پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 85|ئىنكاس: 4

ئويغاندىم قەلبىڭدە يانغان سۈبھىدە[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
65
قىزغىنلىق
1134 سەر
تىللا
380 دانە
تۆھپە
493 سەر
شۆھرەت
593 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 14:54:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئويغاندىم قەلبىڭدە يانغان سۈبھىدە

ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت

ئويغاتتىڭ روھىمنى چۈشلەرگە ئەسرار،
ئويغاندىم قەلبىڭدە يانغان سۈبھىدە.
نۇرلارنىڭ سەتھىدە چاقناقلىقىم بار،
چاقنىدىم نىگاھىڭ يۈكسەكلىكىدە.
×   ×   ×   ×
سۈكۈتلەر ئۈگدىگەن روھىمدا تىمتاس،
بۇلاقلار ئۇيۇغان قەلبىمدە تەگسىز.
دەريالار كۆك مۇزدىن كىيىشكەن لىباس،
ئويغانماس قىنىمدا ئۇيقۇدىن چەكسىز.

قۇتقازدىم ئۆزۈمنى بار كۈچۈم بىلەن،
كۆزگۈمدىن يىراقلاپ كەتتى ئويغىنىش.
تۈنلەرگە چۆكتىما-شۇڭغۇدۇم تىرەن،
بار مەندە ئەسلىمگە لېكىن، ئىنتىلىش.

چاقىردىڭ، روھىمدا چېقىلدى چاقماق،
دەۋرەتتى جىسمىمنى قانلار شاۋقۇنى.
چاقىردىڭ ھاياتنى، كۈيلىدىم ياڭراق،
كۈيلەر بار ساڭا ھەم، كۈيلەر دولقۇنى!

ئويغاتتىڭ سەن مېنىڭ روھىمنى بەرھەق،
قۇياشتەك مېھرىڭگە تويۇندى قەلبىم.
يوللار بار ئەتەمگە، ئاچتىم تەقمۇ-تەق،
سۆيۈلدۈم ھاياتقا، سۆيۈندى قەلبىم.

ئويغىنىش ئېپ كەلدى ھاياتنى ماڭا،
ئويغاندىم ئاداققىي سۈبھىگە قەدەر.
دۇنيانىڭ كۆزىدە سىنچىلاپ ساڭا،
ئىستەكلەر قەلبىمدە ۋىلىقلاپ كۈلەر.

چاقناتتىڭ روھىمدا ئۆڭگەن تارىخنى،
ئويغاتتىڭ روھىمنى چۈشلەرگە ئەسرار.
ياشناتتىڭ سەن مەندە ئۆلگەن تارىخنى،
قەلبىمدە ھېكمەتتىن تىكلىدىڭ مۇنار!

1994-يىلى، 9-ئاينىڭ 9-كۈنى، يېڭىسار.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alahidin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-26 14:56  

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
admin + 4 + 3 + 5 + 3ياخشى تېما.

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 4 تىللا + 3 تۆھپە + 5 شۆھرەت + 3  باھا خاتىرىسى

ئاتامان

بايقاش

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
8093 سەر
تىللا
6962 دانە
تۆھپە
4561 سەر
شۆھرەت
5249 سەر

ئاتامانمۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 15:34:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر-بىرىدىن ئېسىل يېزىلغان شىئېرلارنى يوللاپ بايقاشنى شىئېرىيەت گۈلزارىغا ئايلاندۇدىڭىز. مىنىڭ بىر تەكلىۋىم باتتى. بولسا سىزنىڭ بارلىق شىئېرلىرىنى توپلام قىلىپ ئىلكىتاب چىقارساق قانداق بۇلار؟ ئويلىشىپ كۆرگەن بولسىڭىز.
مائارىپچىلارنىڭ ئىللىق ئائىلىسى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1134 سەر
تىللا
380 دانە
تۆھپە
493 سەر
شۆھرەت
593 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 15:48:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەشرىياتقا تاپشۇرۇش ئۈچۈن لېرىك شېئىرلىرىمدىن بىر توپلام، ساتېرالىرىمدىن بىر توپلام ئىشلەۋاتىمەن، يېقىندا پۈتىدۇ. سىز دېگەندەك ئىلكىتاب قىلىپ ئىشلىسەك بولىدۇ.  بىراق، لېرىك شېئىرلار بىلەن ساتېرالارنى بىرلەشتۈرسەك بولمايدۇ دەپ قارايمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alahidin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-26 16:00  

ئاتامان

بايقاش

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
8093 سەر
تىللا
6962 دانە
تۆھپە
4561 سەر
شۆھرەت
5249 سەر

ئاتامانمۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 16:39:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alahidin يوللىغان ۋاقتى  2012-8-26 19:48
نەشرىياتقا تاپشۇرۇش ئۈچۈن لېرىك شېئىرلىرىمدىن بىر توپ ...

مىنىڭ مەقسىتىم توپلام ئەسەرلىرىڭىزنى كىتاب يۈزىدىلا ئەمەس كومپيۇتېر ۋە تېلغۇنلاردىمۇ كۆرگىلى بۇلىدىغان قىلىپ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇش. سىز نەشىرىياتقا بەرمەكچى بۇلىۋېتىپسىز. ئالدى بىلەن نەشىر قىلىنسۇن ئاندىن قىلساقمۇ بۇلىدۇ.

باھا سۆز

زەپەر سىزنىڭ داۋاملىق نادىر ئىجادىي شىئېرلىرىڭىزنى يوللاپ تۇرشىڭزنى ئۈمۈت قىلى  يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 23:13:38
مائارىپچىلارنىڭ ئىللىق ئائىلىسى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1064 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 23:11:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە بايقاشنى گۈللەندۈرۈشكە نىسپىتەن بەك جاپا لارنى چىكىۋاتىسىز. بۇلۇپمۇ ئۈزىڭىزنىڭ ئىجادىي شىئېر لىرىڭىزنى يوللاپ مۇنبەر ئەھلىگە يوللاۋاتىسىز  .مۇنبەردىكى زىيارەتچىلەر سىزنىڭ بۇ روھىڭىزدىن رازى ھەم خۇشال بۇلۇپ ھەر كۈنى سىزنىڭ يىڭى -يىڭى شىئېرلىرىڭىزنى ئۇقۇشقا ئۈمۈت كۈتمەكتە .
ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 08:19, Processed in 0.129610 second(s), 35 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش