كەمتۈكلۈكمۇ بىر خىل گۈزەللىك
2011– يىل3– ئاينىڭ21– كۈنى11:21ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
بىر يۇمىلاق ياغاچنىڭ بىر تەرىپى ئۈچ بۇرجەك ھالەتتە كېسىۋېتىلىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ ياغاچ ئۆزىنى ئەسلى ھالىتىگە، ھېچقانداق كەمتۈكلۈك بولمىغان ھالىتىگە قايتۇرۇپ كەلمەكچى بولۇپ، تەرەپ – تەرەپتىن ئۆزىنىڭ كېسىۋېتىلگەن قىسمىنى ئىزدەپتۇ. بۇ ياغاچ كەمتۈك بولغانلىقتىن، پەقەت ئاستا دومىلىغاچقا، يول بويىدىكى گۈل – گىياھلاردىن ھۇزۇرلىنالايدىكەن ۋە قۇرتلار بىلەن پاراڭلىشالايدىكەن، يەنە تېخى قۇياش نۇرىدىن ھۇزۇرلىنالايدىكەن. بۇ ياغاچ ھەر خىل ئوخشىمايدىغان ياغاچ پارچىلىرىنى تېپىۋاپتۇ. بىراق بۇنىڭ ھېچقايسىسى ئۆزىگە ماس كەلمەيدىكەن، شۇڭا يەنە يولىنى داۋاملاشتۇرۇپ، داۋاملىق ئىزدەپتۇ. بىر كۈنى بۇ كەمتۈك ياغاچ ئۆزىگە ناھايىتى ماس كېلىدىغان بىر ياغاچ پارچىسىنى تېپىۋاپتۇ ۋە خۇشاللىقىدىن بۇ ياغاچ پارچىسىنى ئۆزىگە چاپلاپ دومىلاشقا باشلاپتۇ. مانا ئەمدى بۇ ياغاچ مۇكەممەل بىر يۇمىلاق ياغاچقا ئايلىنىپتۇ – دە، ناھايىتى تېز دومىلاپتۇ، تېزلىكىدىن ھەتتا يول بويىدىكى گۈل – گىياھلارغىمۇ دىققەت قىلالماپتۇ، قۇرتلار بىلەنمۇ پاراڭلىشالماپتۇ. بۇ يۇمىلاق ياغاچ ئاخىرى بەك تېز دومىلىسا قەتئىي ئوخشىمايدىغان يەنە بىر دۇنيانى كۆرىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىپ، دومىلاشتىن توختاپ، چاپلىۋالغان ياغاچ پارچىسىنى يول بويىغا تاشلاپ قويۇپ، ئاستا دومىلاشقا باشلاپتۇ. ھېكمەت: ھاياتلىق بەك مۇكەممەل بولۇپ كەتسىمۇ، بۇ تۇرمۇشنىڭ خۇشاللىقى، لەززىتى قالمايدۇ، شۇڭا كەمتۈكلۈكمۇ بىر خىل گۈزەللىك، رېئاللىق ئەمەلىيەتنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان گۈزەللىك ھېسابلىنىدۇ. خالىدە ياسىن تەرجىمىسى |