پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 92|ئىنكاس: 2

ساختا ئېلان[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
65
قىزغىنلىق
1134 سەر
تىللا
380 دانە
تۆھپە
493 سەر
شۆھرەت
593 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 18:53:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ساختا ئېلان

ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت

پۈتۈپ كەتتى ئاقىۋەت قۇلاق ساختا ئېلاندىن،
كۆزىمىزنى باستى ھەم چاپاق ساختا ئېلاندىن،
بېشىمىزمۇ بوپ كەتتى قاپاق ساختا ئېلاندىن،
ياشاپ كەلدۇق ئالدىنىپ ئۇزاق ساختا ئېلاندىن،
قويۇلماسمۇ بۇنىڭغا سوراق،  ساختا ئېلاندىن...

راسا كۆككە ئۇچۇرۇپ ئۆتمەس ماتا-مېلىنى،
«باھاسىنى چۈشۈردۇق»دېسە بىلمەي ھىلىنى،
كۆرۈپ تۇرۇپ ياغلىسا جارچىلارنىڭ گېلىنى،
چۈشەنمىسەك ئالدامچى-رەڭۋازلارنىڭ تىلىنى،
تۇرمۇشىمىز تاپارمۇ روناق، ساختا ئېلاندىن؟

چاپلاپ ساختا ماركىنى، ئالتۇن دەيدۇ داشقالنى،
ساپ ئالتۇندا تارتۇقلاپ جارچى بىلەن ئامبالنى،
ئاڭلاپ تۇرۇپ تەپ تارتماي يۇشۇرىدۇ بۇ ھالنى،
رەم سېلىشقا چىللايدۇ بەختىمىزگە رەمبالنى،
بەرگەچ ھەتتا ئالتۇنغا بوياق، ساختا ئېلاندىن.

«ئېلىۋىلىڭ، مېلىمىز بازار تاپتى، ئاز» دەيدۇ،
چوكا مۇزنى يىسىڭىز قارا قىشتا ساز دەيدۇ،
بايرام كەلدى، ھېيىت كەلدى، باھار دەيدۇ، يازدەيدۇ،
نېمە دېسە گەپ بىرلاگەپ: ئۆز گۆرۈڭنى قاز دەيدۇ،
ياساپ گويا ئاسمانغا پەشتاق، ساختا ئېلاندىن.

تېلېۋىزورلار سۆزلەيدۇ ئون قانالدا ئون خىل گەپ،
بىرى دەيدۇ زىيانلىق، بىرى دەيدۇ پايدا-نەپ،
توۋا، ئەجەپ چىقاركەن بىر ئېغىزدىن شۇنداق گەپ،
قايناپ بەزى ئوغىمىز ئىچىمىزدە دەيمىز «خەپ!»،
بىزار بولۇپ قاقشايمىز ھەرۋاق، ساختا ئېلاندىن.

رادىيومۇ، گېزىتمۇ پۇلدار ئۈچۈن سۆزلەيدۇ،
قايرىپ قويۇپ قانۇننى پەقەت پۇلنى كۆزلەيدۇ،
پۇلنىڭ كۈچى چەكسىزدۇر، تاغ-دەريانى تۈزلەيدۇ،
دىنسىزلارمۇ «خۇدا» دەپ پۇلدىن ئۈمىد ئۈزمەيدۇ،
لەپىلدەيدۇ قوللاردا بايراق، ساختا ئېلاندىن.

«سىزلەر ئۈچۈن كىرگۈزدۇق تېخنىكا ۋە ھۈنەر»دەپ،
«بىمارلارغا شىپادۇر بىزنىڭ ئوغا-زەھەر»دەپ،
جىنسىيەتتىن سۆزلەيدۇ ھەركۈندە خوشخەۋەر دەپ،
(ئەركەكلەرگە ياسىدۇق زامانىۋىي زەكەر) دەپ...
بولدۇق ئاتا-بالىمۇ يىراق، ساختا ئېلاندىن.

كۆرۈپ ساختا ئېلاننى ھەيران بولدى بەزىلەر،
ئىشەنگەچكە ئۇنىڭغا ۋەيران بولدى بەزىلەر،
شاھتەك ياشاپ ئاخىرى چوپان بولدى بەزىلەر،
يۇرت-ماكاندىن ئايرىلىپ سەرسان بولدى بەزىلەر،
شىرىن خىيال-چۈش كۆرۈپ ئويغاق، ساختا ئېلاندىن
.
ئۇچۇر ئىدى ئەسلى ئۇ بىزلەر ئۈچۈن راست بولسا،
ئېھتىياجنى قاندۇرسا، تۇرمۇشقىمۇ ماس بولسا،
كۆرەر ئىدى، ئاڭلايتى، ئۇنى ئەما، گاس بولسا،
دەۋرىمىزگە ۋە يەنە خەلقىمىزگە خاس بولسا،
يېتەر بىزگە پايدا-نەپ قانداق، ساختا ئېلاندىن؟؟؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alahidin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-26 18:54  

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3941 سەر
تىللا
508 دانە
تۆھپە
2362 سەر
شۆھرەت
2474 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش مەلىكىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 19:52:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى شېئىركەن ھارمىغايسىز !!

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1064 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 22:47:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەمىيەتتىكى ساختا ئىلانلارنى بەك قامچىلاپسىز رەخمەت سىزگە . ئابدىكېرىم ئابلېز  بۇ شىئېرىدىن بىر ئىلان ئىشلىسە بولغۇدەك يارايسىز . سىز ئۈزىڭىزنىڭ شېئىرلىرىدا جەمىيەتتىكى ناچار مەزمۇنلارنى  ھەم ناچار پارىخور باشلىقلارنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ يېزىپ چىقىشىڭزنى ئۈمۈت قىلىمەن . بۇ جەھەتتە مۇنبەردىكى بارلىق مائارىپچىلار .سىزنىڭ نادىر تىمىللرىڭىزنى  ئۇقۇشقا بەك ئىنتىلىۋاتىدۇ. رەخمەت سىزگە .
ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 10:25, Processed in 0.127928 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش