پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 163|ئىنكاس: 3

ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈرەك سۆزلىرى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 8Rank: 8

يوقلىما
228
قىزغىنلىق
4382 سەر
تىللا
1182 دانە
تۆھپە
2413 سەر
شۆھرەت
2839 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-29 01:38:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇئەللىم ئاڭلاپ قويۇڭ:

ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈرەك سۆزلىرى


130000bf65fg26p46m4z1f.gif

   

ھۆرمەتلىك مۇئەللىم، سىزنىڭ بىزگە دەرس بىرىدىغانلىقىڭىزنى ئاڭلاپ ناھايىتى خۇشال بولدۇق. بۇ ئۇقۇش يىلى باشلىنىشتىن بۇرۇن بىز سىزگە كۆڭۇل سۆزلىرىمىزنى ئىزھار قىلماقچىمىز، بۇ بىر يىلدا بىز سىزدىن ياخشى تەلىم ئىلىشنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە سىزنىڭمۇ بىزنىڭ ھۆرمىتىمىزگە ئېرىشىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.


1.مۇئەللىم، بىز سىزنىڭ ھېسسىياتچان بولىشىڭىزنى، ھېسسىيات ئۇقمايدىغان بىر ماشىنا ئادەمدەك بولىۋىلىشىڭىزنى ياقتۇرمايمىز .
2.مۇئەللىم، سىز بىزنى خاتىرە دەپتىرىڭىزدىكى بىر نۇمۇر ئورنىدا كۆرمەي، بىزنى بىر دوستىڭىز قاتارىدا كۆرسىڭىز .
3.مۇئەللىم، سىز بىزنىڭ نەتىجىمىزگىلا قارىماي، بىزنىڭ تېرىشچانلىقىمىزنىمۇ كۆرسىڭىز .
4.مۇئەللىم، سىز بىزنىڭ قابىلىيىتىمىزگە قاراپ تەلەپ قويۇپ، بىزنى دائىم رىغبەتلەندۇرۇپ تۇرسىڭىز .
5.مۇئەللىم، سىز بىزنى ئۈگىنىشكە مەجبۇرى قېززىقتۇرۇپ، بۇنى كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ئەڭ زور لەززەت دەپ قالماڭ، بىز تەنتەربىيەگىمۇ، ناخشا-مۇزىكىغىمۇ...، جەمئىيەتتىكى بارلىق ئىشلارغا قىزىقىمىز .
6.مۇئەللىم، بىز سىزنىڭ سىزنىڭلا دەرىسىڭىزنى ئەمەس، باشقا ئۇستازلارنىڭمۇ دەرىسىنى ياخشى كۆرىمىز .
7.مۇئەللىم، سىز بىزنىڭ ئىمتىھاننى يادىلاپ بېرىشىمىزگە ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ ئۇگەنگەن بىلىملىرىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ ئانالىز قىلىش، مەسىلىلەرگە ئۆزىمىز ھۆكۇم چىقىرىشتەك بىلىملەرنى ئۈگىنىۋىلىشىمىزغا ياردەم بەرسىڭىز .
8.مۇئەللىم، سىز بىز ئوتتۇرغا قۇيغان مەسىلىلەرنى سەۋىرچانلىق بىلەن ئاڭلاڭ، سىز بىزنىڭ سۇئاللىرىمىزنى ئاڭلاشنى خالىسىڭىزلا، بىزمۇ سىزنىڭ دەرىسىڭىزنى قۇلاق سىلىپ پۇتۇن ۋۇجۇدىمىز بىلەن ئاڭلايمىز .
9.مۇئەللىم، سىز بىزگە ئادىللىق بىلەن تەلەپنى قانچىكى ئىغىر قويسىڭىز مەيلى، لىكىن بۇ ئادىللىق كۆرۇنۇشتىلا شۇنداق بولۇپ قالمىسا، بىز سىزنىڭ بىزگە تەلەپنى ئىغىر قويۇشىڭىزغا مۇھتاج.
10.مۇئەللىم،  بىز بىرەر ئىشتا مەغلۇپ بولساق، بولۇپمۇ كۆپچىلىك ئالدىدا مەغلۇپ بولساق سىز بىزگە ئىچ ئاغرىتماڭ، بىزگە ئىچ ئاغرىتسىڭىز بىز ئۆزىمىزنى قابىلىيەتسىز ئوخشايمىز، دەپ ئويلاپ قالىدىكەنمىز .
11.مۇئەللىم، سىز سىنىپتا بىز بىلەن ئوخشاش بىرەر ئوقۇغۇچىنى بىزنىڭ ئۇگىنىش ئۈلگىمىز قىلىپ قويسىڭىز، بىز ئاشۇ ئوقۇغۇچىنى ئۆچ كۆرۈپ قىلىشىمىز مۇمكىن .
12.مۇئەللىم، ئەگەر بىزمۇ نەتىجە قازانساق سىز بىزنىمۇ باشقىلارنىڭ ئۇگىنىش ئۈلگىسى قىلىپ قويماڭ، چۈنكى سىز بىزنى خىجىللىقتا قويىسىز .
13.مۇئەللىم ،ئىسىڭىزدىمۇ ؟! بىر نەچچە يىل بۇرۇن سىزمۇ بىزگە ئوخشاش ئوقوغۇچى ئىدىڭىز، سىز ئوقۇغۇچى ۋاقتىڭىزدا ھەممە ئىشتا بىرىنچى بولۇپ، بىرەر قىتىممۇ خاتالىق سادىر قىلمىغانمۇ؟!
14.مۇئەللىم، سىز داۋاملىق ئۇگىنىش قىلىپ تۇرۇڭ، ئەگەر سىز ئۈگەنمىسىڭىز، بىز سىزدىن قانداقسىگە يېڭى-يېڭى بىلىملەرنى ئۇگىنەلەيمىز؟!
15.مۇئەللىم، بىز سىزگە چىن دىلىمىزدىن تەشەككۇر ئىيتىمىز، لىكىن سىز بىزدىن دائىم: «مۇئەللىم، رەخمەت سىزگە!» دېگەن گەپلەرنىلا ئاڭلاشنى ئۈمۈد قىلماڭ .
مۇئەللىم، سىز بىزنىڭ ئۇگىنىشتە ئالغا باسىدىغانلىقمىزغا ئىشىنىڭ، بىز سىزنىڭ دەرىسنى تىخىمۇ ياخشى ئۆتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز، سىزنىڭ نەتىجىلىرىڭىز بىزنىڭ ئالغا بىسىشىمىزنى كاپالەتلەندۇرىدۇ. بىزنىڭ ئالغا بىسىشىمىزمۇ سىزنىڭ نەتىجە قازىنىشىڭىزنىڭ ئاساسىدۇر.

مەنبە: «شىنجاڭ مائارىپى ژورنىلى»

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-29 01:51  

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
756 سەر
تىللا
80 دانە
تۆھپە
369 سەر
شۆھرەت
418 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-29 10:38:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ يۈرەك سۆزلىرى ھەر بىر ئوقۇتقۇچىنى زادى قانداق ئوقۇتقۇچى بولۇش ھەققىدە ئويلاندۇرىدىغان ياخشى سۆزلەر ئىكەن.بۇلاردا يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلارغا قويغان تەلىپى ناھايىتى ئوبرازلىق ئەكىس ئەتتۈرىلىپتۇ. رەھمەت ! مۇشۇنداق ياخشى ماتىرىياللارنى ھارماي يوللاپ تۇرغايسىز
ئەتەڭنى ئويلا،ئۆگۈنۈڭنى ئويلىما.چۈنكى، ئەتەڭ يەنە بىر ئەتىگە ھامىلدار!

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1064 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-29 18:33:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇقۇغۇچىنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى چۈشۈنۈش ئۇقۇتقۇچى ئۈچۈن بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك بولغان مۇھىم مەسىلللەرنىڭ بىرى.  ئۇقۇغۇچىلارنىڭ بۇ يۈرەك سۆزلىرى . ئۇقۇتقۇچىلارنى قانداق ئۇقۇتقۇچى بۇلۇش ھەققىدە ئويلاندۇرۇشقا تىگىشلىك بولغان مۇھىم بىر مەسىلە . ياخشى تىما يوللاپسىز رەخمەت سىزگە
ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
607 سەر
تىللا
70 دانە
تۆھپە
380 سەر
شۆھرەت
480 سەر

كومپىيۇتىر ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-29 21:07:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما بوپ تۇ    مەنمۇ  تىخى  ئوقوغۇچىلىقتىن   قول ئۈزگىلى  1 قانچە يىل بوپتۇ     دەل بىز ئويلىغاندەكلە  گەپ كىپتۇ   
مەن  ھەممە  ئوقۇتقۇچىلارنىڭ  سەل  ئەستايىدىلراق  بولشىنى   ئوقوغۇچىلارنىڭمۇ   كوەلىدىكىنى  چۈشۈنىشىنى  ئۈمۇتقىلمەن     

سىلە ئوقوغۇچىلار بىلەن كوپرەك پىكىر ئالماش تۇرۇپ تۇرساڭلا  تىخىمۇ ياخش ئوقۇتقۇچى  بولالايسىلە مىنىڭچە     
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 04:15, Processed in 0.173413 second(s), 35 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش