قازىمەن (تور دۇنياسىدىكى بىر بىلەرمەن«ئىنكاسچى»تىلىدىن)
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت «قازى»لىققا ئارمان كۆپ، دەرمانى يوق قازىمەن، ھەق-ناھەققە زەررىچە گۇمانى يوق قازىمەن، ياخشىلارغا ياخشى گەپ-زۇۋانى يوق قازىمەن، يامانلارغا لىللا گەپ، پەرمانى يوق قازىمەن، چىقىۋالسام «مۇنبەر»گە ئىمكانى يوق قازىمەن. ساختا ئاتاق-نام بىلەن پەرداز قىلىپ يۈزۈمگە، مۇرىت توپلاپ«مۇنبەر»دە ئالا-جوقا سۆزۈمگە، «قازى»بولۇپ ئاۋامنى قارىتىمەن ئۆزۈمگە، نىجاسەتنى تىقساڭمۇ لەنەتكەردى كۆزۈمگە، جاھانكەزدى-سەرگەردان، ماكانى يوق قازىمەن. پەرق ئەتمەيمەن ئەقلىم كور، پاختا بىلەن مازنىمۇ، ئۆردەك دېسە، ئۆردەك دەپ كەلدىم ھەتتا غازنىمۇ، نۇمۇس قىلماي سۇمبۇل چاچ دەيمەن تېخى تازنىمۇ، «ئاياز»دەيمەن خالىسام«ئا»نى قوشۇپ«ياز»نىمۇ، ھەقىقەتنىڭ سورىقى-زىندانى يوق قازىمەن. «داستان»دەيمەن ئۆزۈمچە داڭقان پۇتى گەپنىمۇ، «قوشاق»دەيمەن داستاننى تېپىپ پەيتنى-ئەپنىمۇ، «قازى»لىقنى قىلىمەن كۆزلەپ تۇرۇپ نەپنىمۇ، سېسىتىمەن ئاقىۋەت«مۇنبەر»دىكى سەپنىمۇ، «قازى»لىقتىن ئەلگە نەپ-ئېھسانى يوق قازىمەن. يېقىنىمنى ماختايمەن كۆزنى يۇمۇپ كۆپتۈرۈپ، ئەۋرىزىنى ئېرىغداپ، يۇندىسىنى تۆكتۈرۈپ، ناتونۇشنى سۆكۈمەن قۇسۇر ئىزدەپ چۆكتۈرۈپ، چامىم يەتمەي بەزىدە دەللاللارغا سۆكتۈرۈپ، ئەنە شۇنداق شەرمەندە، مەيدانى يوق قازىمەن! پەتىۋايىم كۆپ، شۇنداق، خەۋىرىم يوق ئىلىپتىن، ئەييۇھانناس، گەپ ئاچسام «قېرىپ»بىلەن«قىرىپ»تىن، «ئىنكاس»يېزىپ ھارمايمەن تەپسىر قىلىپ«قېلىپ»تىن، بىزار قىلىپ «مۇنبەر»نى«ئۇلۇغ كالام شىرىپ»تىن، بېشىم كىچىك، سەللەم چوڭ، ئىمانى يوق قازىمەن. تۈزەلمەيمەن بىرجۈملە، لېكىن مېنىڭ گېپىم چوڭ، تەخەللۇسۇم ئاجايىپ، ئۆزۈمدىنمۇ ئېتىم چوڭ، ياراتمايمەن يازغاننى، يازسام مېنىڭ دىتىم چوڭ، تىڭشىمايمەن ناغراڭنى، ئۈنى چىقماس دېپىم چوڭ، يەنە دېسەم يەنە شۇ، ۋىجدانى يوق قازىمەن! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alahidin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-27 17:22
|