پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 54|ئىنكاس: 2

ھېكمەتلەر[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
761 سەر
تىللا
346 دانە
تۆھپە
479 سەر
شۆھرەت
660 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 20:56:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



   ※ سەن توغرۇلۇق قانداق پىكىرلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىدىن قەتئىينەزەر، ئۆزۈڭ توغرا دەپ قارىغان ئىشىڭنى قىل، تەنبىھكىمۇ، ماختاشقىمۇ بىردەك پەرۋا قىلما.
— پىفاگور

   ※ مۇستەقىل ئىش قىلىشنى بىلگەن ئادەم بەختلىكتۇر.
— ف. گاگېدانى
   ※ باشقىلار نېمە دېسە دەۋەرسۇن، ئۆز يولۇڭدىن قايتما.
— ئا. دانتى
   ※ ياخشى نام قالدۇرۇشتىن ياخشى ئىش يوق.
— لا. ۋاۋېنارگ
   ※ ئادەمنىڭ پۇلسىز، ئۆي – ماكانسىز، يەر – مۈلۈكسىز قالغىنى ئېچىنىشلىق ئەمەس، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا تېگىشلىك ئەمەس. ئىنساننىڭ ھەقىقىي مۈلكى بولغان ئىنسانلىق قەدىر – قىممىتىنى يوقىتىش ئەڭ ئېچىنىشلىقتۇر.
— ئېپىكتېت
   ※ ھەقىقىي پەزىلەت دەرياغا ئوخشايدۇ، ئۇ قانچىلىك چوڭقۇر بولسا شۇنچىلىك جىمجىت ئاقىدۇ.
— م. مانتېن
   ※ ئىنساننىڭ پەزىلىتى پەۋقۇلئاددە ئەھۋالدىكى جاسارىتى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ كۈندىلىك ئىشلىرى بىلەن ئۆلچىنىدۇ.
— ف. لاروشفۇكو
   ※ ئۆز مۇستەقىللىقىنى يوقاتماسلىققا ھەرىكەت قىلىش — مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ بىردىنبىر ۋاستىسى.

— ستېندال
   ※ شەخسىيەتچىلىك — ئۆز – ئۆزىنى ۋەيران قىلىشتۇر، شەخسىيەتچى ئادەم غادايغان مېۋىسىز دەرەختەك قۇرۇپ كېتىدۇ. بىراق ئىززەت – ھۆرمەت ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىش ئارقىلىق ئالغا ئىنتىلىشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچ مەنبەسىگە ئايلىنىدۇ.
— س. جونسون
مۇھەممەد كامال تەييارلىغان




تەپەككۇر دۇردانىلىرى



ئۆزىمىز كېرەكسز دەپ قارىغان نەرسىنى يوقىتىپ قويۇپ، ئۇنىڭ قەدىرى ئۆتۈلگەندە، نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز.
ياخشى كۆرۈش بىلەن مۇھەببەتنىڭ مۇساپىسى مەڭگۈ ئوخشاش بولمايدۇ.
تورمۇشتا ئوقۇش، كەسىپ، نىكاھ، ئائىلىدىن ئىبارەت تۆت سوئال بار، ۋاقىت ۋە زېھىنلا ئونىڭغا جاۋاب بېرەلەيدۇ.
مۇھەببەت ھاياتلىقنىڭ بۈيۈك مەشئىلى، ئۇنىڭسىز ھەممە نەرسە قاراڭغۇلۇققا ئايلىنىدۇ.
مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەي دەيدىكەنسىز، ئىرادىنى يېقىن دوست، تەجرىبىنى مەسلىھەتچى، ئېھتىياتچانلىقنى قېرىنداش، ئۈمىدنى قاراۋۇل قىلىڭ.
بېلىق سۇغا: ‹‹مەن سەندە ياشايمەن، ئەمما سەن مېنىڭ كوز يېشىمنى كۆرەلمەيسەن›› دەيدۇ.
ھەرقانداق ئىشنى كۆپ تەرەپتىن كۆزىتىش كېرەك.
غايىنى ئىشەنچىسى بارلار ئالدىن بەلگىلەيدۇ.
مۇھەببەت بارچە ئاق كۆڭۈللۈكنى سۆيۈشتۇر.
قىلغۇسى كەلگەن ئىشقا ۋاقىت ۋە پۇرسەت چىقىدۇ، قىلغۇسى كەلمىگەن ئىشقا باھانە چىقىدۇ.
لۇغەتتە ئىرادە، خىزمەت ۋە سەۋرچانلىقتىن ئىبارەت ئۈچ مۇھىم سۆز بار، مەن مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىش ئېھرامىمنى مۇشۇ ئۈچ تاش ئۈستىگە قۇرىمەن.
مۇھەببەت مەڭگۈ سىزگە ھەمراھ بولىدىغان ئەڭ گۇزەل چۈش.
بىزدە پۇرسەت ئاز ئەمەس، بەلكى پۇرسەتنى تۇتۇشقا بولغان ئىشەنچ ئاز.
بەخت پەقەت سىز بىلەن بىللە.
كىشىلىك تۇرمۇش قانۇنىيىتىگە بويسۇنغاندا، كىشىلىك ھايات گۈزەل بولىدۇ.

مۇيەسسەر روزى تەرجىمىسى
‹‹شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى››دىن ئېلىندى
قولۇڭدىن كېلىشىچە باشقىلارغا ياخشىلىق قىل .

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1064 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 22:07:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياىشى ھېكمەتلىك سۆزلەركەنغۇ بۇ  . رەخمەت سىزگە كەۋسەر ئەپەندىم بولسا ئۈزىڭىزنىڭ نادىر ئىجادىي تىمىللىرىڭىزنى مۇنبەر ئەھلىدىن ئايرىماسلقىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن . ئەتە چۇقۇم ئىجادىي تىمىڭىزنى كۈتىمىز ھە .
ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1522 سەر
تىللا
10208 دانە
تۆھپە
1061 سەر
شۆھرەت
1065 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-27 14:17:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى ھىكمەتلەر ئىكەن. ساقلىۋېلىپ كۈندە بىر قېتىم ئۇقۇپ ئويلىنىشقا ئەرزىيدىكەن رەھمەت سىزگە
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 09:00, Processed in 0.154123 second(s), 39 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش