ، جىلغا ، ئورمانلىقلاردا يوشۇرنۇپ چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىغا داۋاملىق زەربە بىرىدۇ . مانا بۇ تارىختىكى « مايسىخان جىڭى » دۇر. ئېتىلىشىچە بۇ قېتىمقى جەڭ ئۈچ ئاي داۋام قىلىپ ، مايسىخان بىلەن غۇنچى قىز باشچىلىغىدىكى يەتتە نەپەر ئايال قەھىرمان دۇشمەننىڭ قورشاۋىدا قېلىپ ئاخىرى تاغدىن ئۆزىنى ئېتىپ مەرتلەرچە قۇربان بولىدۇ .كېيىن كىشىلەر بۇ يەتتە نەپەر قەخىرمان قىزلىرىمىزنىڭ خاتىرىسى ئۇچۇن مولجەر تىغىنىڭ غەربى شىمالىغا « يەتتەقىز مەقبەرەسى » نى ياساتقان ئىكەن . 1942 - يىلى ئۇچتۇرپانغا ھاكىم بولۇپ تۇرغان لىنجىلو ( ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق ئىنقىلاۋى قۇربانلار بىلەن بىرلىكتە ئايرۇپىلان ۋەقەسىدە قۇربان بولغان ) يازغان « ئۇچتۇرپاندىكى ئاسارى - ئاتىقىلەر ۋە جوڭگۇ - روسىيە چىگرىسى توغرىسىدا ئىزاھات » دىگەن ماقالىسىدا : «يەتتە قىزلىرىم مەقبەرىسى مۇسۇلمانچە ياسالغان ، ئۇستى يىپىقلىق ، بۇ مەقبەرنى ئۇيغۇرچە يەتتە قىزلىرىم دەپ ئاتايدۇ ، مەقبەرىنى بىر شەيىخ ساخلايدۇ ، ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر كىشىلىرى كېلىپ مال ئۆلتۇرۇپ نەزىر بىرىدۇ ، ئاياللار دۇئا - تىلاۋەت قىلىپ يىغا - زارە قىلىشىدۇ ، بۇ ئۇچۇتۇرپاندىكى مۇھىم ئاسارە ئەتىقىلەرنىڭ بىرى » دەپ كۆرسەتكەن . دىمەك يەتتە قىزلىرىم مەقبەرىسى ئىككى ئەسىردىن بۇيان ئىزچىل تاۋاپكار ۋە زىيارەتگاھ بولۇپ كەلمەكتە ، بۇ تاۋاپكار ناھىيە دەرىجىلىق مۇھىم قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكار ئورنى قىلىپ بىكىتىلگەن. |