جەم بۇلايلى مۇنبەرگە
كەۋسەر
كەلگىن دوستۇم جەم بۇلايلى مۇنبەرگە ، بۇ يەردە بار ۋاپا-مېھىر سورۇنى . بولماس ھەرگىز پۇشايمىنىڭ ئۆمۈرگە ، ئۇنتالمايسەن قەيەردە بول سەن ئۇنى .
بايقاش تورى ئۆز تۇپرىقىڭ -ماكانىڭ ، شاخلىرىدا رەڭگارەڭ گۈل ئېچىلغان . ئىلمۇ-ئىرپان قۇۋۋىتىدە زورىيىپ ، بار كىشىگە " تەڭگە-تىللا " چېچىلغان .
بۇ يەردە بارساپساق ئۈچمىڭ قېرىنداش ، دىل رىشتىسى چىڭ باغلانغان دوسىتلۇققا . بىلىم ئىشقى ئاشىناسى ھەر بىرجان ، ئوتلۇق نەپەس تاراپ تۇرار بوشلۇققا .
تېما-ئىنكاس باغلىرىدا تېتىملىق ، تۈمەن ھەر خىل مېۋە-چېۋە ئاينىغان . يېشىل ئورمان ، گۈل-چېچەككە پۈركىنىپ ، كۈلكە-چاقچاق ، ئويۇن-مەشرەپ قاينىغان .
مۇنبەردىكى تارىخ ، ھېكمەت -تەرمىلەر ، شېئىر-رومان ، نەسىر-ئۈنچە يازمىلار . بۇلالايدۇ گويا ساڭا بىر مەكتەپ ، خىيالىڭدا ئۇنۋىرسىتىتتىن سانىلار .
غۇۋا بولغان سوئالىڭغا جاۋابنى ، ئۆز ۋاقتىدا تاپالايسەن مۇنبەردە . ئىچىڭ پۇشۇپ ، قايغۇ باسقان چاغلىرىڭ ، ئېرىشىسەن تەسەللىيگە بۇ يەردە .
ئۆزگىرىمىز ئانا تۇپراق قوينىدا ، ئالىم تامان يۈكسەكلىككە كۈنسېرى . مىننەتسىزلا ئۆگىتىدۇ بۇ ئۇستاز ، بولۇپ ئاشىق يانمايمىز بارغانسېرى . |