پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 104|ئىنكاس: 4

تاماكىنىڭ زىيىنى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
78
قىزغىنلىق
756 سەر
تىللا
80 دانە
تۆھپە
369 سەر
شۆھرەت
418 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-27 04:14:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاماكىنىڭ زىينى
   تاماكا چېكىش ئىنتايىن ئۇمۇملاشقان ئىجتىمائى ھادىسە، ئەمما ئۇنىڭ ئشلەپچىقرىلىشى ۋە ئىستىمال قىلنىشى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققتىنى قوزغاۋاتقان ئىجتىمائى مەسلە. بۇنىڭ سەۋەبى، كىشلەر تاماكا چېكىشنىڭ سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزدىغانلىقىنى تەدرىجى تۇنۇپ يەتتى ۋە بۇ ھەقتە ئورتاق تۇنۇشقا كەلدى. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىردىلا تەتقىقاتچىلار ئۆمۈرنىڭ ئۇزۇن- قىسقا بۇلۇشنىڭ تاماكا چېكىش بېلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، تاماكا چېكىش ئۆمۈرنى قىسقارتىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەندى، ئەمما بۇ تەتقىقات نەتىجىسى كىشلەرنىڭ يىتەرلىك دىققەت ئىتبارىنى قوزغىمىغانىدى.
تەتقىقاتچىلار تاماكا چېكىشنىڭ ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان سېلىش دەرىجىسىنىڭ كىشلەرنىڭ تەسەۋۇردىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كىتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. مېدىتسىنا، گېگىنا ئالىملىرى ۋە سىياسىيونلار تاماكىنى «20- ئەسىردىكى تارقىلىشچان كېسەللىك» ، يەر شارىدىكى « ئەڭ زور ئامىۋى سەھىيە مەسلىسى » دەپ ئاتىدى. شۇنىڭدىن بۇيان نۇرغۇن دۆلەتلەر ھەر خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ تاماكا چېكىشنى تېزگىنلەش دولقۇنى قوزغىدى، تاماكا چېكىشنىڭ زىينىغا ئۇچىرغان « بەگىلەر » تاماكا تاشلىدى. ئەمما تاماكا چېكىش بىلەن كېسەللىككە گېرىپتار بۇلۇش ئارلىقىدا مەلۇم ۋاقىت بولغاچقا، بەزى « بەڭگى » لەر يەنىلا ئويغانمايۋاتىدۇ. تاماكا چېكىشنىڭ زىيىنى زادى قانچىلىك؟ ئالىملار ھايۋاناتنى سىناق قىلىش، ئادەم تىننى ئاناتومىيلىك تەكشۈرۈش ۋە سىتاتسىكا قىلىش ئارقىلىق، تاماكا چېكىشنىڭ ئادەمىنىڭ ھەر قايسى ئورگانلىرغا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە زىيان يەتكۈزدىغانلىقىنى، ئۇزۇن مۇددەت كۆپ مىقداردا تاماكا چەككەندە نۇرغۇن كېسەللىكلەرگە گېرىپتار قىلدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتى. مەسلەن، تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ تاماكا چەكمەيدىغانلارغا قارىغاندا ئۆپكە راكىغا گېرىپتار بولۇش نىسبىتى 10~20 ھەسسە، كاناي ياللۇغى، ئۆپكە سۇلۇق ئىشىقىغا گېرىپتار بۇلۇش نىسبىتى 3~6 ھەسسە، يۈرەك تاجىسىمان ئارتىريەسى بوتقىسىمان قېتىش كېسىلگە گىرىپتار بۇلۇش نىسبىتى 5~10 ھەسسە يۇقىرى بۇلىدۇ. تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭ ئۆپكە تۇقۇلمىلىرى ھال رەڭ ياكى قىزىل، تاماكا چىكىدىغانلارنىڭ بولسا ئىلاستىكىلىغى ئىنتايىن ناچار ھەم قارا بولىدۇ، ئۆپكە- كاناي بوشلىقىدا كۆپ مىقداردا كاربۇن زەرىچىلىرى بار قۇڭۇر رەڭلىك بەلغەم پەيدا بۇلىدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈشكە بۇلىدۇكى، تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ ئۆپكە- كانىيى خۇددى تۇرخۇنغا ياكى مەش كانىيغا ئوخشايدۇ. بۇنىڭ كۈنلەرنىڭ ئۈتىشى بىلەن كېسللىك پەيدا قىلىدىغانلىقىنى تەسەۋۇر قىلىش تەس ئەمەس.
تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، دۆلىتىمىزدە ئۈلۈمگە سەۋەپ بۇلىدىغان ئالدىنىقى تۆت خىل كېسەللىك، يەنى يۈرەك قان تۇمۇر كېسەللىكلىرى، راك كېسىلى، مىڭە قان تۇمۇر كېسەللىكلىرى، نەپەسلىنىش سېستىمسى سۇزۇلما كېسەللىكلىرى تاماكا چېكىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئۆپكە راكى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ 90 پىرسەنتى، يۈرەك قان تۇمۇر كېسەللىكلىرى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ 25 پىرسەنتى، نەپەس يۇلى سۇزۇلما كېسەللىكلىرى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ 75 پىرسەنتى تاماكا چېكىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئۇزۇن مۇددەت تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ تۇخۇمدان راكى، دوۋساق راكى، ئېغىز بوشلىقى راكى، ئاشقازان يارىسى، نېرۋا ئاجىزلىق قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بۇلۇش ئېھتىماللىقى يۇقۇرى بۇلىدىكەن. ھامىلدار ئاياللار تاماكا چەكسە، يۇقۇرى قان بېسىمى، تۇتقاقلىق، بالدۇر تۇغۇش ياكى بالا كىچىك تۇغۇلۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىردىكەن. ھازىر دۇنيا بۇيچە ھەر يىلى تاماكا چېكىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل كېسەللىكلەر بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 3 مىليۇندىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 2 مىليۇنى جۇڭگۇدىكى « بەڭگىلەر» دۇر.
تاماكا چېكىشنىڭ زىيىنى مۇشۇنداق چوڭ بولسىمۇ، ئائىلىدىن جەمئىيەتكىچە ئادەم بار جايلارنىڭ ھەممىسىدىلا تاماكا چېكىدىغانلارنى ئۇچراتقىلى بۇلىدۇ. بۇنىڭدىكى ئىقتىسادى زىياننى ھىساپلاپ كۆرەيلى، ھازىر دۆلىتىمىزدە 400 مىليۇن « بەڭگى» بار، ھەر بىر « بەڭگى » ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن ھەر كۈنى بىر قاپ تاماكا چەكسە، بىر قاپ تاماكىنى 5 يۈەندىن ھېسپلىغاندا، بىر كۈندە 200 مىليۇن، بىر يىلدا 73 مىليارد يۈەن بۇلىدۇ. سىتاتسىكىلارغا ئاساسلانغاندا، ئازادلىقتىن كىيىنكى 40 يىلدا تەبئى ئاپەتلەر دۆلىتىمىزدە جەمئى 300 مىليارد يۈەن ئىقتىسادى زىيان پەيدا قىلغان، بۇ يىلغا 7 مىليارد 500 مىليۇن يۈەندىن توغرا كېلىدۇ، ئەمما بۇ تەبئى ئاپەتلەر پەيدا قىلغان ئىقتىسادى زىياننى ئۆزىمىز پەيدا قىلغان تاماكا ئاپىتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ھەقىقەتەن يوق دىيەرلىك!


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
admin + 3 + 2 + 2 + 2ياخشى تېما.

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 3 تىللا + 2 تۆھپە + 2 شۆھرەت + 2  باھا خاتىرىسى

ئەتەڭنى ئويلا،ئۆگۈنۈڭنى ئويلىما.چۈنكى، ئەتەڭ يەنە بىر ئەتىگە ھامىلدار!

ئاتامان

بايقاش

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
8093 سەر
تىللا
6962 دانە
تۆھپە
4561 سەر
شۆھرەت
5249 سەر

ئاتامانمۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-27 13:39:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك تېما بوپتۇ. تورداشلارنىڭ تولۇق ئوقۇپ چىقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
مائارىپچىلارنىڭ ئىللىق ئائىلىسى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4382 سەر
تىللا
1182 دانە
تۆھپە
2413 سەر
شۆھرەت
2839 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-27 17:28:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە، ئەرلەرنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز، مەنمۇ تاماكا تاشلاش ئۈچۈن بىر غەيرەت قىلىپ باقاي.
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1498 سەر
تىللا
344 دانە
تۆھپە
1060 سەر
شۆھرەت
1156 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-27 18:51:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ياخشى ئاگاھلاندۇرۇش بىرىپسىز، مەنمۇ تاماكىنى تاشلاش قارارىغا كەلدىم.رەھمەت سىزگە
قايسىڭلاردا بوۋاقلار پىسخولوگىيەسىگە ئائىت ئۇيغۇرچە ماتىرىيال بار؟

Rank: 1

قىزغىنلىق
120 سەر
تىللا
14 دانە
تۆھپە
80 سەر
شۆھرەت
87 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 16:34:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز دىگەندەك تاماكا چىكىش ھەقىيقەتەن زىيانلىق. شۇنداق بولسىمۇ بەزى كىشىلەرنىڭ توختاۋسىز ھالدا كەينى-كەينىدىن ئولاپ ،پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن شۇراپ كىتىشلىرىگە ھەيرانلىقىم كىلىۋاتىدۇ.مۇمكىن بولسا چەكمەسلىك كىرەكتى ئو نىجىسنى،  مۇمكىن بولمىغاندا ئازراق چەكسە قانداق بولار...مەنغۇ ئۇنچىۋالا كۆپ چىكىدىغانلاردىن ئەمەس بولمىسا، مەنمۇ تاشلاش قارارىغا كەلدىم، بۇ يازمىلارنى ئوقۇپ.....
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 09:52, Processed in 0.136326 second(s), 34 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش