پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 89|ئىنكاس: 3

تاماكىنىڭ تارىخى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
78
قىزغىنلىق
756 سەر
تىللا
80 دانە
تۆھپە
369 سەر
شۆھرەت
418 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-27 04:10:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاماكىنىڭ تارىخى
1492 – يىلى ئىسپانىيلىك دېڭىزچى كۇلۇمبو ئامېركا قۇرۇقلۇقىنى بايقىغاندا كۇبالىق يەرلىك ئاھالىكلەرنىڭ قۇرۇق تاماكا يۇپۇرمىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئىسنى شوراۋاتقانلىقىنى كېمىدىكى ئىككى ماتۇرۇس كۆرگەن، ئىككى ماتۇرۇسنىڭ بىرى ئىسنى شوراپ باققان، بۇ تاماكا چەككەن تۇنجى ياۋرۇپالىق ھېسابلىندۇ، ئىسپانىيگە قايتقاندىن كىيىن، ئۇ قۇرۇق تاماكا يۇپۇرمىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئىسنى شوراپ يۈرگەن، بۇنى كۆرگەن قوشنىلىرى قاتتىق ھەيران قالغان ھەمدە ئۇنىڭغا جىن چاپلىشۋاپتۇ دەپ قاراپ ئۇنى دىننى سوتنىڭ تۈرمىسىگە قامىتىۋەتكەن.
1496 – يىلى تاماكا ئۇرۇقى ئىسپانىيگە تارقىلىپ مەنزىرە ئۆسۈملۈكلىرى قاتارىدا تېرىلغان.
1518- يىلى ئىسپانىيەلىك ئىكىسپىدىتسىيچىلەر ئازىتاكلار ۋە مايالىقلارنىڭ قۇرۇق قۇمۇش نەيچىسى بىلەن تاماكا چېكىۋاتقانلقىنى كۆرگەن، ئېكىسپىدىتيىچىلەرمۇ ئۇلاردىن ئېلىپ چىكىپ باققان. بۇ تارىختىكى تۇنجى قېتىملىق تاماكا تىلەپ چىكىش ھىسابلىنىدۇ.
1530- يىلى ئىسپانىيەلىكلەر ھاياتىدا تاماكا تېرىغان.
1560- يىلى فىرانسىيەنىڭ پورتىگالىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى يان نىكوتىن تاماكىنى فىرانسىيەگە ئېلىپ كېلىپ كېسەل داۋالاشقا ئىشلەتكەن ھەم خانىشنىڭ كېسىلىنى داۋالاپ ساقايىتقان. نىكوتىننىڭ تۆھپىسىنى تەقدىرلەش ئۈچۈن، خېمىيە ئالىملىرى كۆك تاماكا تەركىبىدىكى زەھەرلىك ماددىغا « نىكوتىن » دەپ ئىسىم قويغان. شۇندىن كىيىن كۆك تاماكا فىرانسىيەدە تېرىلىشقا باشلىغان.
1575- يىلى كۆك تاماكا فىلىپىندىن جۇڭگۇغا كىرگەن.
1595- يىلى ئەنگىليەلىك دورىگەر ئالىملىرى يازغان « تاماكا ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى ۋە قىممىتى بار كۆز قاراش» دېگەن ئەسەردە تاماكنىڭ ئادەم بەدىنگە زىيىنى بارلىقى كۆرسىتىلگەن ھەم ناھايىتى زور تەسىر قوزغىغان.
1600- يىلى كۆك تاماكا لاۋاندا ( خۇش پۇراق ئۈسۈملۈك) بىلەن ئارلاشتۇرلۇپ لوندوندىكى ھەشەمەتلىك چىركاۋلارنىڭ ئەتىرى قاتارىدا ئىشلىتىلگەن.
1612- يىلى لوندوندىكى تاماكا سودىگەرلىرنىڭ ئوتتۇرا ئامىركىدىكى جامىستوندا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى يوھان رولفېي شىمالى ئامىركىدىكى ۋېرگىنىينىڭ جىمىس دىگەن بازىردا دۇنيادىكى تۇنجى تۈركۈم سودا قىلىندىغان تاماكا تېرىغان ھەمدە ئەنگىليەگە 10 توننا يۆتكىگەن. شۇ يىلى ئامىركىدا تاماكا سىناق تەرەقىسىدە تېرىلغان.
1616- يىلدىن 1627- يىلغىچە كۆك تاماكا بىر قانچە يولدىن مەملىكىتىمىزگە كىرىشكە باشلىغان، يەنى فىلىپىندىن تەيۋەن، فۇجىيەنگە، ۋېيتنامدىن گۇاڭدۇڭغا، ياپۇنيىدىن چاۋشىيەن ئارقىلىق لىياۋدۇڭ يېرىم ئارىلغا، روسيەدىن شىنجاڭغا كىرگەن.
1639- يىلى مىڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى پەرمان چۈشۈرۈپ تاماكىنى چەكىلگەن ھەمدە تاماكا چەككەنلەرنى ئۈلۈمگە بۇيرىغان.
1666- يىلى ئەنگىليەدە گېزىتقا تاماكا ئېلانى بېسىلغان.
1799- يىلى ناپالىئون تۈركىيەگە ھۇجۇم قىلغاندا، ئەنقەرە شەھرىنى قوغداۋاتقان بىر توپ تۈركىيە ئەسكەرلىرنىڭ چىلىمى توپ ئۇقىدا پارتىلاپ كەتكەنلىكتىن، ئۇلار مىلتىق دورىسىنى تۇتاشتۇردىغان قەغەزدە تاماكا ئوراپ چەككەن، بۇنىڭ بىلەن تاماكىنى قەغەز بىلەن ئوراپ چىكىش دۇنياغا كەلگەن.
1825- يىلى شىۋىتسارىيەلىك خېمىيە ئالىمى ئا. پىكتې تۇنجى بۇلۇپ كۆك تاماكا تەركىبىدىن تاماكا ئىشقارى نىكوتىننى ئاجىرتىۋالغان.
1881- يىلى كۈنىگە 120 تال تاماكا ئورىيالايدىغان ماشنا پاتنىت ھۇقۇقىغا ئىرىشكەن. ئۇنىڭدىن بۇرۇن تاماكا ئوراش پۈتۈنلەي قول بىلەن قىلناتتى. `1900- يىلغا كەلگەندە تاماكىنىڭ ماركىسى 160 تىن ئېشىپ كەتتى.
1902- يىلى تاماكا چېكىشكە قارشى تۇنجى تەشۋىقات كىتابى « تاماكا زىيىننى يۇقىتىش ھەركىتى » ئەنگىليەدە نەشىر قىلىندى.
1927- يىلى ئەنگىليەلىك دوختۇر تايلور كوت تېببى ژورنالدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە ئۆزى بىلىدىغان ئۆپكە راكغا گىرىپتار بولغان بارلىق بىمارلارنىڭ تاماكا چېكىدىغانلىقىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرغا قويدى.
1941- يىلى 2- دۇنيا ئۇرشى مەزگىلىدە ئامېركا زۇڭتۇڭى روزىۋېلىت تاماكىنىڭ ئاساسى زىرائەت قاتارىغا كىرگۈزىلدىغانلىقىنى، تاماكا تېرىغۇچىلارنىڭ ھەربى سەپكە قاتنىشىش مەجبۇريىتىنى كەينىگە سۈرۈشكە بۇلدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
1948- يىلى « ئامرىكا تىببى جەميىتى ژۇرنىلى » دا، « پىسخىلوگىيە نوقتىسىدىن قارىغاندا، تاماكا جىددىيلەشكەن روھى ھالەتنى پەسەيتىدۇ، تاماكا چىكىشكە قارشى تۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق » دىيىلدى.
1955- يىلى ئامېركا قوشما شىتات سودا كومتىتى تاماكا ئېلانلىردا سالامەتلىككە پايدىلىق دىگەن سۆزنى ئىشلىتىشنى چەكىلىدى.
1957- يىلى ئامېركا راك كېسەللىكلىرى ۋە يۈرەك كېسەللىكلىرى تەتقىقات ئورنى بىر تەتقىقات گورۇپىسى قۇردى. بۇ گورۇپپا مۇنداق تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى: تاماكا چېكىش بىلەن ئۆپكە راكى بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك ھەمدە سەۋەب- نەتىجە مۇناسىۋىتىگە ئىگە.
1966- يىلدىن باشلاپ تاماكا قېپىغا « دىققەت: تاماكا چېكىش سالامەتلىككە زىيانلىق» دېگەن خەت بېسىلدى.
1967- يىلى نيۇ يۇرۇكتا تۇنجى قېتىملىق « تاماكا ۋە سالامەتلىك » خەلقارا يىغىنى ئېچىلدى، شۇنىڭدىن كىيىن ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىپ، خەلقئارا ھەمكارلىق يۈكسەلدۈرلۈپ، تاماكا تاشلاش خىزمىتى كۈچەيتىلدى.
1980- يىلى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتنىڭ باش ئىش بىجۈرگۈچىسى دوكتۇر مالۇر1980- يىلى 4- ئاينىڭ 7- كۈنىنى تاماكا تاشلاش كۈنى قىلىپ بىكىتىش تەكلىپىنى بەردى ھەمدە پۈتۈن دۇنيا بۇيىچە « سىزگە تاماكا كېرەكمۇ ياكى سالامەتلىكمۇ، ئۆزىڭىز تاللاڭ » پائاليىتىنى قانات يايدۇردى.
1983- يىلى ئامىركا ھەر يىلى تاماكا چىكىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەر بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ 300 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى.
1987- يىلى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 4- ئاينىڭ 7- كۈنىنى دۇنياۋى تاماكا تاشلاش كۈنى قىلىپ بىككىتى ھەمدە بۇ كۈنى تاماكا چەكمەسلىكنى ۋە تاماكا سېىۋالماسلىقنى تەلەپ قىلدى.
1989- يىلى ئامېركا سەھىيە ئىدارىسى بىر قېتىملىق دوكىلاتىدا، تاماكا چېكىدىىغانلارنىڭ ئۆپكە راكى بىلەن ئۆلۈش ئېھتىماللىقى تاماكا چەكمەيدىغانلاردىن 15 ھەسسە يۇقۇرى دەپ كۆرسەتتى.

ئەتەڭنى ئويلا،ئۆگۈنۈڭنى ئويلىما.چۈنكى، ئەتەڭ يەنە بىر ئەتىگە ھامىلدار!

ئاتامان

بايقاش

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
8093 سەر
تىللا
6962 دانە
تۆھپە
4561 سەر
شۆھرەت
5249 سەر

ئاتامانمۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-27 13:38:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاماكىنىڭ بارلىققا كىشى ۋە تەرەققىيات جەرىيانى تەپسىلى ئوتتۇرىغاقۇيۇپسىز. بۇمۇ بىر بىلىپ قۇيۇشقا تىگىشلىك بىلىم ئىكەن. تاماكنىڭ ئۆزىمىز ۋە باشقىلارنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيالىق ئىكەنلىكىنى ئىسىمىزدىن چىقارماسلىقىمىز كېرەك. تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ كۈچلۈك ئىرادىگە كىلىپ بۇرۇنداق تاشلىشىنى تەۋىسىيە قىلىمەن.
مائارىپچىلارنىڭ ئىللىق ئائىلىسى

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
607 سەر
تىللا
70 دانە
تۆھپە
380 سەر
شۆھرەت
480 سەر

كومپىيۇتىر ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 18:45:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋوجو             ما  ئىشلانى    كورۇە  ئەمدى   

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1064 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-29 02:02:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تاماكىنىڭ زىينىنى تۇلۇق بىلگەچكە ، تاماكا چەكمەيمەن . چەككەنلەرگە تاشلاش جەھەتتە تەربىيە ئىشلەپ كىلىۋاتىمەن. ياخشى تىمىكەن .  رەخمەت سىزگە . پايدىلىنىش قىممىتى باركەن .
ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 09:23, Processed in 0.130538 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش