ئوغا تۇتتۇم ساڭا ئالتۇن قەدەھتە
(تۆتلىكلەر)
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت 1 قاپاقنى كۆرگىلى كۆز يوق، ماڭا قاخشال باراڭ بولسا، قۇلاقنى يوپۇرارمەن ھىم «قاپاق خار» دەپ پاراڭ بولسا. چېقىپ تۇزلۇقنى كىم تۇز يەپ، باراڭنى ئەتىۋا بىلسە، ئېلىپ باشقا قەدىرلەيمەن نادان بولسا-ساراڭ بولسا! 2 بەزىلەر تۇتسام ئەمەل دەپ ئاغزىنى تاتلىق قىلىپ، ئۆزى يول يۈرگەي پىيادە ئۆزگىنى ئاتلىق قىلىپ. ئاتىسىنىڭ قېنىنى ئىچسەڭمۇ گەر تەڭلەپ ئەمەل، ئانىسىنى شۇ ھامان بەرگەي ساڭا ياتلىق قىلىپ! 3 ئېيتىڭ قېنى، كىملەردىن قالماپتىكەن بۇ جاھان؟ ھەر باشقا مىڭ كۈلپەتنى سالماپتىكەن بۇ جاھان؟ كۆرەڭلىمەڭ ئەي جاناپ، شاھلىق تاجۇ-تەختنىڭ- ھېسابىنى كىملەردىن ئالماپتىكەن بۇ جاھان؟!...
4 ئالتۇن تۇرۇپ خەسچىلىك بولمىسىمۇ قىممىتىم، پايخان بولۇپ غۇرۇرۇم، تۆكۈلسىمۇ ئىززىتىم؛ غىڭ قىلماستىن ياشايمەن ھوقۇق-ئەركىم ئۆزۈمنىڭ، شۇدۇر مېنىڭ پەزىلەت-ئادىمىيلىك خىسلىتىم! 5 -پاكلىق دېدۇق، توۋلىدۇق شۇئارىمىز ئاقمىدى، يوقالمىدى چىرىكلىك، پاكلىق كۈلۈپ باقمىدى. - قوي توپىدا بۆرە يوق، پۇخرادا يوق چىرىكلىك، بىلسەڭ ئەسلى بۇ شۇئار ئەمەلدارغا ياقمىدى!... 6 چىرىكلىكنى پاش قىلىپ تارتىلدىممەن جازاغا، يوللىرىمدا قاپقان بار، قالدىم بالا-قازاغا. چىرىكلەرگە ئوق ئاتسام تەگدى يېنىپ كۆكسۈمگە، كۆنمىگەچمەن جەڭگاھتا سۈلھى سالا، سازاغا! 7 ساپايەم بار سېپى ئالتۇن-گۆھەردىن، نان تىلەيمەن چېلىپ يېزا-شەھەردىن. بىلدۈرمىگەچ ئاتام ئۇنىڭ سىرىنى، قول ئۈزەلمەي كەلدىم مەن بۇ ھۆنەردىن.
8 مەنمۇ ئىنسان، چوقۇنمايمەن ئىنسانغا، باش ئۇرمايمەن ئەۋلىياغا-سۇلتانغا. ھۆرمىتىم بار، لېكىن دىلدا ئىماندەك ھەقىقەتنى سۆيگەن ئەھلى ۋىجدانغا! 9 نېمە دېسەڭ يىرالمايمەن گېپىڭنى، جان باقىمەن چېلىپ سېنىڭ دېپىڭنى. مەيلى چەيلەپ كەسسەڭ نوتا-شېخىمنى، پالتا بولساڭ چىڭىتىمەن سېپىڭنى! 10 مېنى مەسچىتكە، قاۋاققا باشلىدىڭ، پاھىشەلەر قوينىغا ھەم تاشلىدىڭ. ئاھ، نادانلىق! ئاڭلىسۇن ئەۋلادلىرىم، خۇن قىلىپ باغرىمنى، كۆزنى ياشلىدىڭ! 11 بىزلەر كېتىپ قالار جاھان ئاقىۋەت، شاھلارنىڭمۇ تەختى گۇمران ئاقىۋەت. يۇتۇپ كېتەر بىز تالاشقان گۆرنىمۇ، نۆھ كېمىسى ئاققان توپان ئاقىۋەت! |