دىل بېغىڭغا زەرداپ سۇنى باشلىما .
كەۋسەر
سەن ئۆزۈڭنى شۇنچە ساپ دىل چاغلايسەن ، باشقىلارغا ئىزگۈ تىلەك باغلايسەن . ئىشەنچىڭنى يەردە قويسا دوسىتلىرىڭ ، بۇ نېمىشقا ؟-دەپ تۈنلەردە داتلايسەن .
ھاجەتمەنگە تۈرۈپ قاپاق باقمىدىڭ ، ئەڭ بولمىسا ياخشى سۆزدە خوش ئېيتىپ . ئۇزىغانچە پاكىز يولدا قەدىمىڭ ، سۈيقەسىت قىلدى دۈشمەنلىرىڭ سېسىتىپ .
خوشامەتتە ئەتە-ئاخشام چاپمىدىڭ ، يالغان كۈلكە-تەنىلەرگە بارمىدىڭ . غورۇرۇڭغا كۆرگەندە يات ئىشلارنى ، قىلىپ ئىنكار مەيدانىڭدىن يانمىدىڭ .
سېنى ئوبدان بىلىپ كەلدى بەزىلەر ، ۋە بەزىسى خەتەرلىك دەپ سانىدى . ھايات شۇنداق دەۋىر قىلىپ ئۆتمەكتە ، ئۆتكەن كۈنلەر ئارتقا ھەرگىز قايىتمىدى .
توغرا بىلگەن ھەق يولۇڭدا ئاداشما ، ھالال ئىشنى كىچىك كۆرمە ،تاشلىما . ئاۋام خەلق ھۆرمىتىگە ئېرىشسەڭ ، دىل بېغىڭغا زەرداپ سۇنى باشلىما . |