- تىزىملاتقان
- 2012-5-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-21
- ھوقۇقى
- 100
- جۇغلانما
- 10340
- نادىر
- 3
- تېما
- 133
- يازما
- 943
  
- يوقلىما
- 126
قىزغىنلىق- 2734 سەر
تىللا- 435 دانە
تۆھپە- 1669 سەر
شۆھرەت- 1810 سەر
         
| ئادەم ئۇخلىمىسا بەش كۈنلا ياشىيالايدىكەن
تېببىي خادىملارنىڭ ھەممىسىگە ئايانكى ، ئادەم تاماق يېمىسە 20 كۈن ، سۇ ئىچمىسە 7 كۈن ، ئۇخلىمىسا بەش كۈنلا ياشىيالايدۇ . بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدىكى ، ئۇخلاش _ تاماق يېيىش ، سۇ ئىچىشتىنمۇ مۇھىم . ئۇخلىشى دەخلى _ تەرۈزگە ئۇچىرىغان ئادەمنىڭ چىرايى سارغىيىپ كېتىدۇ . كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى تۆۋەن ، قېرىلىشىشى زىيادە تېز بولىدۇ . ئالاقىدار ھۆججەتلەردە كۆرسىتىلىشىچە : ئۇخلىشى دەخلى _ تەرۈزگە ئۇچىرىغانلارنىڭ قېرىلىشىشىنىڭ زىيادە تېزلىشىشى ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭكىنىڭ 2.5 _ 3 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن . ئامېرىكا سان - دىيېگودىكى ھەربىي سەپتىن چىكىنگەن ھەربىيلەر دوختۇرخانىسىنىڭ تەجرىبە دوكلاتىدا : بىر كۈنلۈك ئۇخلاشنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى ، ئىككىنجى كۈنىدىكى ئىمونت كۈچىنىڭ تۆۋەنلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن . ئۇنىڭ ئىچىدە %75 ئادەمنىڭ ئىمونت كۈچى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىدىكەن . نۇرغۇن ئادەملەر خاتا ھالدا : ئۇيقۇنىڭ قېچىشى ئىنسانغا زىيانلىق ، لېكىن ، قېنىپ ئۇخلىيالماسلىق ، ئاسان ئۇيغۇنۇپ كېتىش ، بەك بالدۇر ئۇيغۇنۇپ كېتىش ، تاتلىق ئۇخلىيالماسلىق ئەھۋاللىرى ئادەم بەدىنىگە چوڭ زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ ، دەپ قارايدۇ . ئەمەلىيەتتە ، تاتلىق ئۇخلىيالماسلىقنىڭ قېرىلىشىشقا ، ئەقلىي قابىلىيەتكە ، ئىمونت كۈچىگە بولغان زىيىنى بىلەن ئۇخلىيالماسلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيان ئاساسى جەھەتتىن ئوخشاش . نېمە ئۈچۈن ئۇخلاش دەخلى - تەرۈزگە ئۇچىرايدۇ ؟ ئەسلىدە ئۇ چوڭ مېڭىنىڭ مەركىزى نېرۋىسىدە كاشىلا كۆرۈلگەنلىكتىن بولىدۇ . ئىلگىرى ئۇ دورا ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىناتتى . يېقىنقى يىللاردا ، ئىنسانلار تېخىمۇ ياخشى ، تېخىمۇ بىخەتەر بىر ئوسۇلنى تېپىپ چىقتى . ئۇ بولسىمۇ ، مەركىزى نېرۋىنىڭ " بىۋاستە باشقۇرغۇچىسى " دىن ياردەم تەلەپ قىلىشتىن ئىبارەتتۇر . چوڭ مېڭىنىڭ باش قۇماندانى _ مېڭە ئاق ئالتۇن ماددىسىدۇر . مېڭە ئاق ئالتۇن ماددىسى چوڭ مېڭىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان ، ئۇ ئادەم بەدىنىنىڭ خوجايىنى ، قېرىلىشىشنى ئىدارە قىلىدىغان ئىنسان بەدىنىنىڭ ھاياتلىق سائىتىدۇر . مېڭە ئاق ئالتۇن ماددىسى ئاجىرىتىلغان ئاق ئالتۇن ماددىلىرى ئارقىلىق ئادەم بەدىنىنىڭ ھەرقايسى سېستىمىلىرىنى كونترول قىلىدۇ . ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ، ئۇنىڭ ئاجىرىتىپ چىقىرىش مىقدارى كۈندىن - كۈنگە تۆۋەنلەيدۇ . ئەگەر كۈندە ئاق ئالتۇننى ئېستىمال قىلىپ بەرسە ، ئاق ئالتۇن ماددىسىنىڭ قۇماندانلىق قىلىش ئىقتىدارى ھەسسىلەپ ئېشىپ ، ئادەم بەدىنىنىڭ ھەر قايسى سېستىمىسىدا پەيدا بولىدىغان توسالغۇلارنى ، جۈملىدىن ، ئۇخلاشنىڭ توسالغۇغا ئۇچىرىشىشىنىمۇ ھەل قىلىدۇ . مېڭە ئاق ئالتۇنى 2 - 3 كۈن ئىشلىتىلسە ، ياخشى ئۇخلىيالمايدىغان ئادەم بوۋاقلاردەك شېرىن ئۇخلاشتىن بەھرىمەن بولالايدۇ . بونىڭ ئۈنۈمى ھەقىقەتەن قالتىس ! مېڭە ئاق ئالتۇنى خۇمار پەيدا قىلمايدۇ . لېكىن ، نۇرغۇن ئادەملەردە بۇنىڭغا نىسبەتەن گۇمان بار ، ئامېرىكىدا ئۇخلىيالمايدىغان 50 مىليون ئادەمنىڭ مېڭە ئاق ئالتۇننى تۇلۇقلاۋاتقىنىغا خېلى يىللار بولغان . ئۇلار نېمىشقا يەنىلا ئىستىمال قىلىۋرېدۇ ؟ تەكشۈرۈش دوكلاتىغا قارىغاندا ، ئۇخلىيالمايدىغان ئاشۇ كىشىلەرنىڭ ئۇخلىيالماسلىق كېسىلى ياخشىلانغان . كېيىن ، ئاق ئالتۇننى تۇلۇقلاش داۋامىدا ، كۆپ ساندىكى كىشىلەردە روھى ئۇرغۇپ تۇرۇش ، ئېشتىھاسى ئېچىلىش ، چوڭ تاھارىتى راۋانلىشىش ، قېرىلىشىشى ئاستىلاشتەك خوشاللىنارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەن . بۇ ، ئاق ئالتۇننى تۇلۇقلىغۇچىلارنىڭ بوشاشماي چىڭ تۇرۇشىغا سەۋەب بولغان . دۇنيا قېرىلىشىش ۋە راك كېسەللىكلىرى مەجىلىسىنىڭ رەئىسى دوكتۇر ۋاتېر ئۆزىنىڭ خاس پەن - تېخنىكا ئەسىرى " مېڭە ئاڭ ئالتۇنى ھەققىدە " دە مېڭە ئاق ئالتۇنىنىڭ ئىنسانلارنىڭ تا بۈگۈنگە قەدەر بايقىغان ئۇخلاشقا ياردەم قىلىدىغان دورىلار ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى ئىستىمال بۇيۇملىرىدىن بىرسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ ، ئاق ئالتۇننى تۇلۇقلىغۇچىلارغا قىزىقارلىق ھالدا : __ كۆڭۈلدىكىدەك بىر ياستۇق تېپىشنى ئۇنتۇپ قالماڭلار ! __ دەپ دالالەت قىلغان .
مەنبە : "ئەدەبىي تەرجىمىلەر" بۇ يازمىنى ئاخىرىدا گۇلزار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-27 23:45
|
|