يېڭىسار ناھىيە بوزغۇن ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ (2013-2012)ئوقۇش يىلى 1-مەۋسۇملۇق خىزمەت پىلانى
يېڭىسار ناھىيە بوزغۇن ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتىپى 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى
يېڭىسار ناھىيە بوزغۇن ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ( 2013-2012) ئوقۇش يىلى 1-مەۋسۇملۇق خىزمەت پىلانى
بوزغۇنئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ__9يىللىق مەجبۇرى مائارىپنى مۇستەقىل تاماملاش ئىقتىدارىغا ئىگەبولغان مۇستەقىل ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ بولۇپ ، مەكتپىمىزدە نەپەر ئوقۇتقۇچى ۋە ئىشچى –خىزمەتچى، سىنىپ، بىر قوش تىللىق بالىلار يەسلىسى قاتارلىقلار بار. ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئومۇمىشىتات نەپەر ، سىنىپ سانى ، ئوقۇغۇچى سانى نەپەر. باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئومۇمى شىتات نەپەر ، سىنىپ سانى ، ئوقۇغۇچى سانى نەپەر ، يەسلىدىكى ئومۇمى شىتا نەپەر ، سىنىپ سانى ، ئوقۇغۇچى سانى نەپەر . ئومۇمى شىتات ئىچىدە پارتىيە ئەزاسى نەپەر. مەكتىپىمىزدە ئاساسلىق تەشكىلىئاپاراتلاردىن __مەكتەپ پارتىيە ياچايكىسى، مەكتەپ مەمۇرىيىتى، ئىلمى بۆلۈم،سىياسى بۆلۈم ، ئەخلاقى تەربىيە بۆلۈم ، ئىتتىپاق ياچايكىسى ، پىئونېرلار باشئەترىتى ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ، ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ...قاتارلىق تەشكىلىئاپاراتلار بولۇپ ، ئالدىمىزدىكى بۇ بىر مەۋسۇمدا بىز رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەقىل –پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ ،مەكتىپىمىزدىكى كەڭ ئوقۇتقۇچى ، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت ئاكتىپلىقىنىئۇرغۇتۇپ ، تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەيمىز: 1. سىياسى ئىددىۋى، ئەخلاق تەربىيە خىزمىتىدە:
1) ئوقۇش باشلاش تەييارلىق ھەپتىسىدە ھەر قايسى سىنىپلاردا ئاتا– ئانىلار سۆھبەت يىغىنى چاقىرىپ، ئاتا– ئانىلارغا " بالىلارنىڭئائىلىدىكى ئۈگىنىشىگە قانداق يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك ؟" ، "نىمەئۈچۈن دىننىڭمەكتەپكە سىڭىپ كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە چەكلەش كېرەك ؟ "دىگەن تېمىلاردا ۋە مەجبۇرى مائارىپ قانۇنى، قورامىغايەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى قاتارلىق قانۇن نىزاملار توغرىسىدا لىكسىيە سۆزلەشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ ، كەڭ ئاتا -ئانىلارنىڭ مەكتەپبىلەن ئاكتىپ ماسلىشىشىنى قولغا كەلتۈرىمىز .ئوقۇتقۇچىلار بىخەتەرلىك، تۇيۇقسىز ھادىسلەرنىڭ ئالدىنىئېلېىش، كۆپەيگەن ،كېمەيگەن نوپۇسلارنى ئېنىقلاش توغرىسىدا ئائىلەزىيارىتى ئېلىپ بارىدۇ. 2) سىياسى ئىددىۋى ۋە ئەخلاق تەربىيە خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىشگۇرۇپپىسىنى قايتارەتكە سېلىپ ،ئەخلاق تەربىيە، سىياسى ئىددىۋى تەربىيە ۋە 3نى قوغداپ 2گە قارشى تۇرۇش تەربىيەسى مىللەتلەر ئىتپاقلىقى تەربىيەسىنى دەرسىخانىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. 3) ھەر ھەپتىدە ئېلىپ بېرىلدىغان سىياسى ئۈگۈنۈش مەزمۇنلىرىغا نۆۋەتتەچىڭ تۇتۇلىۋاتقان «ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ گۈزەل يۇرىت بەرپا قىلىش» «ئىلغارلىقنى بەرپا قىلىپ مۇنەۋۋەرلىكنى تالىشىش»، «ئوقۇتقۇچىلار كەسپى ئەخلاقى » قاتارلىقمەزمۇنلارنى ئاساس قىلىپ كىرگۈزۈپ ، ھەقىقى ۋە ئەمەلى ئېلىپ بېرىشقا كاپالەتلىك قىلىمىز. 4) ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەكتىنى ئېنىقلاش خىزمىتىنى ھەقىقى چىڭ تۇتۇپ، نۇقتىلىق ئائىللەرگە ۋەنۇقتلق ئائىلە پەرزەنتلىرىگە بولغانتەشۋىق تەربىيە ، نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىمىز. 5) مەكتەپتە تۈرلۈك تېمىلاردىكى مول– مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەرگەبىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچى– ئوقۇغۇچىلارغا قارتاكوللىكتىۋىزىملىق تەربىيەسى «ئىككى تارىخ، بىر ئەھۋال» تەربىيسى، قانۇن–تۈزۈم تەربىيسى، ئىجتىمائى ئەمەلىيەت تەربىيسى، بۆلگۈنچىلىككە ۋەسىڭىپ كىرىشكە قارشى تۇرۇش تەربىيسىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. 6) 6–بەش يىللىق قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئوقۇتقۇچى– ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇن– تۈزۈم ئېڭى كۈچەيتىپ ، جىنايەت سادىر قىلىش نىسبىتىنى 0% دە كونتىرۇلقىلىمىز. مەكتەپنى قانۇن ئارقلىق باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ ، ئوقۇتقۇچى– ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇنى ھوقۇق -مەنپەئەتىنى قوغدايمىز. ئايدا بىر قېتىم قانۇن مۇدىرىنى تەكلىپ قىلىپ قانۇن– تۈزم ۋە بىخەتەرلىك تەربىيسى ھەققىدە لىكسىيە ئۇيۇشتۇرىمىز. ھەر ئىككى ئايدا بىر قېتىم ئوقۇتقۇچىلاردىن ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن سىياسىنەزەرىيە بىلىملىرى ۋە قانۇن ساۋات بىلىملىرىدىن ئىمتىھان ئېلىپ خۇلاسە قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز. 7) بايراق چىقىرىش ۋە چۈشۈرۈش مۇراسىمى، پىئونىرلار پائالىيتى تۈرلۈك ئىجتمائى پائالىيەتلەرگە بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇتقۇچى– ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى، مۇقىملىق تەربىيەسى، ۋەزىيەت تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشقا كاپالەتلىك قىلىمىز. 8) مىللەتلەر ئتىپاقلىق تەربىيسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ ، "ئىككىگە قارشى تۇرۇپ، ئۈچنى قوغداش"،" تۆتنى يۈكسەك بىلىش " تەربىيىسى ئارقىلىق ئوقۇتقۇچى– ئوقۇغۇچىلارنى ھەقىقى ئاتىزىمچىلاردىن قىلىپ تەربىيلەشنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز. «3تەدبىر» نىڭ ئوقۇتۇش تەلىم– تەربىيە خىزمىتىدىكى گەۋدىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرىس تەييارلاش، دەرىس ئۆتۈشكە بولغان تەلەپنى كۈچەيتپ دەرىس مەزمۇنىغا چوقۇمئىددىۋى تەربىيەنى سىڭدۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز. 2. پارتىيە ،ئىتتپاق ۋە پىئونېرلارخىزمىتى جەھەتتە: 1) پارتىيە ياچايكىسى رەھبەرلىكىدىىكى مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ھەقىقى تۈردە ئەمەلىلەشتۈرۈپ، پارتىيە ياچايكىسىنىڭ جەڭگىۋارلىق ۋەقورغانلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەئەزالىرىغا بولغانباشقۇرۇش ۋە يېتەكلەشنى كۈچەيتىمىز. پارتىيىگە ئەزا تەرەققى قىلدۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيىسىز ئاكتىپلارنى قەرەرلىك تەربىيىلەش ئارقىلىق ، كېلەر يىلى 7-ئاينىڭ1-كۈنىگىچە 2 نەپەر ئوقۇتقۇچىنى پارتىيىلىككە كىرگۈزۈشكە شەرت ھازىرلايمىز. 2) ھەپتدە 2 سائەت ئېلىپ بېرىلىدىغان پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۈگىنىشىنى تەلەپ بويىچە ئېلىپ بارىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ماس قەدەمدە ئىتتپاق ئەزالىرىغا بولغاننازارەتچلىك ۋەباشقۇرۇشنى كۈچەيتىمىز. 3) قەرەللىك تۈردە مەخسۇس تىمىلاردا مۇھاكىمە مۇنبەر پائالىيتى ئېلىپبېرىلىپ، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىياسى ئىددىيۋى سەۋىيسىنى ئۆستۈرىمىز. 4) مەكتەپتىكى تۈرلۈكئېلىپ بېرىلىشقا تېگىشلىك بولغان خىزمەتلەر ۋەقىلىشقا تېگىشلىك چىقىم ئەھۋاللىرىنى پارتىيە ياچايكىسىدا قارارقىلىش ۋە قاراردا 3 تىن 5 كىچە ۋەكىلىنىڭ نازارەتچلىكىدىن ئۆتكۈزۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز. (5) مەكتەپتە ھەرھەپتىدە ئۆتكۈزۈلدىغان پىئونېرلار پائالىيتىنى پىلان بويىچە تولۇق، ۋاقتىدا، مول مەزمۇنلۇق ئۆتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىمىز.
دۆلەت بايرىمىغا ئۈلگۈرتۈپ ، باشلانغۇچ 1– يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنى پىئۇنېرلىققا قوبۇل قىلىش ۋە تولۇقسىزدىن شەرتىتوشقان ئوقۇغۇچىلارنى ئىتتىپاققا قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز. (6) پارتىيە ئەزالىرىنىڭ باشلامچىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، جاپادا ئالدىدا، ھالاۋەتتە كەيدىنىدە تۇرۇپ خىزمەت ئۈنۈمدارلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىمىز.
(7) ئاشكارا مۇلازىمەت خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ياردەم بېرىش ئوبىكىتلىرىنى بېكىتىپ، ۋەدىنامىنى ئاشكارىلاپ، نامرات ئوقۇغۇچىلارغا بولغانئىللىقلىق يەتكۈزۈشنى ھەقىقى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز. (8) تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئاشكارا بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر ئايدا، ھەرپەسىلدە مەكتەپ ئىشلىرىنى ئامما ئالدىدائاشكارىلاپ ماڭىمىز. 9) پارتىيە ئەزالىرى ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۈگىنىشكەبىرلەشتۈرۈپ ، پاك ئىنتىزامچان بولۇش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىئەخلاقىغا رىئايەقىلىشنى كۈچەپ ئەمەلگەئاشۇرۇپ، مەكتىپىمىزنى ئىستىل قۇرۇلۇشى جەھەتتە ئۆلچەمگە يەتكەن ئۈلگىلىك مەكتەپقىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز. 3. ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات خىزمىتى جەھەتتە:
1) كەسپى ئۈگىنىشنىڭ ۋاقتى ۋە ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئوقۇتقۇچى ، ئىشچى– خىزمەتچىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلاردا توغرا بولغان ھازىرقى زامان مائارىپ قارشىنى تۇرغۇزۇپ ، ئۇلارنى مائارىپ ساھەسىدىكى پۇرسەت ۋە خىرىسلارنى توغراتونۇشقا يېتەكلەپ ، مەكتىپىمىزدە ساپا مائارىپىۋە يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلىشىغا ئاساس يارتىمىز.ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاس ئالاھىدىلىكىگە ھۆرمەت قىلىپ،ئۇلارنى دەرس ئىسلاھاتى بويىچە ئەتراپلىق تەربىيلەشكە كاپالەتلىك قىلىمىز. 2) ماۋسۇمنىڭ بېشىدا بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنى يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپى بويىچەكوللىكتىپ پىلان تۈزۈش، دەرس تەييارلاشقائۇيۇشتۇرۇپ ، دەرىس تەييارلاشتا تەلەپنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايۋاتقان يېڭىئوقۇتقۇچىلارنى مۇشۇ ئارقىلىق تەربىيىلەشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. 3) قەرەرلىك قەرەلسىز ھالدا ئوقۇتۇش تەتقىقات مۇھاكىمەپائالىيتى ئېلىپ بېرىلىپ، ئوقۇ– ئوقۇتۇشجەريانىدا ساقلانغان زاھىر مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش بىلەنبىرگە دەرسخانا ئوقۇتۇشىغا بولغان تەلەپنى كۈچەيتىمىز. 4) دۆلەت ۋە ئاپتونۇم رايۇن تەسس قىلغان بارلىق دەرسلەرنى تولۇق ئورۇنلاشتۇرىمىز.ئوقۇتقۇچىلارنى شارائىت ياربەرگەن ئەھۋال ئاستىدا ئۆز كەسپى بويىچە ئۆز ئالاھىدىلىكىنى جارىقىلدۇرغان ئاساستا دەرس تەقسىم قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز. 5) باشلانغۇچ 1– يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىغا بولغان تەلەپنىكۈچەيتىپ ، 1-ماۋسۇم ئىچىدە %100 ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساۋادىنى تولۇق چىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز 6) ھەپتىدە بىرقېتىم زۇلار بويىچە ئوچۇق دەرس ئۇيۇشتۇرۇش،مەۋسۇمدا بىر قېتىم مەكتەپ بويىچە چوڭ كۆلەملىك دەرس ئۆتۈش مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق، دەرس ماھىرلىرىنى تاللاپمۇكاپاتلىغاندىن باشقا ، كەسىپتە ئاجىز ئوقۇتقۇچىلارنى يېتەكلەيمىز. 7) 2– دەرسخانا ئوقۇتۇشىغا بولغان تەلەپنى كۈچەيتىپ، مەكتەپ بويىچە %85 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى ھەرقايسى كۇرژىكلارغا قۇبۇل قىلىپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەتراپلىق تەرەققى قىلىشىغا كەڭ سەھنە ھازىرلايمىز. 8)ئايدا بىرقېتىم ئوقۇتقۇچىلارنى ئوقۇتۇش تەتىقىقاتى بويىچە ماقالە، لىكسىيە يېزىشقا تەشكىللەپ ، ئىمكانىيەت يار بەرگەن ئەھۋال ئاستىدا مەكتەپ گېزىتىياكى ژورنىلى ئىشلەپ ، بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرىمىز. 9)ئايدا بىرقېتىم ئوقۇتقۇچىلارنى ئۆزى ئۆتۈۋاتقان مەلۇم دەرستىنبىر سائەتلىك ئۈلگىلىك دەرس لاھىيەسى تۈزۈپ ئىلمى بۆلۈمگە تاپشۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز. 10)ئوقۇغۇچىلار داۋامىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ ، كۈندىلىك داۋامنىڭ %98 تىن تۆۋەن بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.
11) يىراقمۇساپىلىق ئوقۇتۇش خىزمىتىنى مۇھىم خىزمەتلەرقاتارىدا چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ ، ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭزامانىۋى ئۈسكىنىلەردىن پايدىلنىپ ئېلىپ بېرىلىشىغا ئاساس يارتىمىز. 12) ئايدابىرقېتىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنۋىرسال ساپاسىنى ئەتراپلىق باھالاپ ، كېيىنكى ئاينىڭ 7-كۈنىدىن بۇرۇن ئاشكارىلاشقاكاپالەتلىك قىلىمىز. 13) ئىمتىھانئېلىش، قەغەز تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ساپلىقىغاكاپالەتلىك قىلىپ ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرىمىز. ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا ۋە شىنجاڭ تولۇقسىز سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى يەتكۈزۈپ بېرىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، يىل ئاخىرىغابارغاندا 3تىن جەمى 6نەپەر ئوقۇغۇچىنى يولغا سېلىشقا كاپالەتلىك قىلىمىز. 4. قوش تىلئوقۇتۇش خىزمىتى جەھەتتە: 1)45 ياشتىن تۆۋەن ئوقۇتقۇچىلارنى ھەر ھەپتىسى 4 سائەتتىن نۇقتىلىق ئۈگىنىشكە ئۇيۇشتۇرغاندىن باشقا ، ھەركۈنى بىردىن جۈملەئۈگىنىشنى دائىملاشتۇرىمىز. قوش تىلئۈگىنىشتە شەكىلۋازلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ، ئۈگىنىش ئەمەلىيتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەتتە قوللۇنۇش ۋە ئوقۇتۇش خىزمىتىگە سىڭدۈرۈشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىمىز. 2)ئوقۇتقۇچىلارنى دەرس تەييارلاشتا قوش تىلدىنپايدىلنىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ ، شۇ بويىچە قىلغانلارغا مۇكاپات نۇمۇرى قېتىپ بېرىشنى ئەمەلىلەشتۈرىمىز. 3)يەسلى مائارىپىنى يەسلى پىروگىراممىسىنىڭ تەلىپى بويىچە ئېلىپ بېرىشقاكاپالەتلىك قىلىپ ،بۇنىڭدىن كېيىن قوبۇل قىلىنىدىغان باشلانغۇچ سىنىپلىرىنى قوشتىلللىق سىنىپ قىلىپ ئېلىشنى تولۇق ئىشقا ئاشۇرىمىز. 4)ماۋسۇم ئىچىدە بىرقېتىم ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار ئارا قوش تىلدا نۇتۇق سۆزلەش پائالىيتى ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭخەنزۇتىلى ئۈگىنىش قىزغىنلىقىنى يۇقۇرى كۆتۈرىمىز. 5)مۇشۇ يىل ئىچىدە مەكتىۋىمىزدىن جەمى 8نەپەر ئوقۇتقۇچىنى قوش تىل مائارىپى بويىچە تەربىيلەشكە ئەۋەتىمىز. 5. مەنىۋى- مەدەنىيەت ۋە بىخەتەرلىك ، كېسەللىكنىڭئالدىنى ئېلىش خىزمىتى جەھەتتە: 1) مەكتەپتە بىخەتەرلىك خىزمەتلىرىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۇچايتىپ ، قەرەلسىز تۈردەمەكتەپ سىنىپلارنىڭ بىخەتەرلىك خىزمەتلىرىنى تەكشۈرۈپ ،يۈز بېرىشئېھتىمالى بولغان يوشۇرۇن ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئالىمىز ۋە لايىھە تۈزۈپ ئەمەلىلەشتۈرىمىز. تۇيۇقسىز ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مانىۋىرىنى ئايدا بىرقېتىم ئېلىپبارىمىز. 2)مەكتەپنىڭ كېچە- كۈندۈزلۈك ئامانلىق خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ، كۈندۈزى 2نەپەر ، كېچىسى 3 نەپەر ئادەمنىڭ مەكتەپتە مۇقىم ئامانلىق ساقلىشىغا ، شۇنداقلا، بىر نەپەر رەھبەرنىڭ ئامانلىقتامۇقىم تۇرىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز. بۇ ئارقىلىق مەكتەپنتە مۇقىم، تىنىچ، ئىتتىپاق، بىخەتەر بولغان مۇھىتنى يارتىمىز. 3)كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە مەكتەپتە ئايدابىرقېتىم لىكسىيە ئۇيۇشتۇرىمىز. ئەگەر يۇقۇملۇق كېسەللىك بايقالسا بىرتەرەپ قىلىش تەدبىرى قوللانغاندىن باشقا ، دەرھال يۇقۇرىغا دوكلات قىلىمىز. 4)باغچا شەكىللىك مەكتەپ بەرپا قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ ، مۇۋاپىق مەبلەغ ئاجرىتىپ، گۈل- گىياھ ۋە ئورمانئەھيا قىلىمىز. ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ھەرقايسى سىنىپلاردا 20 تاش تەكتىن ئاز بولمىغان گۈل بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. 5)تازلىق خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، سىنىپ، مەيدان،ئىشخانا تازلىقى، شەخسى تازلىق، ئوقۇش قوراللىرىنىڭ رەتلىك تۇتۇلىشى قاتارلىقلارنى ئايدا بىر-ئىككى قېتىم چوڭكۆلەملىك تەكشۈرۈپ خۇلاسىلەيمىز. 6)ماۋسۇمدا ئۈچ قېتىمدىن تۆت قېتىمغىچە ئوقۇغۇچىلارنىچامىسى يېتىدىغان ئەمگەكلەرگە تەشكىللەپ، مەھەللىۋىمۇلازىمەت پائالىيتىنى قانات يايدۇرىمىز. 7)مۈلۈكلەرنى ئاسراش، تەكشۈرۈش ، بۇزۇلغانلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەيمىز . 8)2- دەرسخانا پائالىيتى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىمىز. دۆلەت بايرىمىمۇناسىۋىتى بىلەن مەكتەپ بويىچە چوڭ كۆلەملىك ئەدەبى-سەنئەت مۇسابىقىسى ئېلىپبارىمىز. 11-ئاينىڭ باشلىرىدا ئوقۇغۇچىلارئارا يېنىك ئاتلېتكا مۇسابىقىسى ئۇيۇشتيرىمىز. 9)ھەپتىدە بىرقانچە قېتىم مەكتەپ قىرائەتخانىسىنى ئوقۇغۇچىلارغائېچىۋېتىپ ، ئۇلاردا كىتاپتىن مۇستەقىل پايدىلنىشنى بىلىدىغان ، ئۆمۇرۋايەتئۆزلىكىدىن ئۈگىنىدىغان روھنى يېتىلدۈرىمىز. 10)ئايدا بىرقېتىم مەدەنىيەتلىك ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى،سىنىپ، ئىشخانىلارنى باھالاش پائالىيىتىنى ئېلىپ بارىمىز. بۇ جەھەتتىكى كەمقالغان خىزمەتلەرنى داۋاملىق تولۇقلاپ ئىشلەپ ، ۋىلايەت دەرىجىلىك مەدەنىيەتلىكئورۇن بولۇشقا ئاساس يارىتىمىز. 6. مالىيەباشقۇرۇش ئارقا سەپ خىزمىتى جەھەتتە: 1) مەكتەپ مالىيەسىنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، مەخسۇس پۇلنى مەخسۇس ئورۇنغا ئىشلىتىمىز ۋە قەرەرلىك تۈردەمالىيە ئىشلىرىنى ئاشكارىلاپ ماڭىمىز. ماۋسۇم بېشىدا ھەربىر ئوقۇغۇچىغا كېلىدىغان راسخوت، بېرىلىدىغان تاماق پۇلى ، كېتىدىغان چىقىم، كۆتۈرۈلگەن كىتاپپۇلى قاتارلىقلارنى 2-ھەپتىدىن قالدۇرماي ئاشكارىلاپ بولىمىز. مۇكاپات، جازا، ئۇنۋان، مۇئاش، ئىلغارلارنى ۋاقتى- ۋاقتىدا ئاشكارلاپ ماڭىمىز. 2) يەرلىك مالىيەبويىچە كىرىم قىلىشقا تېگىشلىك پۇللارنى ۋاقتىدا كىرىم قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىمىز.
3) يەسىلى ئوقۇغۇچىللىرى ۋە ئائىلىسىدە قىينچىلىق بارئوقۇغۇچىلارنى تاماق بىلەن تەمىنلەش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەيمىز. 4) ئۆز ئالدىغا مالىيەنى باشقۇرۇش، ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىش،قالايمىقان ھەق ئېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، پاك- دىيانەتلىك ھالدا مەكتەپ باشقۇرىمىز. 5)مەكتەپ ئوقۇ- ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىنى تەلەپ بويىچەداۋاملىق تولۇقلايمىز. رىمۇنىت قىلىشقا تېگىشلىك ئورۇنلارنى ۋە جوزا-ئورۇندۇقلارنى رىمۇنىت قىلىمىز . مەكتەپنىڭ ئارقامەيدانىدىكى قورۇ تامنى چۆرۇيمىز. ۋاسكىتبول مەيدانىنى قاتتىقلاشتۇرىمىز 7. ئىككىئاساسەن خىزمىتى جەھەتتە: 1) يۇقارقى خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسىنى "ئىككى ئاساسەن "نى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى چۆرىدىگەن ئاساستا قانات يايدۇرىمىز، "ئىككى ئاساسەن "نى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە مۇستەھكەملەش خىزمىتىدە ئالدى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ داۋامىنى تۇراقلاشتۇرۇپ، مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى ٪98 دىن ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىمىز.
2) مەخسۇس ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇش تارىخى بويىچەتەربىيلىنىش، قوش تىل بويىچە تەربىيلىنىش، دائىملىق تەربىيە، يېڭى دەرس ئىسلاھاتىبويىچە تەربىيلىنىشىنى دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەمگەيەتكۈزىمىز. 3) مەكتەپ مۇھىيتىنى ياخشىلاش خىزمىتىنى مۇھىم خىزمەتلەرقاتارىغا كىرگۈزۈپ، مەكتەپ قۇرۇلۇشى، ئۈستەل- ئورۇندۇق،سىنىپ، ئىشخانا ۋە تۈرلۈك ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ ئوقۇتۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىمىز. 4) مالىيە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۇچايتىپ، مەكتەپمالىيەسىنىڭ ئوقۇتۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىمىز . 5) يېڭىچە باھالاش قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ، مەكتەپ باشقۇرۇشقا ئائىت قائىدە- تۈزۈملەرنى تېخىمۇمۇكەممەللەشتۈرىمىز . بارلىق ئوقۇغۇچىلارغايۈزلىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەرقايسى پەنلەردىكى لاياقەتلىك نىسبىتى ۋە ئوتۇرىچە نومۇرىنى ئالدىنقى مەۋسۇمدىكىدىن 5 % يۇقىرى كۆتۈرىمىز. ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۈتتۈرۈش نىسبىتىنى ٪100 گە يەتكۈزىمىز. 6)"ئىككى ئاساسەن"نىڭ ئارخىپ خىزمىتىبىلەن ئەمىلى خىزمەتلىرىنى ئۆز- ئارابىرلەشتۈرۈلۈپ ، ئىشلىنىشكە تېگىشلىك خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ئىشلەپ ئارخىپلاشتۇرىمىز ھەمدە ئارخىپلارنىڭتولۇق ۋە سۈپەتلىك بولىشىغا كاپالەتلىكقىلىمىز .
بوزغۇن ئوتتۇرا – باشلانغۇچمەكتىپى 2012-يىل 8-ئاينىڭ 27-كۈنى |