- تىزىملاتقان
- 2012-6-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-14
- ھوقۇقى
- 99
- جۇغلانما
- 3306
- نادىر
- 7
- تېما
- 158
- يازما
- 264
  
قىزغىنلىق- 761 سەر
تىللا- 346 دانە
تۆھپە- 479 سەر
شۆھرەت- 660 سەر
  
| مۇھەببەتلىشىۋاتقاندا
ئابلىز ئۆمەر ھاجى
مۇھەببەتلەشكەندە ئەرلەر كۆزىنى ئىشقا سالىدۇ ، ئاياللار بولسا قەلبىنى ئىشقا سالىدۇ . ئەرلەر ئاياللارنىڭ پېيىغا چۈشسە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىدۇ ، نەتىجىدە « يامغۇردىن كېيىن ھاۋا ئېچىلىدۇ » ؛ ئاياللار ئەرلەرنىڭ پېيىگە چۈشسە ئاستا-ئاستا « سىڭىپ كىرىدۇ »، « تېمىپ-تېمىپ تاشنى تېشىدۇ » . ئەرلەرنىڭ ئاياللارنى سىناش ئۇسۇلى يىراق يەرگە كېتىش ، ئاياللارنىڭ ئەرلەرنى سىناش ئۇسۇلى بولسا ، كۆرۈشۈشكە كېچىكىپ كېلىش . ئەرلەر « يەمچۈك تاشلاپ بېلىق تۇتۇش » تىپىدىكى مۇھەببەتنى ياخشى كۆرىدۇ ، ئاياللار ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن قەتئىينەزەر مۇھەببەتنى جان تىكىپ قوغدايدۇ . مۇھەببەتلەشكەندىن كېيىن ئەرلەر بىچارە بولۇپ قالىدۇ ، ئاياللار بولسا نەچچە ھەسسە روھلىنىپ كېتىدۇ . مۇھەببەتلىشىۋاتقان مەزگىلدە ئەرلەر قارشى تەرەپنى قىپيالىڭاچ كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ ، ئاياللار قارشى تەرەپنىڭ قەلب دۇنياسىنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ . شېرىن-شېكەر سۆزلەر ئاياللارنى تەسلىم قىلىدىغان « قاتىللىق قورالى » ، ئاياللارنىڭ گۈزەل جامالى ئەرلەرنى بەيئەت قىلدۇرىدىغان « روھ ئېزىقتۇرۇش دورىسى » . مۇھەببەتلىشىۋاتقاندا ئەرلەر مۇرەككەپ جەرياننى ئاددىيلاشتۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ ، ئاياللار مۇھەببەتتە ئاددىي ئىشلارنى مۇرەككەپلەشتۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ . ئەرلەر تۇنجى مۇھەببەتلەشكەن قىزنى شەپقەتسىزلىك بىلەن بىر قېتىملىق ئىچىملىك قىلىدۇ ، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇۋالغاندىن كېيىن تارتىشمايلا تاشلىۋېتىدۇ ؛ ئاياللار تۇنجى مۇھەببەتلەشكەن ئادىمىنى چىن مېھرى بىلەن ئادەم بولۇش شىرنىسى قىلىدۇ ، ئۆمۈر بويى ئۇنىڭ پۇرىقىنى ھىدلايدۇ . ئەرلەر قىز دوستىنىڭ كەچۈرمىشى قانچە ئاز بولسا شۇنچە خۇش بولىدۇ ، ئاياللار بولسا ئوغۇل دوستىنىڭ كەچۈرمىشى قانچە كۆپ بولسا شۇنچە خۇش بولىدۇ . ئەرلەر ئاياللارنىڭ تۇنجى سۆيگۈنى بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ ، ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى سۆيگۈنى بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ . بەك چىرايلىق ئاياللار ئەرلەرنى تەشنالىقتىن مەھرۇم قالدۇرىدۇ ، پۇلدار ئەرلەر ئاياللارنى بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلالمايدۇ . ئەرلەر مۇھەببەتكە ئېرىشسە ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ ، ئاياللار مۇھەببەتتىن مەھرۇم قالسا پەرىشان بولىدۇ . ئەرلەر باشقىلارنىڭ ئۆزىنى يېشى كىچىك دېيىشىنى خالىمايدۇ ، ئاياللار باشقىلارنىڭ ئۆزىنى يېشى چوڭ دېيىشىنى خالىمايدۇ . ئەرلەر كەم سۆز بولۇۋېلىپ ئۆزىنى سىرلىق كۆرسىتىدۇ ، ئاياللار گىرىم قىلىپ ئۆزىنى پەردازلايدۇ . ئەرلەرنىڭ ياشلىق باھارى يۈزەكىلىكنى ئىپادىلەيدۇ ، ئاياللارنىڭ ياشلىق باھارى بىرخىل قىممەتنىڭ بەلگىسى . ئەرلەرنىڭ ئاياللارنى سۆيۈپ قويۇشى قايتۇرۇۋالغان قەرز پۇلغا ئوخشايدۇ ، ئاياللارنىڭ ئەرلەرنى سۆيۈپ قويۇشى سالغان دەسمايىگە ئوخشايدۇ . ئەرلەر ئۆزىنىڭ جەسۇرلۇقىنى كۆرسىتىشنى ياخشى كۆرسىتىشنى ياخشى كۆرىدۇ ، ئاياللار ئۆزىنىڭ پاراسىتىنى كۆرسىتىشنى ياخشى كۆرىدۇ . ئەرلەر ياش تۆكسە باشقىلار ئۇنى ئاجىزكەن دەپ چۈشىنىدۇ ، ئاياللار ياش تۆسە كىشىلەردە ھېسداشلىق قوزغىلىدۇ . ئەرلەرنىڭ ھېسسىياتچانلىقى بىرخىل ھوزۇر ، ئاياللارنىڭ ھېسسىياتچانلىقى بىرخىل ھالاكەت . ئەرلەر ئاياللارغا ھەسرەت-نادامىتىنى تۆكۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ ، ئاياللار بولسا ئەرلەرنىڭ مۇۋەپپىقىيەت خەۋىرىنى ئاڭلاشنى ئارزۇ قىلىدۇ . مۇھەببەتلەشكەندە ئەرلەر يىراققا قارايدۇ ، ئاياللار يېقىنغا قارايدۇ .
مەنبە-« شىنجاڭ ياشلىرى » 2010\9 |
|