مۇنبەردىكىلەرنىڭ ئارخىبى دەلىللەندى (چاخچاق ) [/ بايقاش مائارىپ تورى قارا نىيەت ،مەككار ،تور قۇرۇتلىرىنىڭ غۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كىيىن بايقاش مىنىستېرلىكى تېزدىن ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ،مۇنبەردىكىلەرنىڭ ئارخىبىنى دەللىللەش ئىلىپ بىرىشنى بايقاش ساقچىخانىسىغا تاپشۇرغان ئىدى .ساقچىخانىمىز ئۇچۇر ئىگىلەش ،ئىز قوغلاپ تەكشۇرۇش ئارقىلىق بىر قىسىم ئەزالارنىڭ ئارخىبىنى دەللىللەپ بولدۇق. ئۇلارنىڭ ئارخىبى تۈۋەندىكىچە: 1.باشقۇرغۇچى ئابلىمىت دۆلەتنىڭ ئىشىكنى ئىچىۋىتىش سىياسىتىنىڭ تۇرتكىسى ،بۇلۇپمۇ بايقاش سودا كوپراتىۋىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش چاقىرىغى بىلەن قاتتىق بىيىغان ،تەرەققىپەرۋەر زىيالى ئابلىمىت ئەپەندى ،دۇنيا سودا تەشكىلاتى يىغىنىغا قاتنىشۋاتقان مەزگىللەردە ھىساۋات كارتىسىنى يۈتتۇرۇپ قويغان ،مۇنبەر غول مۇندەرىيجىسى پارولىنى ئۇنتۇپ قىلىپ ،مۇنبەرگە كىرەلمىگەنلىكى دەلىللەندى. شۇڭا كەڭ مۇنبەرداشلارنىڭ خەۋەردار بۇلۇپ قىلىشىنى سورايمىز . 2.مۇنبەر باشلىقى گۇلراز خانىم يىقىندىلا مەنسەپ ،مەرتىۋىگە تەيىنلەنگەن گۇلزار باشلىق ،ئاپتىنوم رايونلۇق بالىلار فوندى جەمىيىتى، يەسلى باشلىقلىرىنى تەربىيەش تۇلۇق كۇرس مۇدىرلىرىنى نىشانلىق تەربىيلەش كۇرسىغا قاتنىشىش جەريانىدا مۇنبەرگە كىرەلمىگەننىڭ ئۇستىگە يان تىلفۇندا تورغا چىققانلىقتىن تېلىفۇنى مۇسادىرە قىلىنىپ،قاتتىق تۈزۈم ئاستىدا تەربىيلەنگەن .مۇنبەر نى ئۆز ئائىيلىسىدەك كۆرىدىغان مۇنبەر باشلىقىغا نىسبەتەن بۇ ئەڭ ئىغىر زەربە ...شۇنداق بولسىمۇ ۋاقىت ئىچىدىن –ۋاقىت چىقىرىپ ئازراقلا دەم ئىلىش ۋاقتى بولسىلا مۇنبەرگە كىرىپ مۇنبەر باياناتلىرىنى ئېلان قىلىپ كىلىۋاتىدۇ....پات ئارىدا يەنە ئىسىل تېمىلىرى سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ... 3.قابىل پايلاقچى،سىر يېشىش مۇتەخەسىسى007 ئەپەندىم ھازىر يەنە يىڭى مەخپىيەتلىكلەرنى يېشىش ئۈچۈن ئەنگىلىيەگە كەتكەن .راسخوت يېتىشمىسىمۇ ئۆز يىنىدىن پۇل چىقىرىپ ،دىلو تەكشۇرۇپ ،سېرلارنى ،مەخپىيەتلىكلەرنى يېشىۋاتىدۇ.پات ئارىدا يەنە يىڭى مەخپىيەتلىكلەرنى ئاشكارلاپ ،بايقاشقا غۇجۇم قىلغان قارا نىيەتلەرنىڭ ئۇۋىسىنى تارمار قىلماقچى ... 4. بايقاشقا قاراقۇلىنى سۇنغان مەلئونلار كۇچىدا قالغان چاشقان ئۇر-ئۇرغا قاپتۇ دىگەندەك ...ئىشلىرى ئاشكارلانغاندىن كىيىن كىرىدىغان تۈشۈك تاپالماي،غال-غال تېترەپ ،نىمە قىلىشىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ يۇرىۋىتىپتۇ.كىمىكى يامانغا يان تاياق ،ئوغرىغا ھەمرا بولسا قانون رەھىمسىز ،ھۆكۈم دەخىلسىزدۇر !ئۇنداقلارنى مۇنبەر تۇرمىسى كۈتۈپ تۇرۇدۇ ،پات ئارىدا جازاغا تارتىلىدۇ.... (قالغان دەلىللەشلەرنى كىيىنچە يوللايمىز ،بايقاشتىكىلەرنى ئالدىن خەۋەردار قىلايلى دىدۇق) بايقاش مۇنبىرى ساقچىخانىسى 2012-8- بۇ يازمىنى ئاخىرىدا asrar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-26 22:50
|