بالىڭىزغا ئىسىم تاللىۋىلىڭ
ئوغۇل ئىسىملىرى ئادەم : بۇغداي ئۆڭلۈك، ئادەم ئاتا، ئادەم ئىبرانىيچە قىزىل، ئىنسان، ئىنسانىيەت دېگەن بولىدۇ. ئىبراھىم : ئىبرانىيچە ئىسىم بولۇپ، مەنىسى ئاممىنىڭ ئاتىسى دېگەن بولىدۇ. ئەجۋەد : سېخى، ئېسىل، ئۇلۇغ. ئېھسان : ياخشىلىق قىلىش، ياخشىلىق، ياخشى ئىش قىلىش. ئەھمەد : مەدھىيىلەشكە تېگىشلىك، قەدىرلەشكە لايىق. ئىدرىس : بىر پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى. ئەدھەم : قارا، ئىشكەل. ئەدىب : يازغۇچى، ئوقۇتقۇچى، ئەدەپ- ئەخلاقلىق. ئىرشاد : يېتەكلىمەك، توغرا يولغا باشلىماق. ئۇسامە : يولۋاس. ئىسھاق : ئىبرانىيچە ئىسىم بولۇپ مەنىسى، كۈلىدۇ دېگەن بولىدۇ. ئەسەد : قەھرىمان. ئىسلام : بويسۇنماق، ئىتائەت قىلماق، باش ئەگمەك. ئىسمائىل : ئىبرانىيچە ئىسىم بولۇپ مەنىسى، اللەنىڭ سۆزىنى ئاڭلايدۇ دېگەن بولىدۇ. ئىقبال : كەلمەك، باشلىماق، يېقىنلاشماق، بەخت، راۋاج تاپماق. ئەكرەم : مەرد، سېخى. ئىلياس : بىر پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى. ئىمام : مۇسۇلمانلارنىڭ رەئىسى (خەلىپە)، نامازنى باشلاپ ئوقۇيدىغان كىشى، چوڭ يول. ئەمىر : شاھزادە، پادىشاھ، قوماندان، باشلىق، رەئىس. ئەمىن : ئىشەنچلىك، سادىق، ۋاپادار، بىخەتەر، تىنچ، راستچىل، سەمىمىي، دوست، ساقلىغۇچى. ئەنەس : مۇلايىم بولماق، ئىناق ئۆتمەك، ئۈنسى- ئۈلپەت ئالماق، بىر ساھابەنىڭ ئىسمى. ئەنۋەر : ناھايىتى نۇرلۇق، بەك چۈشىنىشلىك، چىرايلىق. ئەييۇب : ئىبرانىيچە ئىسىم بولۇپ مەنىسى، تەۋبە قىلغۇچى دېگەن بولىدۇ؛ بىر پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى باسىت : مۇلايم. باكىر : ئەتىگەن، دەسلەپكىسى، بالدۇر كەلگەن. بىلال : نەملىك، سۇ، پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇئەززىنىنىڭ ئىسمى. سابىت : مۇستەھكەم،مۇقىم، قەھرىمان. ھافىز : ساقلىغۇچى، قۇرئان كەرىمنى يادلىغان كىشى. ھامىد : ھەمد ئېيتقۇچى، اللەنىڭ نېمىتىگە شۈكۈر قىلغۇچى. ھەسەن : چىرايلىق ۋە ئەخلاقلىق. ھۇسەين : ھەسەننىڭ كىچىكلىتىلگەن شەكلى. ھەمزە : يولۋاس. ھەيدەر : يولۋاس. خالىد : باقىي، مەڭگۈ. خەلىل : دوست، نەسىھەت قىلغۇچى، سادىق، سەمىمىي، ئورۇق(ئاۋاق)، پېقىر. داۋۇد : ئىبرانىيچە ئىسىم بولۇپ مەنىسى قەدىردان (سۆيۈملۈك) دېگەن بولىدۇ. زاكىر : اللەغا زىكىر- تەسبىيھ ئېيتقۇچى، ئېسىدە تۇتقۇچى، زېرەك. زۇلفىقار : ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىلىچىنىڭ نامى. رەجەب : ھىجرىيىنىڭ 7- ئېيى. رۇستەم : پارىسچە جەسۇر، باتۇر، قەھرىمان دېگەن بولىدۇ. رەشاد : توغرا، توغرا بولماق، ھىدايەت تاپماق، بىر خىل ئۆسۈملۈك. زاھىر : نۇرلۇق، يۈزى يورۇق، رەڭگى چىرايلىق. سالىم : قۇتۇلغۇچى، بېجىرىم. سەئىد : تەلەيلىك، خۇشال. سەلام : تەبرىك، تىنچلىق، ئامانلىق. سۇلتان : پادىشاھ، قابىلىيەت، ھۆكۈمرانلىق قىلماق، ھۆججەت. سۇلەيمان : قۇتۇلغۇچى، ساغلام. سەييىد : باشلىق، داھىي، خوجايىن. سىراج : پانۇس، كۈن، چىراغ. شاكىر : شۈكۈر قىلغۇچى، تەشەككۈر بىلدۈرگۈچى، رەھمەت ئېيتقۇچى. شەرەف : ئالىيجاناب بولماق، ئېسىل بولماق، شان- شەرەپ، پەخىر، ئىگىز جاي. شەرىف : ئېسىل، ئالىيجاناب، مۇنەۋۋەر، ئاقسۆڭەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادى. شەئبان : ھىجرىيىنىڭ 8- ئېيى. شەۋكەت : كۈچ- قۇۋۋەت، شەۋكەت، جۈرئەت. سابىر : چىداملىق، ئىرادىلىك. سادىر : سۇدىن قايتقۇچى، نەتىجە. سادىق : ئىخلاسمەن، راستچىل. سالىھ : ياخشى، مۇۋاپىق، ئۇبدان، لايىق، تۈز. تارىق : كېچىسى كەلگەن مېھمان، چولپان يۇلتۇزى. تالىب : ئىزدەنگۈچى، تەلەپ قىلغۇچى، ئوقۇغۇچى. تاھا : پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى. تاھىر : پاك، پاكىز. تازا (كىر ئەمەس). تەلئەت : مەنزىرە، سىرتقى كۆرۈنۈش، سىرتقى قىياپەت. ئابىد : ئىبادەت قىلغۇچى، چوقۇنغۇچى، داۋاملىق ئىبادەت قىلغۇچى. ئادىل : ئادىل، ھەققانىي، توغرا، ئىنساپلىق. ئارىف : ئالىم، تونۇغۇچى، چىداملىق، مەرىپەتلىك، تونۇپ يەتكۈچى. ئاسىم : ساقلىغۇچى، قوغدىغۇچى، توسقۇچى. ئاكىف : ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلگۈچى، باش چۆكۈرۈپ ئىشلىگۈچى، بىر يەردە تۇرغۇچى. ئابباس : قوشۇمىسىنى كۆپ تۈرگۈچى، چىرايىنى بەك پۈرۈشتۈرگۈچى، قەھرىمان. ئوسمان : ياۋا غاز، ئەجدىھا. ئەرەفات : زۇلھەججە (ھىجرىيىنىڭ 12- ئېيى) نىڭ 9- كۈنى ھاجىلارنىڭ تۇرۇشى پەرز بولغان جاينىڭ ئىسمى. ئىرفان : ياخشىلىق، ئىلىم، بىلىم، مەرىپەت، ئەززام : ئىرادىلىك، قەھرىمان. ئىززەت : غۇرۇر، كۈچ- قۇۋۋەت، غەلىبە، شان- شەرەپ. ئىسمەت : گۇناھسىزلىق، مۇكەممەل بولۇش، قانائەتلىنىش، خاتالىقتىن يىراق تۇرۇش. ئەلىي : ئۈستۈن، ئالىي، يۇقىرى، ئۇلۇغ. ئاممار : كۆپ ئىمارەت سالغۇچى، ئىمانى كۈچلۈك، ئېغىر- بېسىق، سالماق، ھاياتى بويىچە ئىش باشقۇرغۇچى غازىي غازات قىلغۇچى، جەڭ قىلغۇچى. غالىب : غەلىبە قىلغۇچى، كۈچلۈك، زەپەرگە ئېرىشكۈچى. فاتىھ : پەتىھ قىلغۇچى، ئاچقۇچى، باشلىغۇچى، جەڭدە غەلىبە قىلغۇچى، كۈچلۈك. فارۇق : ھەق ناھەقنى ئايرىغۇچى، ئىككىنچى خەلىپە ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ لەقىمى. فەرھات : خۇشال، شادلانغۇچى، سۆيۈنگۈچى. فەيسەل : ئۆتكۈر قىلىچ، توغرا ھۆكۈم چىقارغۇچى، قازى، گۇۋاھچى. قاسىم : تەقسىم قىلغۇچى. كەرەم : سېخىلىق، مەردلىك، مەرەھمەت، خەير- ئېھسان. كەرىم : سېخى، مەرد، شەپقەتلىك، مېھماندوست، ھۆرمەتلىك، ئېسىل، پەزىلەتلىك. كەمال : مۇكەممەل بولماق، تولۇق بولماق، كۆڭۈلدىكىدەك بولماق، كامالەت. مۇھەممەد : مەدھىيىلەشكە ئەرزىيدىغان، نۇرغۇنلىغان يۈكسەك خىسلەتلەرگە ئىگە زات. مەھمۇد : مەدھىيىلەنگۈچى. مۇختار : تاللانغان. مۇراد : مەقسەت، مۇددىئا، ئارزۇ. مەسئۇد : بەختلىك، بەرىكەتلىك، تەلەيلىك، خۇشال. مەئسۇم : خاتالىق ۋە رەزىللىكتىن يىراق، ساقلانغۇچى. مەنسۇر : غالىب، يەڭگۈچى، غەلىبە قىلغۇچى. مۇئمىن : ئىمانلىق، ئىشەنگۈچى، اللەغا ئېتىقاد قىلغۇچى. ناسىر : ياردەم بەرگۈچى. نايىف : ئىگىز. نەزىر : ئوخشىغۇچى. نىئمەت : نازۇنېمەت، مەرھەمەت، ئىلتىپات. نىيازىي : پارىسچە ئىسىم بولۇپ مەنىسى مەشۇق، مەھبۇب دېگەن بولىدۇ. ھاشىم : شورپىغا نان چىلىغۇچى، بۇزغۇنچى، تارمار قىلغۇچى. ياسىر : ئاسان، يۇمشاق، مۇلايىم، قاسساپ. ياسىين : پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمىلىرىدىن بىرى. يەقۇب : بىر پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى. يۇسۇف : بىر پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى. يۇنۇس : بىر پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى. يەھيا : بىر پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى. جامال : گۈزەللىك. قىز ئىسىملىرى ئەبرار : ساداقەتمەن، كۆيۈمچان، ئەمان : ئامانلىق، تىنچلىق، بىخەتەرلىك، خاتىرجەملىك، ئاراملىق، قوغدىماق، ئەھدە، كاپالەت، قەرز. ئامىنە : خاتىرجەم، كۆڭلى توق، ساغلام. ئەمىينە : ئىشەنچلىك، سادىق، ۋاپادار، بىخەتەر. ئەنۋار : نۇرلار، يورۇقلۇقلار. ئەنىيسە : كۆيۈمچان، خۇشخۇي، ئۈلپەت. ئىمان : ئېتىقاد، تەسدىق، ئىشەنچ. بۇشرا : خۇش خەۋەر، گۈزەللىك، چىرايلىقلىق، ھۆسن- جامال. بىلقىيس : سەبەئ دېيىلىدىغان بىر قەدىمى مەملىكەتنىڭ ئايال پادىشاھى بولۇپ سۇلەيمان ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا ياشىغان، سۇلەيمان ئەلەيھىسسالامغا تەسلىم بولغان ۋە ئىمان ئېيتقان. گۈلنار : ئانار گۈلى. جەمىيلە : چىرايلىق، ئۇز، گۈزەل، كېلىشكەن. ھەبىيبە : سۆيۈملۈك. ھەفىيزە : مۇھاپىزەت قىلىنغۇچى، ساقلانغۇچى. ھەلىيمە : ئېغىر- بېسىق ۋە ئەقىللىك ئايال. ھەمىيدە : شۈكۈر ئېيتقۇچى ئايال، ماختاشقا ئەرزىيدىغان ئايال. ھەنىيفە : ياخشىلىق تەرەپكە بۇرالغۇچى ئايال، مۇسۇلمان ئايال، توغرىنى چىڭ تۇتقۇچى ئايال. ھەۋۋا : ھەۋۋا ئانا، ئىنسانلارنىڭ ئانىسى، يېشىلغا مايىل قارا ياكى قارىغا مايىل قىزىل. ھۇرىيە : پەرى، ھۆر، رەڭگى ئاقپىشماق پەۋقۇلئاددە كېلىشكەن ئايال. خالىدە : مەڭگۈ، دائىم. خالىسە : ساپ، پاكىز، خالىس، بەك ئاق. خەدىيجە : ۋاقتىدىن بۇرۇن تۇغۇلغان قىز بالا. زاكىرە : ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى، خاتىرە، ئاڭ. زاكىيە : پۇرىقى ئەتراپقا يېيىلىپ تۇرغۇچى. زەكىيە : ھۇشيار ئايال، چېچەن ئايال، زېرەك ئايال. رەشىيدە : ھىدايەت تاپقۇچى ئايال، ئاڭلىق ئايال، ئەقىللىق ئايال. رەنا : بەك گۈزەل بولغانلىقتىن كۆرگەن كىشى مېھرىنى ئۈزەلمەي ئۇزۇنغىچە قاراپ قالىدىغان نەرسە. زاكىيە : ياخشى ئۆسكۈچى. زاھىدە : ئاخرەتنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن دۇنياغا بېرىلمىگەن ئايال. زاھىرە : گۈزەل ئايال، چىرايلىق ئايال، يۈزى يورۇق ئايال. زۆھرە : چولپان يۇلتۇزى، ۋېنېرا، ئاپئاق، سۈزۈك رەڭ. زەكىيە : پاك، گۇناھسىز، پەزىلەتلىك، ساپ، ئۆسكۈچى. زەھرا : رەڭگى سۈزۈك ۋە نۇرلۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى فاتىمەنىڭ لەقىمى. زەينەب : كۆرۈنۈشى چىرايلىق خۇش پۇراق بىر دەرەخ، رىۋايەتلەردە كاككۇكنىڭ مەشۇقى سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىدىغان ئەپسانىۋى قۇشنىڭ نامى. زىينەت : گۈزەللىك ۋە ھۆسن بېرىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بۇيۇم، بېزەك، ھۆسن. ساجىدە : سەجدە قىلغۇچى ئايال، باش ئەگگۈچى ئايال. سارا : ئەڭ ياخشى ، تاللانغان، سەرخىل. سالىمە : قۇتۇلغۇچى ئايال، بېجىرىم ئايال، ساغلام ئايال، ساق- سالامەت ئايال. سەداد : توغرىلىق، راستچىللىق. سەئدە : بەختلىق، بەرىكەتلىك. سەئىدە : بەختىيار ئايال، تەلەيلىك ئايال، سائادەتمەن ئايال. سالامەت : بېجىرىم، ئەيىبسىز، ساق. سالام : سالام بەرمەك، سالام، تىنچ- ئامانلىق سورىماق، سەلما : ھېچ ئەيىبى يوق ئايال. سەلىيمە : قۇتۇلغۇچى ئايال، ئەيىبسىز ئايال. سەمرا : بۇغداي ئۆڭلۈك ئايال. سەمىيھە : مەرد ئايال، سېخى ئايال، قولى كەڭ ئايال. سەمىيرە : كېچىدە مۇڭداشقۇچى ئايال، كېچىدە سۆھبەتلەسكۈچى ئايال. سۇمەييە : ئىسلامنىڭ تۇنجى شەھىدى بولغان ساھابە ئايال(اللە تەئالا ئۇ ئايالدىن رازى بولسۇن). سەييىدە : خانىم، خېنىم، خانزادە. سىيما : ئالامەت، بەلگە، نىشان، ئەن، تامغا، تەقى- تۇرقى، سىرتقى كۆرۈنۈشى. شادىيە : ناخشىچى ئايال. شەرىيفە : شەرەپلىك ئايال، ئېسىل ئايال، ئالىيجاناب ئايال. شەفىيقە : شەپقەتلىك ئايال. شەمس : قۇياش، كۈن، بەك گۈزەل دېگەن مەنىدە مەجازەن ئىشلىتىلىدۇ. شەھىدە : اللە يولىدا شەھىد بولغان ئايال. شېرىن : تاتلىق، لەززەتلىك، بەك چىرايلىك بەك گۈزەل دېگەن مەنىلەردە مەجازەن ئىشلىتىلىدۇ. سادىقە : راستچىل ئايال، ئىخلاسمەن ئايال. سالىھە : ياخشى ئايال، توغرا يول ئۈستىدىكى ئايال. سەبىيھە : گۈزەل ئايال، كېلىشكەن ئايال. سەدىيقە : راستچىل ئايال سەمىمىي ئايال. سەفىيە : ساپ،، پاك، سۈزۈك، روشەن، تاللانغان، سىرداش دوست، ھەقىقىي دوست. تالىبە : ئېزدەنگۈچى ئايال، ئوقۇچى ئايال، تەلەپ قىلغۇچى ئايال. تاھىرە : پاك ئايال، پاكىز ئايال. تەييىبە : ھالال، پاكىز، ئۇبدان، بەلەن. زەرىيفە : ھۇشيار ئايال، زېرەك ئايال، چېچەن ئايال. ئائىشە : پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلامنىڭ ئايالى ۋە مۆمىنلەرنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى، كەيپىياتى ياخشى ئايال. ئاتىكە : قىپقىزىل ۋە ئېسىل. ئارىفە : ئىلىم- مەرىپەتلىك ئايال. ئالىيە : ئىگىز، يۈكسەك، يۇقىرى، ئالىيجاناب. ئىبادەت : تائەت، ناماز، قۇلچىلىق قىلماق، ئىبادەت قىلماق، دىنى ئەھكاملارنى ئورۇنلىماق. ئەزىيزە : سۆيۈملۈك، ھۆرمەتلىك، قەدىرلىك، ئېسىل. كۈچلۈك. ئەتىيە : سوۋغا- سالام، ھەدىيە. ئەفىيفە : ئىپپەتلىك، پاك. ئەلىيە : شەرەپلىك، ئىگىز، يۇقىرى، يۈكسەك. ئىنايەت : كۆڭۈل بۆلمەك، غەمخورلۇق قىلماق، ساقلىماق، باشقۇرماق. فائىزە : غەلىبە قىلغۇچى ئايال، مۇرادىغا يەتكۈچى ئايال. فائىقە : ھۆسن- جامالى بەك كېلىشكەن. فاتىمە : بالىسىنى (سۈتىدىن) ئايرىغان ئايال. فىردەۋس : باغ، بوستان، گۈلباغ، جەننەت. فەرىيدە : يالغۇز، مىسلىسىز، قىممەتلىك گۆھەر. قەمەر : ئاي. كۇلسۇم : ئىككى مەڭزى ۋە يۈزى گۆشلۈك ئايال. كەۋسەر : تاتلىق سۇ، جەننەتتە بىر ئۆستەڭ. لامىئە : نۇر چاچقۇچى، داڭلىق. لەتىيفە : مۇلايىم، مەرھەمەتلىك، مەدەنىيەتلىك. لەيلا : بەك قاراڭغۇ ۋە ئۇزۇن كېچە، مەستلىك، مەستلىكنىڭ باشلىنىشى، ھاراقنىڭ كەيپى. مارىيە : ئاقپىشماق ئايال. مەريەم : سۇرىيانىيچىدە ئىگىز دېگەن بولىدۇ، ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى. مەلىيكە : مۈلۈكدار ئايال. مۇنىيرە : نۇرلۇق، يۈزى يۇرۇق، گۈزەل، نۇر چېچىپ تۇرغۇچى. نائىلە : ئېرىشكۈچى، سوۋغا- سالام. ناجىيە : قۇتۇلغۇچى ئايال، تېز ماڭىدىغان تۆگە. نادىرە : ھىكلەتلىك سۆز، لەتىپە، ئۆز زامانىدا تەڭدىشى يوق ئايال. نادىيە : جەمئىيەت، يىغىن، كۇلۇب. نارىمان : پارىسچە ئانارغا ئوخشاش دېگەن بولىدۇ. نەجات : قۇتۇلماق، خالاس تاپماق. نەجىيبە : تېگى- تەكتى ئېسىل، پەزىلەتلىك، زېرەك، نەپىس، ئەقىللىق. نەجىيە : سىر، سىرداش دوست. نەرگىس : تەڭگىچە ئاق ياكى سېرىق گۈلى بولغان بىر خىل ئۆسۈملىك بولۇپ گۈلىگە كۆزلەر ئوخشىتىلىدۇ. نەزىيھە : ئىپپەتلىك، رەزىللىكلەردىن يىراق. نەسرىن : ئەتىردەك پۇرايدىغان بىر خىل ئاق گۈل. نەسىيمە : مەيىن شامال، ئىللىق ھاۋا. نۇسرەت : غەلىبە، زەپەر، قۇتۇلۇش. نەزىيرە : ئوخشىغۇچى. نەئىيمە : تۇرمۇشى ياخشى ۋە كۆڭلى خاتىرجەم. نۇر جاھان : جاھاننىڭ نۇرى. ھاجەر : ئىبراھىم ئەلەھىسسالامنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى. ھادىيە : يېتەكچى ئايال، توغرا يولغا باشلايدىغان ئايال. ياسەمىن : خۇش پۇراقلىق بىر خىل ئۆسۈملۈك. مەنبە-ماتىرىيالدىن |