سۆيگەن يارىمغا قىسقا بىرپارچە خەت !
كەۋسەر
مەن شۇنى ھەقىقەتەن بىلىپ يەتتىمكى ، نىلوپەر بەرگىلىرى مەڭگۈ يۇمۇلۇپ تۇرۇۋەرمەيدۇ . چوڭقۇر يۇشۇرۇنغان گۇل شىرنىلىرىمۇ پات ئارىدا ئاشكارلىنىدۇ . شۇڭا مەنمۇ . . . مەن بۇكىشىلىك ھايات يۇلىدا سەن تەرىپىدىن يىتىشتۇرۇپ چىققان بىر شائىرمەن . مەن سىنىڭ قاردەك ئاپئاق ھەم پاك يۈرەك خاتىرەڭنىڭ تۈنجى ھەم ئەڭ ئاخىرقى بىتىگە تۈنجى بۇلۇپ ھەقىقىي پاك مۇھەببەتنىڭ ئۆچمەس ئىزنالىرىنى پۇتەلىگەن بولسام ئۇ چاغدا مەن . . . مەن بۇ كىشىلىك ھاياتتا يەنىلا سەن تەرىپىدىن يىتىشتۇرۇپ چىققان بىر سازەندىمەن . مەن ئۆزۈمنىڭ يۈرىكىدىن ئىبارەت بۇ زەخمەك بىلەن سىنىڭ يۈرەك تارەڭنى چىكىپ پاك مۇھەببەتنىڭ يارقىن مىلودىيىسىنى ياڭرىتالىغان بولسام ئۇ چاغدا مەن . . . ئەگەر بۇ ھاياتىمدا سەن بىلەن ئۇچرىشىش ماڭا نىسىپ بولمىغان بولسا ، ئۇنداقتا بىرخىل ئۇچرىشالماسلىقتىن مىنى مەڭگۈ ئۆكۇندۇرۇپ بىر ھەسرەتلىك ئازابنى ھەرۋاقىت ئىسىمگە سىلىپ ، ئويغانغان ۋە چۈش كۆرگەن چاغلىرىمدا ، ئۇنى ھەمىشە ماڭا ياد ئەتكۇزۇپ تۇرغايسەن . تۇرمۇش قايناملىرىدا ھاسىراپ ھۈمۇدەپ ماجالسىز ئولتۇرغان چاغلىرىمدا ، توپا توزانلارغا پۇشقىقىمنى راسلاپ تۇرغان ۋاقىتلىرىمدا ، ئالدىمدا مەن مىڭىشقا تىگىشلىك يەنە نۇرغۇن يوللارنىڭ مىنى ساقلاپ تۇرغانلىقىنى مىنىڭ يادىمغا سىلىپ تۇرغايسەن . ناۋادا بۇ قىلغانلىرىڭ ، سىنىڭ ماڭا قىلغان چاقچىقىڭ بولماي چىن قەلبىڭدىكى مۇھەببىتڭنى ماڭا تەغدىم قىلغىنىڭ بولسا ئۇنداقتا ، مىنىڭ بۇ تۇتامى يوق بەڭۋاشلىقىمنى ھەم تەنتەكلىكىمنى تىزگىنلەپ ، ئۇنىڭغا رەڭ بۇياق ۋە ئالتۇن ھەل بېرىپ ، ئۇنى باشباشتاق ، شاللاق شاماللارنىڭ پەرۋاز قىلدۇرۇپ ناتۇغرا چىغىر يوللارغا باشلاپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغايسەن . مەن ساڭا چىن قەلبىمدىكى مۇھەببىتىمنى ئىزھار قىلغان مۇشۇ پەيىتلەردە مىنىڭ پۇتكۇل قەلب دۇنيايىمنى تېخى ياغمىغان ئۆتكۈنچى يامغۇرلارنى يۇدۇپ پەسكە ئەكىتىپ بارغان ئىيۇننىڭ بولۇتلىرىدەك ھۇزورۇڭغا تەزىم قىلدۇرالارسەنمۇ ؟ ئاڭلا جىنىم ، ئاخشاملىرى تۇلۇن ئاي ئۆرلىگەن باغچىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ سەن ھەرگىزمۇ مۇڭلىنىپ قالمىغىن . چۈنكى ، دەل شۇ چاغدا مەن ساڭا يۈزلىنىپ تۇرۇپ ئىككىمىزنىڭ بەخىتى ئۇچۇن ئۇلۇش اللاھدىن بەختىمىزنى تىلەپ دۇئاغا قول كۇتۇرگەن ۋاقتىمدۇر . |