ئالتۇن ئابىدە ئابدۇللا تالىپ ( ئاتۇش ئىكساقتا يېڭىچە مەكتەپ تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىغا بېغىشلايمەن ) كۆپ ئەسىر ۋەتەندە زۇلمەت تور يېيىپ ، ئەتراپنى مۇدھىش تۈن قاپلىغانىدى ؛ ئاسارەت ئىلكىدە خار-زار بولۇپ ، خەلقىمىز زۇلۇمدىن قاقشىغانىدى . جاھالەت پەردىسى قۇياشنى توسۇپ ، ھەرجايدا زاۋاللىق ھۆكۈم سۈرەتتى . ھالاكەت زەنجىرى پۇت-قولنى چۈشەپ ، مەھكۇملار ھەسرەتتە ئىڭراپ يۈرەتتى . نىجاتلىق ئاسماندىن سۈرۈپ تۇماننى ، ئىكساقتا چاقنىدى بىر يورۇق مەشئەل . قاپقارا بۇلۇتنى يېرىپ چىققاندەك ، نۇر چاچتى ئەتراپقا قۇياش دەرمەھەل . تەڭرىتاغ ۋە پامىر تۇتاشقان جايدىن ، مەرىپەت ساداسى كەتتى ھەرياققا ؛ جاھالەت زەنجىرى ئۈزۈپ تاشلىنىپ ، ئۇلۇغۋار شۆھرىتى يەتتى ئۇزاققا . غەپلەتتىن ئويغانغان مىڭلىغان ئەۋلات ، قەدىردان بۇ يۇرتقا ئېيتار تەشەككۈر . نادانلىق گۆرىگە ئوتلار يېقىلىپ ، يېتىلدى ئۇنىڭدىن ئىنسانلىق غۇرۇر . مەرىپەت مەشئىلى -ئەي پارلاق ماكان ، سەن ئالتۇن ئابىدە ، سەن ئالتۇن مۇنار ؛ يۈز يىللىق تويۇڭغا بولسۇن مۇبارەك ، چىن يۈرەك سۆزۈمنى قىلدىم يادىكار . 1985-يىل ئۈرۈمچى « ئانا يۇرت سۆيگۈسى » دىن ئېلىندى . |