پارتىيە ياچىكا پىلانى ...يوللانمىغان ئۇخشىمامدۇ؟ مەن يوللاپ قۇيسام بۇلامۇ ؟ بەك ئاددىيلا يېزىلغىنى بار...ئازراق قۇشۇپ ئىشلىتەرسىز . -------------------------------------------------
xxxxxx مەكتەپ پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ خىزمەت پىلانى 1. يىتەكچى ئىدىيە: يۇغانقىر مەكتەپ پارتىيە ياچىيكىسى‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش ›› مۇھىم ئىدىيىسىنى يىتەكچى قىلىپ پارتىيەئەزالىرىنىڭ ئىلغارلىقنى ساقلاش تەربىيە پائالىيىتىنى ئىزچىل قانات يايدۇرۇپ ، سوتسىيالىستىك شەرەپ نۇمۇس قارىشىنى تىكلەپ ، 16- قۇرۇلتاي دوكلاتىنىڭ روھىنى ۋە پارتىيىنىڭ مائارىپ فاڭجىن – سىياسەتلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۈلىنىشىدە چىڭ تۇرۇپ ساپا مائارىپىنى مەركەز قىلغان ، مائارىپ ئىسلىھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تۈرتكە قىلىپ ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساپاسىنى يۇقۇرى كۈتۈرۈشنى ئاساس قىلىپ ، ياچىيكا ھەرقايسى تەشكىلاتلارنىڭ ئىدىيە، تەشكىل، ئىستىل، تۈزۈم قۇرلىشىنى ئوموميۈزلۈك كۈچەيتىپ ،پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىلغارلىقنى ساقلاش تەربىيە پائالىيىتىنى ئىزچىل قانات يايدۇرۇرۇشنى كۈچەيتىپ ‹‹5 تە ياخشى›› مەكتەپ پارتىيە تەشكىلاتى بەرپا قىلىش سالمىقىنى يۇقۇرى كۈتۈرۈپ ، ئىلمى قىلىپلاشقان مائارىپ باشقۇرۇش مىخانىزىمىنى تۇرغۇزۇپ ،مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ ھەربىر پارتىيە ئەزاسى ئۆزىنىڭ ئىلغارلىقىنى داۋاملىق ساقلاش بىلەن بىللە ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى يۇقۇرى كۈتۈرۈشتىن ئىبارەت. يۇغانقىر مەكتەپ پارتىيە ياچىيكىسى خىزمەتلەرنىڭ غەلبىلىك ئىلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تۈۋەندىكىدەك پىلان تۈزۈپ چىقتۇق. 1. مەكتىۋىمىزدىكى پارتىيە ئەزالىرىنى ۋە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى پارتىيىنىڭ تۈرلۈك فاڭجىن – سىياسەتلىرىنى ئۈگۈنىشكە ۋە تەشۋىق قىلىشقا تەشكىللەيدۇ ھەمدە پارتىيىنىڭ تۈرلۈك قانۇن-نىزاملىرى، قانۇنلىرىنى، يىڭى دەرس ئىسلىھاتىنى ئۈگۈنىشكە تەشكىللەيدۇ. 2. ئىدىيىۋى-ئەخلاق تەربىيىسىنى ئىزچىل چىڭ تۇتۇپ ، كىم ئۈچۈن ئىشلەش ، قانداق پۇزىتسىيە بىلەن ئىشلەش، تەربىيەلەنگۈچىلەرنى قانداق تەربىيەلەپ چىقىش تەربىيىسى ئىلىپ بېرىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلارغا ئىدىيىۋى-ئەخلاق تەربىيىسىنى ئىزچىل چىڭ تۇتۇپ ئۇلارنى غايىلىك، ئەخلاقلىق، ئىنتىزامچان، ئەتىراپلىق تەرەققى قىلغان ياراملىق ئىزباسارلاردىن بۇلىشى ئۈچۈن سىياسەت ۋە ئەخلاق دەرسلىرىنى باشقا پەنلەرگە ئورگانىك ھالدا سىڭدۈرۈپ ئىلىپ بېرىلىدۇ. 3. پارتىيەئەزالىرىنىڭ ئىلغارلىقنى ساقلاش تەربىيە پائالىيىتىنى ئىزچىل قانات يايدۇرۇپ پارتىيەئەزالىرىنىڭ باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۈلگە بۇلىشىنى ، خىزمەتتە باشلامچى بۇلۇش ئەمىلىيىتىنى قولغا كەلتۈرۈش، دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەش ئىسلاھاتقا ماسلىشىش روھىنى تۇرغۇزۇشقا چاقىرىق قىلىنىدۇ. 4. ياچىيكىمىز پارتىيەئەزالىرىنىڭ ئىلغارلىقنى ساقلاش تەربىيە پائالىيىتىنى ئىزچىل قانات يايدۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ ھەرقايسى تەشكىلاتلارنىڭ رولىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرۇپ ، ئوقۇتۇش خىزمىتىدە ئەمەلى ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ تەلىم تەربىيە ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقۇرى كۈتۈرىدۇ. 5. ياچىيكىمىز يۇقۇرى دەرىجىلىك پارتىكوم ۋە مائارىپ مەمۇرى تاماقلىرىنىڭ مۇھىم يوليورۇقلىرىنى ۋە ھۆججەتلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزىدۇ ۋە ئۈگۈنىشكە تەشكىللەيدۇ. ھەر ھەپتىنىڭ 3- كۈنى سىياسى ئۈگۈنىش قىلىنىدۇ. ئۈگۈنىشتىن خاتىرە قالدۇرىلىدۇ ۋە يۇخلىما تۈزۈمى يولغا قۇيىلىدۇ. 6. مەكتەپنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى ياچىيكىدا مۇزاكىرە قىلىپ ئىجرا قىلىش تۈزۈمى يولغا قۇيۇلىدۇ. 7. بىر مەۋسۈمدە بىر قىتىم دىمۇگىراتىك باھالاش ئىلىپ بېرىلىدۇ. تەكلىپ- پىكىرلەرنى ئاڭلىق قۇبۇل قىلىپ يىتەرسىزلىكلەر تۈزۈتۈلۈپ ئىلغارلىق قۇبۇل قىلىنىدۇ. 8. ياچىيكىنىڭ توغرا يىتەكچىلىكىدە ھەربىر ئوقۇتقۇچى پاك-ئىنتىزامچان بۇلۇش ، خىزمەت قۇلايلىقىدىن پايدىلىنىپ ئومومنىڭ مال-مۈلكىنى ئىگىلىۋىلىشقا ،بۇزۇپ چىچىشقا يول قۇيۇلمايدۇ. مەكتەپ ئىقتىسادىنى بىر قەلەمدە تەستىقلاش، 500يۈئەندىن يۇقۇرى چىقىملارنى ياچىيكا مۇزاكىرە قىلىپ مائارىپ ئىشخانىسىغا تەستىقلىتىپ چىقىم قىلىش تۈزۈمى يولغا قۇيۇلىدۇ. 9. يېزىلىق پارتىكوم ۋە مائارىپ ئىشخانىسى ئۇيۇشتۇرغان كەڭ پارتىيەئەزالىرىنى ئوقۇتقۇچىلارنى ئىلىكتىرلەشكەن تەربىيەلەش پائالىيىتىگە ئۈگۈنىشكە تەشكىللەيدۇ . 10. مەكتىۋىمىزدىكى پارتىيە ئەزالىرىنى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى سىياسى ئۈگۈنىشتىن باشقا كەسپى ئۈگۈنىش ۋە مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۈگۈنىشكە تەشكىللەيدۇ . ( ئۆزلىگىدىن ئۈگۈنىش، خىزمەتتىن ئايرىلىپ ئۈگۈنىش قاتارلىقلار) 11. پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگاتلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن ئايدا بىر قىتىم سۆھبەت يىغىنى ئىلىپ بېرىلىدۇ ۋە تەكلىپ-پىكىرلەر ئىلىنىدۇ . 12. دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەپ ئىلغارلىقنى قولدىن بەرمەي تىرىشىپ ئىشلىگەن ئاكتىپلار پارتىيەگە قۇبۇل قىلىنىدۇ، قۇبۇل قىلىشتا 16 خەتلىك فاڭقىن روھى بۇيىچە قۇبۇل قىلىش ئىلىپ بېرىلىدۇ . 13. پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيە بەدەل پۇلىنى ۋاقتىدا تاپشۇرۇشقا چاقىرىق قىلىنىدۇ ، ياچىكىنىڭ ئىلغارلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن جان-دىل بىلەن خىزمەت قىلىشقا چاقىرىق قىلىنىدۇ . 14. مەۋسۈمدە بىر قىتىم پارتىيە ئىشلىرىنى ئاشكارلاش پائالىيىتى يولغا قۇيۇلىدۇ . 15. ھەر ھەپتىنىڭ 5- كۈنى ئىتتىپاق، پىئونىرلار پائالىيەت كۈنى قىلىنىدۇ . ئەمەلى ئەھۋالغا قاراپ پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ . 16. يىلدا بىر قىتىم ئىتتىپاق، پىئونىرلاردىن ئىتتىپاق، پىئونىرلارتەشكىلاتىغا ئەزا قۇبۇل قىلىنىدۇ. 17. ياچىيكىمىز ھەرۋاقىت يۇقۇرى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاپ تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ۋاقتىدا غەلبىلىك ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ .
xxxxxxر مەكتەپ پارتىيە ياچىيكىسى - يىلى - ئاينىڭ - كۈنى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا asrar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-29 01:00
|