قۇلىقىم
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت
بۈگۈن يەنە تۈگۈمەس گەپ بولارمۇ قۇلىقىم؟ ئېتىۋالسام سېنى مەن ئەپ بولارمۇ قۇلىقىم؟
ئىشخانىنى تار قىلىپ، ئۆسەكلەردىن دار قىلىپ، غەيۋەتخورلار تىزىلىپ سەپ بولارمۇ قۇلىقىم؟
گەپنى باشلاپ ئوسمىدىن، بالىسىغا پوسمىدىن، تاقەت قىلسام بىر كۈنى دەپ بولارمۇ قۇلىقىم؟
گېپى چىقسا يەسلىنىڭ، بالىسىنىڭ-نەسلىنىڭ، ئويۇنچۇقنىڭ گېپىگە كەپ بولارمۇ قۇلىقىم؟
گەپ يوق چەمبەر، سېكتوردىن، تەڭلىمىدىن، ۋېكتوردىن، بۇنى دېسەم گەپ تەتۈر-چەپ بولارمۇ قۇلىقىم؟
داۋراڭ سالسا يوتقاندىن، ئۇخلىغاندىن-قوپقاندىن، تومۇرۇڭدا شەھۋەتتىن تەپ بولارمۇ قۇلىقىم؟
كۆرمەي بىرەر ھېسابنى، چۆرۈپ قويساق كىتابنى، مۇئەللىمگە شۇ گەپتىن نەپ بولارمۇ قۇلىقىم؟
ئىشخانىدىن يۈتەلمەي، دەرسنى تاشلاپ كېتەلمەي، سېنى شۇلار غاجىلاپ يەپ بولارمۇ قۇلىقىم؟
توختىمىسا ۋاتىلداپ، قانجىق ئىتتەك كاپىلداپ، «چاغ، چاغ!.. » دېسەم، ئالىيىپ «خەپ»بولارمۇ قۇلىقىم؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alahidin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-26 21:46
|