پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 47|ئىنكاس: 4

يا قاينامدىن چىقار ،يا سايرامدىن .[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
761 سەر
تىللا
346 دانە
تۆھپە
479 سەر
شۆھرەت
660 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 16:20:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يا قاينامدىن چىقار ،
يا سايرامدىن .

يا بېشىدىن ئال ،
يا يانپىشىدىن ئال .

ياتار قورساق -كېتەر قورساق .

ياتتىن تۇغقان چىقتى ،
ھالۋىدىن ئۇستىخان ( چىقتى ).

ياتسا قوپالمايدۇ ،
ھاڭرىشى بەك قاتتىق .

ياتقا بەر قىزىڭنى ،
ياتتىن ئال سۆزۈڭنى .

ياتقانغا يولۇقماس ھېچنېمە ،
ماڭغانغا پۇتلىشار ھەر نېمە .

ياتقان قويغا يەم يوق .

ياتقان كېسەل تېز ئۆلەر ،
ماڭغان كېسەل تېز كۈلەر .

ياتقان ئۇيغا يەم نەدە .

ياتقان ئېشەكنىڭ پوقى تەيلىك .

ياتقان ئىتقا تاش ئاتما ،
ناتونۇش ئايالغا قاش ئاتما .

ياتقان يېرىڭنى قاتتىق دېمە ،
ئىچكەن سۈيۈڭنى ئاچچىق ( دېمە ) .

ياتقان يىلاننىڭ بېشىنى تەۋرەتمە .

ياتقان يىلاننى ئويغاتما .

ياتقىنىڭدىن كۆپتۇر ياتمىغىنىڭ ،
ياتمىغاندا ياتىسەن پاتمىغىنىڭ .

يات كىشىگە سىر بەرمە ،
قىمارۋازغا پۇل ( بەرمە ) .

ياتنى تۇغقان قىلاي دېسەڭ ئارىغا پۇل قوي ،
تۇغقاننى يات قىلاي دېسەڭ ئارىغا قىز قوي .

ياتنىڭ تۆرىدە ئولتۇرغۇچە ،
تۇغقاننىڭ كۇلىڭىدا ئولتۇر .

ياتنىڭ تۆرىدە ئولتۇرغۇچە ،
تۇغقاننىڭ بوسۇغىسىدا ئولتۇر .

ياتنىڭ سۆزى ياندىن ئۆتەر ،
تۇغقاننىڭ سۆزى جاندىن ( ئۆتەر ) .

ياتنىڭ شەھرىدە بوينۇڭنى قىس ،
ئۆزۈڭنىڭ شەھرىدە قوڭۇڭنى قىس .

ياتنىڭ مېھمانخانىسىدىن ،
دوستۇڭنىڭ سامانخانىسى ياخشى .

ياتنىڭ ئوتىنى پۈۋلەپ ساقىلى كۆيۈپتۇ .

ياتنىڭ يېغى يۇقماس .

ياتنىمۇ تۇغقان قىلغان قازاننىڭ ئېشى .

ياتنى ئېشىڭغا تارت ، قېشىڭغا تارتما .

يات ئۈچۈن يىغلىغان ، كۆزىدىن ئايرىلار .

ياتىمەن دەپ ئوتنى ئۆچۈرمە .

يات يۇرتتا تورغايمۇ سايرىماس .

يات يۇرتتا ياقاڭ يىرتىلار .

يات يېگۈچە ، تۇغقان ئۆلگۈچە .

ياخشىلىق تېرىغان ، ياخشىلىق يىغار .
يامانلىق تېرىغان ، يامانلىق (يىغار ) .

ياخشى ئاتاق يېقىنغا تارار ،
يامان ئاتاق يىراققا (تارار ) .

ياخشى ئەر قانىتى ،
ياخشى ئەر ئەل قانىتى .

ياخشى ئاتتا بىر ئەيب .
ياخشى ئات غىلتاڭ يەردىمۇ توختىمايدۇ .

ياخشى ئاتقا بىر قامچا،
يامان ئاتقا مىڭ قامچا .

ياخشى ئاتقا قامچا كەتمەس ،
ياخشى كۆڭۈلگە ئەلچى كەتمەس .

ياخشى ئاتقا ئۆيۈڭنى سات .
ياخشى ئات قېرىسىمۇ ، ئۆز يورغىسىنى تاشلىماس .

ياخشى ئات كۆندۈرۈشكە باغلىق ،
تاخشى بالا تەربىيلەشكە باغلىق .

ياخشى ئات لەۋلىك كېلۇر ،
ياخشى يىگىت پەملىك


مەنبە- « ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى » ناملىق كىتاب

قولۇڭدىن كېلىشىچە باشقىلارغا ياخشىلىق قىل .

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1046 سەر
تىللا
302 دانە
تۆھپە
741 سەر
شۆھرەت
832 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 23:12:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساقلىۋالغۇدەك دۇر-دانىلەر ئىكەن!
كەسىپداشلىرىمنىڭ بايرىمىنى قىزغىن قۇتلۇقلايمەن!

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4382 سەر
تىللا
1182 دانە
تۆھپە
2413 سەر
شۆھرەت
2839 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-29 00:13:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ئېسىل دۇردانىلار ئىكەن، رەھمەت سىزگە.
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1064 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-29 01:45:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەڭىمۇ ياقتىدە بۇ دۇردانىلەر كەۋسەر  ئەپەندىم .
ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ

Rank: 1

قىزغىنلىق
120 سەر
تىللا
14 دانە
تۆھپە
80 سەر
شۆھرەت
87 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-29 17:49:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇردانىنى يادلىۋال، ھېچ بولمىسا ساقلىۋال. بۇنداق ياخشى دۇردانە، يۇلۇققاندا قاتلىۋال.ئۇقۇپ تۇرغىن ھەر دائىم،يوللۇرۇڭنى رۇسلىۋال.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 05:14, Processed in 0.126873 second(s), 31 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش